باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
ئەينەك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئابدۇخالىق ئەمەت | يوللانغان ۋاقىت:2013-11-27 12:51:26

 

 

ئەينەك قۇم، ھاكتېشى ۋە كاربونات ئارلاشتۇرۇلۇپ ياسىلىدۇ. ئادەتتە بىر ئەينەكنى يورۇق، پاكىز جىسىم دەپ قاراينىز. ئامەلىيەتتە قەدىمكى زاماندا ئەينەك خام ماتېرىيالىنىڭ تەركىبىي ساپ بولمىغاچقا، ھازىرقىدەك سۈزۈك بولماستىن، بەلكى ئاز - تولا رەڭگە ئىگە.

ئەينەك مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 2600 - يىلى ئەينەك تۇنجى قېتىم مېسوپوتامىيە (يەنى ھازىرقى ئىراق) ياكى مىسىردا پەيدە بولغان.

قەدىمكى مىسىرلىقلار كىچىك ئەينەك قۇتىلىق زىننەت بۇيۇملىرىنى ياساشقا ماھىر بولۇپ، ئۇلار ياسىغان ئەينەك قاچىلارنىڭ ھەر قەۋىتى ھەر خىل رەڭدە ئىنتايىن كۆركەم ياسالغان. ئەينەك قاچىلارنى پۈۋلەپ ياساش ياكى يېرىم ئاقما ھالەتتىكى ئېرىگەن ئەينەكنى پۈۋلەپ كجپتۈرۈپ ئوتتۇراھال تىپلىق ئەينەك قاچىلارنى ياساش كېيىن ئىقاد قىلىنغان. تۇنجى تۈركۈمدىكى پۈۋلەپ ئەينەك بۇيۇم ياساش ئۇستىلىرى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 1 - ئەسىردە سۈرىيىدە مەيدانغا كەلگەن.

ئەينەك دېرىزە تېخىمۇ كېيىن ئىجاد قىلىنغان. دېرىزە ئەينەكلىرى ئەڭ دەسلەپتە پۈۋلەش ئارقىلىق ياسالغان. چوڭ ئەينەك قاچا پۈۋلەش ئارقىلىق ياسالغاندىن كېيىن تەكشىلىنىپ بىر پارچە ئەينەككە ئۆزگەرتىلگەن. مىلادىيە 100 - يىللىرى ئەتراپىدا ھازىرقى زامان تۈسىگە ئىگە سۈزۈك ئەينەك ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىغان، بىراق، مىڭ نەچچە يىل ئىچىدە بۇ خىل ئەينەك بىر خىل قىممەتلىك زىبۇزىننەت بۇيۇمى سۈپىتىدە ئەتىۋارلىنىپ كەلگەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق