باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ‹‹تەسلىمنامە››ئېلان قىلىشىنىڭ باش–ئاخىرى
مەنبەسى:شىنجەڭ ئاكادىمىيە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-10 16:24:30

3– سېنتەبىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبە قىلغان خاتىرە كۈن. بۇنىڭدىن 65 يىل ئىلگىرىكى 2 – سېنتەبىر ياپونىيە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ توكيو قولتۇقىدا توختىغان ‹‹مىسسۇرى›› ناملىق ئۇرۇش پاراخوتىدا تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىمۇ ياپونىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان.

ئامېرىكا تەسلىمنامىگە تەڭرىقۇتنى ئىمزا قويدۇرماقچى بولغان

1945– يىلى 2 – سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ياپونىيەنىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى، دىپلوماتىيە ۋەزىرى مامورۇ شىگېمىتسۇ بىلەن ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى يوشىجىرۇ ئۇمېزۇ ‹‹مىسسۇرى››ناملىق پاراخوتتا تەسلىمنامىگە ئىمزا قويغان. ئارقىدىنلا، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسىنىڭ ئالىي قوماندانى، مارشال ماكئارتۇر ئىمزا قويغان، ئامېرىكا ۋەكىلى، جۇڭگو ۋەكىلى(شۈ يوڭچاڭ) ھەم ئەنگلىيە، سوۋېت ئىتتىپاقى، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن ئىمزا قويغان.

ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپونىيە رادىيودا ئېلان قىلغان ياپونىيە تەڭرىقۇتىنىڭ تەسلىمنامىسىدا: ‹‹شوۋانىڭ 20 – يىل 7 – ئاينىڭ 26 – كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى پوتىسدامدا ئېلان قىلغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قاتناشقان خىتابنامىدە بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ماددىلارنى قوبۇل قىلدىم، شۇڭا ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە چوڭ لاگېرنىڭ ماڭا ۋاكالىتەن ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئالىي قوماندانى سۇنغان تەسلىمنامىگە ئىمزا قويۇشىنى ھەم ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ئالىي قوماندانىنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئاساسەن، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئومۇمىي بۇيرۇق ئېلان قىلىشىنى بۇيرۇيمەن. پۇقرالىرىمغا دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، قوراللىرىنى تاشلاپ، تەسلىمنامىدىكى بارلىق ماددىلارنى ھەم ئىمپېرىيە ھۆكۈمىتى ۋە چوڭ لاگېر ئېلان قىلغان ئومۇمىي بۇيرۇقنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشنى بۇيرۇيمەن››، دېيىلگەن.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق