باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى
مەنبەسى: |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-10 16:52:17

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋەتەن ئۇرۇشى –– 2 – دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرمانىيە فاشىستلىرى، شۇنداقلا ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ گېرمانىيە 1941 – يىلى 6 – ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلغاندىن تارتىپ 1945 – يىلى 5 – ئايدا تەسلىم بولغانغا قەدەر داۋاملاشقان بولۇپ، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

گېرمانىيە 1941 – يىل 6 – ئاينىڭ 22 – كۈنى ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن گېرمانىيە ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق ئەھدىنامىسى››نى يىرتىپ تاشلاپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. گېرمانىيە، فىنلاندىيە، ۋېنگرىيە ۋە رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 190 دىۋىزىيەسى شىمال، ئوتتۇرا، جەنۇبتىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇپپىۋاي ئارمىيە بولۇپ تەشكىللىنىپ، لىتۋانى، لاتۋىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى، شۇنداقلا بېلارۇسىيە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسىمىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1941 – يىلى 10 – ئايدا، گېرمانىيە موسكۋاغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلغان، سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى ئاكتىپ مۇداپىئەگە ئۆتۈپ، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ زور قوشۇنىنى يوقاتقان ھەم 1942 – يىلى 1 – ئايدا موسكۋا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى 1942 – يىل 11 – ئاينىڭ 19 – كۈنى سېتالىنگرادتا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، 1943 – يىل 2 – ئاينىڭ 2 – كۈنى گېرمانىيەنىڭ قورشاۋدا قالغان قىسىمىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلغان. سىتالېنگراد ئۇرۇشى سوۋېت – گېرمانىيە ئۇرۇشىنىڭ تۈپ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان ھەم 2 – دۇنيا ئۇرۇشىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن. 1943 – يىلى 8 – ئايدا، سوۋېت ئىتتىپاقى كۇرىسىك ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيە ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، پۈتۈن لىنىيە بويىچە مۇداپىئەگە ئۆتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى 1944 – يىلى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇمىي قايتۇرما ھۇجۇم قوزغاپ، گېرمانىيە ئارمىيەسىگە ئون قېتىم زەربە بېرىش ئارقىلىق قولدىن كەتكەن زېمىنىنى پۈتۈنلەي قايتۇرۇۋالغان ھەم ئۇرۇشنى گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ زېمىنىغا يۆتكىگەن، فىنلاندىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە ۋە ۋېنگرىيەنى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ، گېرمانىيەگە قارشى تۇرۇشقا مەجبۇرلىغان.

سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسى 1945 – يىلىنىڭ بېشىدا كۈچلۈك ھۇجۇم قوزغاپ، پولشا ۋە چېخوسلوۋاكىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن، شەرقىي پىروسسىيە ۋە سىلسىيەنى ئىگىلىگەن، 1945 – يىل 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنى بېرلىننى ھۇجۇم بىلەن ئالغان ھەم 5 – ئاينىڭ 8 – كۈنى گېرمانىيەنى شەرتسىز تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان.

سوۋېت – گېرمانىيە ئۇرۇشى 20 – ئەسىردىكى ئەڭ پاجىئەلىك ۋە ئەڭ قانلىق ئۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ئۇرۇشتا سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيەسىنىڭ 8 مىليون 668 مىڭ 400 ئەسكىرى، گېرمانىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ 6 مىليوندىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلگەن.

سوۋېت – گېرمانىيە ئۇرۇشى دۇنيانىڭ فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن. سوۋېت ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە غەرب ئەللىرىدىكى ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى سوۋېت ئىتتىپاقى قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتمىگەن بولسا، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىنى پەرەز قىلماق تەس، ئىدى دەپ قارىغان.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق