باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
ناپالېئون چارروسىيىگە پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشى قوزغىغان
مەنبەسى:شىنجاڭ ئاكادىمىيە تورى |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-10 17:01:07

ناپالېئون 1812 – يىلى چار روسىيە ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئاخىرى موسكۋادا پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1895 – يىلى روسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەتبەئەچىلىك كۆرگەزمىسىدە، روسىيە ئارمىيىسى ئەينى يىلى ئولجا ئالغان بىر بۇيۇم كۆرگەزمىگە قويۇلغان. قارىماققا ئانچە كۆزگە چېلىقمايدىغان بۇ ئۈسكۈنە ئەمەلىيەتتە ناپالېئون قوشۇن بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرگەن پۇل بېسىش ماشىنىسى بولۇپ، بۇنىڭغا بىر قېتىملىق قىزىقارلىق پۇل مۇئامىلە ئۇرۇشىنىڭ تارىخى يوشۇرۇنغان.

چاڭ – توزاندىن پايدىلىنىپ كونا ساختا پۇل ياساش

1810- يىلى 3 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى، فرانسىيىلىك ھەيكەلتىراش لارت پارىژ مونتپارناسسې ئەتراپىدىكى ۋاۋژىرارد كوچىسىغا كېلىپ، كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان بىر ئۆيگە كىردى. تېشىدىن قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان بۇ ئۆي ئەمەلىيەتتە ناپالېئوننىڭ مەخپىي پۇل بېسىش زاۋۇتى ئىدى. بىر نەچچە ناتونۇش ئەر ئۇنى بىر چەتكە چاقىرىپ، ئۇنىڭغا رۇبلىنىڭ بىر نەچچە نۇسخىسىنى بەردى ھەم دەرھال بۇ پۇللارنىڭ قېلىپىنى مىس تاختىغا ئويۇشنى تاپشۇردى.

پادىشاھنىڭ پەرمانى شىپى كەلتۈرۈلگەچكە، لارت قايتقاندىن كېيىن، ئەستايىدىللىق بىلەن پۇل قېلىپىنى ئويۇشقا باشلىدى. لارت بىرنەچچە باسما ئىشچىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئاخىرى نۇرغۇن ساختا رۇبلى بېسىپ چىقتى. يېڭى پۇلنىڭ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۇنى كونىرىتىشقا توغرا كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئىشچىلار ئەپچىل بىر چارە تاپتى: يەنى پۇل زاۋۇتى ئىچىدە چاڭ – توزانلىق بىر ئۆي تەييارلاپ، يېڭىدىن بېسىلغان ساختا رۇبلىلارنى چاڭ – توزان بېسىپ كەتكەن پولغا تاشلاپ، چوڭ سۈپۈرگە بىلەن ئۇ باشتىن بۇ باشقا سۈپۈردى، يېپيېڭى ساختا رۇبلىلار ناھايىتى تېزلا كونا پۇلغا ئايلاندى.

چار روسىيە 1804 – يىلىدىن باشلاپ ئون يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇشنى باشتىن كەچۈردى، يەنى ئاۋۋال پېرسىيە، تۈركىيە، شۋېتسارىيە بىلەن، ئارقىدىن فرانسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلدى. چار پادىشاھ قورال – ياراغلارنى بولۇشىغا ئىشقا سېلىپ ھەممە تەرەپكە قوشۇن تارتقاچقا، ھەربىي چىقىم ئېشىپ كېتىپ، دۆلەت مالىيىسى بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. كىرىم چىقىمنى قامدىيالمىغان ئەھۋالدا، چار پادىشاھ پەرمان چۈشۈرۈپ نۇرغۇن قەغەز پۇل باستۇردى، نەتىجىدە پۇلنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مال باھاسى تېز ئۆرلەپ كەتتى.

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق