باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
يىپەك يولىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەھمىيىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-12 12:51:41

ياڭ شۈې
مۇھەممەد تۇراپ تەرجىمىسى


   جوڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى›› بەرپا قىلىشى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىىپاقى بىلەن ‹‹دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى›› بۈيۈك دىپلوماتىيە ئەندىزىسىنى بېكىتىشىگە ئەگىشىپ، يىپەك يولىغا ئەھمىيەت بېرىش دولقۇنى يەنە بىر قېتىم قوزغالدى. بىراق جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۈچ دۆلەتنىڭ يىپەك يولىنى دۇنيا ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى كەينىدىن ساناش باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
    يىپەك يولى مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە باشلىنىپ مىلادىيە 16-ئەسىرگىچە داۋاملاشقان قەدىمكى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا سودا بىلەن مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناشنىڭ چوڭ تومۇرى ۋە شەرق بىلەن غەرب مەدەنىيىتىنىڭ ئۇچرىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش يولى دەپ ھېسابلاندى. ئۇ جۇڭگونىڭ چاڭئەن بىلەن لوياڭنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۆتۈپ غەربكە قاراپ ماڭغاندا ئوتتۇرا يەر دېڭىزى رايونىغا، جەنۇبتا جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقىغا سۇزۇلىدۇ. ياۋروپا-ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقى بىلەن غەربىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 10 مىڭ كىلومېتىر، جەنۇبى بىلەن شىمالىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 3000 كىلومېتىر كېلىدىغان بىپايان كەڭ رايونلار ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مەدەنىيەت يولى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ يولغا گېرمانىيەنىڭ جۇغراپىيە ئالىمى ئەڭ بۇرۇن 19-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ‹‹يىپەك يولى›› دەپ نام بەرگەن بولۇپ، بۇ نام كەڭ كۆلەمدە قوبۇل قىلىندى. 2006-يىلىدىن بۇيان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تۈرتكىسى ئارقىسىدا، ئېلىمىز بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر يىپەك يولىدا دۆلەت ھالقىغان دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى. كۆپ قېتىم مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بۇ يىل يانۋار جۇڭگو، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئاخىرى يىپەك يولىنى بېكىتتى. باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش باسقۇچى بىلەن تەڭرىتېغى كارىدورنىڭ يول تورى تۈرىنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ھۆججەت نۇسخىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا رەسمىي يوللىدى. ھەر يىلى بىر دۆلەتنىڭ دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىشىدا پەقەت بىرلا سان بولغانلىقتىن، جۇڭگو 2014-يىلى بۈيۈك قانالنى ئىلتىماس قىلماقچى بولدى. شۇڭا بۇ قېتىم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلىش سانىدا قىرغىستاننىڭ سانىنى ئىشلىتىدىغان بولدى.
    قىرغىستاننىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى قەدىمكى ئىزى ئاقبېشىم خارابىلىقى، برانا خارابىلىقى، كاراسىنايا رۈيشىكا خارابىلىقى ئادەتتىكى كىشىلەرگە تولىمۇ ناتونۇش. ئەمما جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۈيۈك شائىرى لى بەينىڭ تۇغۇلغان جايىنىڭ توقماق شەھىرى ئىكەنلىكى جۇڭگولۇقلارغا تونۇشلۇق بولۇپ، توقماق شەھىرى بۈگۈنكى كۈندە ئاقبېشىم خارابىلىقى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ يېڭى شەھەر (كۆپچىلىك ئادەتتە ئېيتىۋاتقان كاراسىنايا رۈيشىكا خارابىلىقى)، بالاساغۇن شەھىرى (بۈگۈنكى برانا خارابىلىقى) غەربتىن شەرققە چۇ دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان.
    توقماق شەھىرى سۇياب شەھىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ مىلادىيە 5-ئەسىردە قۇرۇلۇپ، مىلادىيە 13-ئەسىردە موڭغۇللار تەرىپىدىن غەربكە سەپەر قىلىش نەتىجىسىدە ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، جۇڭگونىڭ تاڭ سۇلالىسى خانى گاۋزۇڭنىڭ تىئاۋلۇ بىرىنچى يىلى (679-يىلى) غەربىي يۇرتتا مۇھىم بازار قۇرغان بولۇپ، بۇ جۇڭگونىڭ تارىختىن بۇيان غەربىي قىسىم رايۇنىدا قۇرغان ئەڭ يىراق چېگرا شەھىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كۇسەن، سۇلې ۋە يۈتيەن بىلەن قۇشۇلۇپ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ‹‹ئەنشىدىكى تۆت بازار›› دەپ ئاتالغان.
    توقماق شەھىرى جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ مۇھىم يۇلىغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن كەلگەن. ئەڭ بۇرۇنقى ئاھالە سوغدىلار بولۇپ، كېيىن تۈركلەر ۋە خەنزۇلار چۇ دەرياسى ۋادىسىغا ئارقا-ئارقىدىن كىرىپ ماكانلاشقان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە توقماق شەھىرىنى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەنە نۇرغۇن خەنزۇلار بۇ شەھەرگە كېلىپ ماكانلاشقان. قەدىمكى شەھەرنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا زور بىر تۈركۈم دىن خارابىلىرى، جۈملىدىن بۇددا دىنى بۇتخانىلىرى، نېستۇرىيان دىنى چېركاۋلىرى، نېستۇرىيان دىنى، ئاتەشپەرەسلىك دىنى ۋە مانىي دىنىدىكىلەرنىڭ قەبرىسى جايلاشقان. ئەينى ۋاقىتتا توقماق شەھىرى ئاھالىلىرى بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى ۋە مانىي دىنىدىن ئىبارەت دۇنيا خاراكتېرلىك ئۈچ دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. ئارخېئولوگلار قېزىۋالغان بۇيۇملار شۇ جايدىكى دىنى مۇراسىم رايونلىرىنىڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق جايلاشقانلىقى، بۇددا ئىبادەتخانىسى، مانىي دىن ئىبادەتخانىسى، نېستۇرىيان دىن چېركاۋلىرى ۋە مانىي دىنى ئىبادەتخانىلىرىنىڭ كىچىك شەھەرنىڭ سىرتىغا جايلاشقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ بىر قانچە خىل دىن ئېتىقادنىڭ شۇ يەرلىك ئاھالىلارغا نىسبەتەن سىرتتىن كەلگەن دىن ئىكەنلىگىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ. ئارخېئولوگلار توقماق شەھىرى ئىبادەتخانىسى خارابىلىقىنىڭ ئىچىدىن تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت پۇللارنى بايقىغان بولۇپ، ئۈستىگە ‹‹كەييۈەن توڭباۋ›› ۋە ‹‹دالى توڭباۋ›› دىگەن خەنزۇچە خەتلەر چۈشۈرۈلگەن.
    ئەمدى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا دۇنيا مىراسلىرىغا ئىلتىماس قىلغۇچى دۆلەت قازاقىستان ئۈستىدە توختىلايلى. قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى زېمىنى ئەڭ كەڭ دۆلەت بولۇپ، يىپەك يولى قازاقىستاننىڭ چېگرىسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئالمائاتا قەدىمكى زاماندا جۇڭگودىن ئوتتۇرا ئاسىياغا قاتنايدىغان يىپەك يولىنىڭ ئۆتۈشكە تىگىشلىك جايى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن غەرپ سودىسىنىڭ مۇھىم بېكىتى ھېسابلانغان. رىم ئىمپېراتورى كونىستانتىن ئوغلىغا قالدۇرغان ۋەسىيەتنامىسىدە: ‹‹ئۇنىڭ سىرتىنى قازاقيادا يايلىقى ئوراپ تۇرىدۇ، ئاندىن قازاقيادىن ئۆتسە ئارنداغا بارغىلى بولىدۇ››، دەپ يازغان. قەدىمكى قازاقلار بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەتراپلىرىدىكى ساك، ئۇيسۇن ۋە ياۋچى قاتارلىق قەدىمكى چارۋۇچى قەبىلىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇلار دەل ھازىرقى زاماندىكى قازاقلارنىڭ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ. ‹‹قازاق›› دېگەن سۆز تۈرك تىلىدا ‹‹كۆچمەن چارۋىچى›› دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. تەڭرىتېغىدىن ئىچكى دېڭىزغا بارىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا يايلىقى دەل كۆچمەن چارۋىچىلىق قىلىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. بۇ رايۇنغا 9000 دىن كۆپرەك ئارخېئولوگىيە خارابىلىقلىرى جايلاشقان بولۇپ، بۇنى مىسلىسىز ئۆزگىرىش ياسىغان زېمىن دەپ كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
    بۇ قېتىم يىپەك يولىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە ئىلتىماس قىلىش داۋامىدا ئالىملارنى ئەڭ ئىنتىزار قىلغىنى، رەڭگارەڭ مۇھىم مىڭئۆيلەر ئارقىلىق دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇش بولدى. مەسىلەن: قىزىل مىڭئۆيدە غەربىي يۇرت رايونىدىكى ھازىرقى ساقلىنىشى ئەڭ بۇرۇن، كۆلىمى ئەڭ زور، تەسىرى ئەڭ كەڭ بولغان بۇددا دىنى مىڭئۆي ئىبادەتخانىسى ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇ ئۆزىگە خاس مىڭئۆي شەكلى ۋە تام سىزما ئۇسلۇبى ئارقىلىق بۇددا دىنىنىڭ غەربىي يۇرت رايونى ئارقىلىق شەرققە تارقىلىش ئىزنالىرى ۋە تارقىلىش داۋامىدىكى يەرلىكلىشىش جەريانلىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. بولۇپمۇ، مىڭئۆيلەردە ھازىر ساقلىنىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ مول بۇددا دىنىنى تارقىتىدىغان تام سىزمىلىرى دەسلەپتە ئىجاد قىلىنغاندا ‹‹مەركىزىي تۈۋرۈكلۈك مىڭئۆي›› (كۈسەن ئۇسلۇبىدىكى مىڭئۆي) ۋە ‹‹چوڭ ھەيكەللىك مىڭئۆي›› شەكلىدە بولۇپ، غەربتىن كەلگەنلىك بەلگىسى بىلەن كۇسەننىڭ ئۆز يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ بىرلىشىشى ۋە راۋاجىنى كۆرسىتىپ بىرىپ، ئۆزىگە خاس كۇسەن ئۇسلۇبىنى نامايەن قىلغان. ئۇ دۇنخۇاڭدىكى موگاۋ غارى، مەيجىشەن تېغى مىڭئۆيى، بىڭلىڭ ئىبادەتخانىسى مىڭئۆيى، بىنشەن ناھىيەسىدىكى چوڭ بۇت ئىبادەتخانىسى مىڭئۆيى، سۇبېشى بۇددا ئىبادەتخانىسى بىلەن بىرلىكتە ساقلانغان دەۋر، بەدىئىي ئۇسلۇپ، مىڭئۆي ياكى بىناكارلىق ئۇسلۇبى قاتارلىق جەھەتلەردە ئىنسانىيەتنىڭ ئۈچ چوڭ دىنىنىڭ بىرى بولغان بۇددا دىنىنىڭ يىپەك يۇلىنى بويلاپ جۇڭگونىڭ چېگرىسى ئىچىدە تارقىلىش ئىزنالىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. ئۇزۇنغا سۇزۇلغان يىپەك يۇلىدا ئېلىپ بېرىلغان دىن مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ ئاساسى تېمىسىنى گەۋدىلىك نامايەن قىلىپ بىرىدۇ.
    مەدەنىيەتنىڭ مەنبەسى بىلەن تەرەققىيات نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ قېتىم دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە بىرلىشىپ ئىلتىماس قىلىشنىڭ مەدەنىيەت لىنىيە باسقۇچى بىر قاتار دىن، مەركىزىي شەھەر، بازار، تاشلىنىپ قالغان خارابىلىق ۋە ئۇلارنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى تەسىر كۆرسىرىش ئىزنالىرى ئارقىلىق مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردىن مىلادىيە 16-ئەسىر ئارلىقىدا ئاسىيا-ياۋرپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ نۇرغۇن مەدەنىيەت رايونلىرى، بولۇپمۇ يايلاقتىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن دېھقانچىلىق تېرىلغۇسى رايونلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن كۆپ خىل مۇھىم تەسىرلەرنى نامايەن قىلىدۇ. دىنىي ئېتىقات، شەھەر مەدەنىيىتى، بىناكارلىق لايىھەسى، ئولتۇراقلىشىش ئۇسۇلى، تاۋار سودىسى، مىللىي ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ يېقىنقى 18 ئەسىر داۋامىدا نۇرغۇن كەسىپلەردە يوقىلىۋاتقان قەدىمكى زاماندىكى مىللەت ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ سىغىشالايدىغان تارىخىي ئەنئەنىسىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ.
    شەك-شۈبھىسىزكى، بۇ بىر ئەينەك بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا كۆرگىلى بولىدىغان دىنى توقۇنۇش ۋە مەدەنىيەتتە قارشىلىشىشنى ھەل قىلىشقا ناھايىتى ياردەم بىرىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق