باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
موڭغۇلىيەدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار
مەنبەسى:شىنجاڭ ئاكادىمىيە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-10 08:21:31

                                                     ئاپتور: ئابدۇراخمان ئەبەي

موڭغۇلىيە جۇمھۇرىيىتى ئۇيغۇرلار ياشىغان قەدىمىي ئەللەرنىڭ بىرى . مىلادىيە 9- ئەسىردە ئورخۇن - يېنسەي(ئاناساي) دەرياسى بويىدىكى ئۇيغۇر قەبىلىسىنىڭ ئاساسىي قىسمى غەربىي جەنۇبقا -- ھازىرقى شىنجاڭدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىغا ئاخىرقى قېتىم كۆچكەندىن كېيىن موڭغۇل دالاسىدا قالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر دەسلەپتە موڭغۈل - شىرۋى قەبىلىسىگە ، كېيىن موڭغۇللارنىڭ كەرەي قەبىلىسى ۋە تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان نايمان ، مەركىت قەبىلىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى ياكى موڭغۇللارغا ئاسسىمىلياتسىيە بوپكەتتى . 13 - ئەسىردە چىڭگىزخان موڭغۇل دالاسىدىكى بارلىق قەبىلىنى بىرلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلگەن موڭغۇل دۆلىتىنى قۇردى . ئۇ يەنە 1279- يىلدىن 1368- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا تارىختىكى بۈيۈك ئىمپېرىيە يۈەن سۇلالىسىنى بەرپا قىلدى .1911- يىلى يانۋاردا موڭغۈل خانى چاررۇسىيەنىڭ قوللىشى بىلدن "ئاپتونومىيە " ئېلان قىلدى . كىيىن موڭغۈل خەلق ئىنقىلابى غەلىبە قىلپ ، ا192- يىلى 11- مارتتا موڭغۇلىيە خەلغ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى . 1945- يىلى غىۋرالدا ئەنگىلىيە ، ئامېرىكا ، (سابىق) سوۋېتلەر ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يالتا يىغىنىدا سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ياپونعا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش شەرتى بىلەن موڭعۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالدى . 1946- يىلى 5- يانۋاردا جۇڭگو ھۆكۈمىنى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى . موڭغۇلىيەنىڭ ھازىرقى يەر كۆلىمى 1 مىليون 564 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر ، نوپۇسى 3 مىليون 14 مىڭ (2009- يىللىق ئىستاتسىتىكا) . ئارىدىن توپتوغرا مىڭ يىل ئۆتكەندە ، يەنى 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ئاتۇش، قەشقەر ، خوتەن ئالتايدىن بىر تۈركۈم ئۇيعۇر سودا - سېتىق بىلەن (تاشقى) موڭغۇلىيە تېررىتورىيىسىگە قايتا كىرىشكە باشلىدى . ئاق كۆڭۈل موڭغۇل خەلقى ئۇيغۇرلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىدەك قىزغىن ، ئادىل مۇئامىلە بىلەن كۈتۈۋالدى ـ ھۆكۈمەت ئۈلارغا موڭغۇللار بىلەن تەڭ – باراۋەر ياشايدىعان ھوقۇق بەردى .

موڭغۇلىيەگە ئەڭ دەسلەپتە بارغان ئۇيغۇرلار ئالتايدىكى ھەمراجان ، سەلەي باي ، ھوشۇر ھاجىم قاتارلىق سودىگەرلەر بولۇپ ، ئۇلار مىلىچماللار ، يەنى چاي ، يىپ - يىڭنە ، كىيىم –كېچەك ، دورا دەرمەك سودىسى قىلىدىعانلار ئىدى . ئۇ چاعدا (تاشقى) موڭعۇلىيە جۇڭگونىڭ زېمىنى بولغاچقا ، ئارىدا چېگرا ۋە رەسمىيەت بېجىرىش مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . بۇ سودىگەرلەر ئاپارغان ماللىرىنى ئۇ يەردىكى موڭغۇل چارۋىچىلار بىلەن تۈلكە تېرىسى ، قۈندۇر تېرىسى ، بۆكەن مۆڭگۈزىگە تېڭىشىپ قايتاتتى . بۈ ماللارنى ئالتايدا ئىچكىرىدىن كەلكەن خەنزۇ سودىگدرلدر يۇقىرى باھا بىلەن سېتىۋالاتتى . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ سودىسى نەچچە ئون ھەسسە پايدا قىلاتتى . ئەمما ، بۇ سودا ئەتكەس مال سودىسى دەپ قارىلاتتى ، شۇڭا بەزىدە يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىناتتى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق