باش بەت>>مەدەنىيەت>>تەتقىقاتلار
تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەن ۋە غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار | يوللانغان ۋاقىت:2014-06-20 13:27:13

شىنجاڭ تارىخى ۋە شىنجاڭدىكى مىللەتلەر تارىخىدىن قىسقىچە لېكسىيە (5)
تيەن ۋېيجاڭ (شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى)

 تۆتىنچى لېكسىيە
1. خۇيچاۋنىڭ ھېكايىسى (تۈرك ۋە غەربىي يۇرتنىڭ تۈركلىشىش مەسىلىسى)
سۈي، تاڭ سۇلالىرى دەۋرىدە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كۆچكەن ھەرقايسى مىللەتلەردىن ئاساسلىقلىرىدىن تۈركلەر، سوغدىلار، ئۇيغۇرلار، خەنزۇلار، تۈبۈتلەر بار.
تۈركلەر بىر قەدىمىي مىللەت بولۇپ، ئەينى دەۋردە قۇدرەتلىك تۈرك خانلىقىنى بەرپا قىلغان. تۈرك خانلىقى كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەر ئىتتىپاقىدىن تەشكىللەنگەن خانلىق بولۇپ، خانلىقنى تەشكىل قىلغۇچىلاردىن تۈركلەردىن باشقا يەنە باشقا مىللەتلەرمۇ بار. بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئىختىيارىي ئەمەس بەلكى مەجبۇرىي ھالدا تۈرك خانلىقىغا قارام بولغان چارۋىچى قەبىلە ۋە قەۋملەر ئىدى. شۇڭلاشقىمۇ تۈرك خاندانلىقىنىڭ ئورتاق بولغان ئىقتىسادىي ئاساسى ۋە سىياسىي ئىتتىپاقلىقى تولىمۇ ئاجىز بولغان. تۈرك خاندانلىقىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى خاندانلىققا پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ ھەربىي كۈچىمۇ زور دەرىجىدە ئاجىزلىغان. خاندانلىقنىڭ ئىچكى قىسمىدا توختىماي ئىچكى نىزا كۆتۈرۈلۈپ، شەرق، غەرب خاندانلىقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەن، مىلادى 630 – يىلىغا كەلگەندە شەرقىي تۈرك خاندانلىقى تاڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان. 657 – يىلى غەربىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ ئاقساقىلى ئاشىنا قۇلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغاچقا تاڭ سۇلالىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ مۇنقەرز بولغان، ئاھالىلىرى باشقا مىللەتلەرگە تەۋە بولۇپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن قەدىمكى ھەرخىل ئېتنىك توپلارنىڭ بىرلەشمىسى بولغان تۈرك خاندانلىقى ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى يوقاتقان.
تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئېتنىك توپلار ۋە قەبىلىلەرنىڭ زور تۈركۈمدە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىغا كىرىشى ۋە ئولتۇراقلىشىشى ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا بولغان تەسىرى تۈپەيلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى جايلار بىرقىسىم ئالىملار ئوتتۇرىغا قويغاندەك ‹‹تۈركىي تىللاشقان›› دەۋر بولدى. بۇ خىلدىكى شەرقتىن باشلاپ غەربكىچە بولغان زېمىنلارنىڭ ‹‹تۈركلىشىش››جەريانى غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى مىللەت توپلىرىنىڭ تارقىلىش ھالىتىدە ۋە مەدەنىيەت ئەھۋالىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتىپلا قالماي كېيىنكى دەۋرلەرگىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. بۇ يەردە بىز بىر مىسال كۆرسىتىپ ئۆتەيلى: ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىن ھىندىستانغا بېرىپ بىلىم ئېلىش دولقۇنىدا خۇي چاۋ ئىسىملىك راھىب غەربىي يۇرتنى بېسىپ ئۆتۈپ ئەنەتكەك ئېلىگە نوم ئېلىشقا بارغان، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ساياھىتى ھەققىدە ‹‹ئەنەتكەك ئەللىرىنىڭ تەزكىرىسى›› ناملىق ئەسەرنى قالدۇرغان. بۇ ئەسەر كېيىن يوقاپ كەتكەن، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىرانسىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەچى پىللىئوت دۇنخۇاڭدىكى بۇددا غارلىرىدا ساقلىنىۋاتقان نوملار ئارىسىدىن بۇ ئەسەرنى بايقىغان.
خۇي چاۋنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدە خاتىرىلىنىشىچە: ئۇ بۈگۈنكى كەشمىر تاغلىق رايونىدىكى بىر ‹‹كەشمىر بەگلىكى›› دىكى يەرلىك ھاكىمىيەتتە غەلىتە بىر ئىشنى بايقىغان: ‹‹بۇ ئەلنىڭ يەرلىك پۇقرالىرى غۇزلاردىن تەشكىل قىلىنغان ئىكەن، خانى ۋە چېرىكلىرى تۈركلەردىن ئىكەن. قۇتتال(ھازىرقى تاجىكىستان ئەتراپىدا) ئېلىدە خانلىق ئۇرۇقى تۈركلەردىن ئىكەن، يەرلىكتىكى خەلقلەر يېرىمى غۇز، يېرىمى تۈرك بولۇپ، بىر قىسمى توخرى تىلىدا،، بىر قىسمى تۈرك تىلىدا، بىر قىسمى يەرلىك تىلدا سۆزلىشىدىكەن››. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان يېرىمى غۇز، يېرىمى تۈرك دېگەن بۇ ئۇقۇم غەربىي يۇرتتىكى خەلقلەرنىڭ تۈركى تىللاشقان دەۋرنىڭ تارىخى ئىزىنى شەرھلەپ بېرىدۇ.
ۋېي، جىن، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن كەلگەن قەدىمكى ئېتنىك توپ ياكى مىللەت سۇغدىلارنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى ئەللەر ھەتتا ئېلىمىزنىڭ شىمالىي يايلاقلىرىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەتلەر ۋە چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. سۇغدىلار تۇققۇز ئۇرۇقتىن تەشكىللەنگەن قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تىلى ۋە يېزىقى بار مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. سۇغدىلار سودىغا ماھىر بولۇپ، ئۇلار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا كەڭ زېمىندا ئۆزلىرىنىڭ ئاياغ ئىزلىرىنى قالدۇرغان. سۇغدىلار ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنى تۇتاشتۇرىدىغان قەدىمكى يولدا كۆپلىگەن ئولتۇراق رايونلارنى قۇرۇپ مۇشۇ رايوننىڭ سودا سېتىق ئىشلىرىنى مونوپول قىلىۋالغان.
سۈي، تاڭ دەۋرلىرىدە، بولۇپمۇ تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدا خەنزۇلارنىڭ سانىمۇ خېلىلا كۆپ بولغان. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئەينى دەۋردە تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب، شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان تاڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرى 30 مىڭغا يەتكەن. بۇنىڭ بىلەن تەڭ تاڭ سۇلالىسىنىڭ كۇڭزىچىلىق تەلىماتىمۇ شىنجاڭغا سىڭىپ كىرگەن. ئەينى دەۋردە قۇمۇل، تۇرپان، جىمىسار قاتارلىق جايلاردىكى خەنزۇلارنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشى ئاللىقاچان خەتمەكەردىلىك سىستېمىغا كىرگۈزۈلگەن تۇرپاندىكى خەنزۇلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا مەخسۇس مەكتەپلەر قۇرۇلغان. بۇ ئەھۋاللار مۇشۇ جايدىن تېپىلغان ئارخېئولوگىيەلىك بۇيۇملاردىمۇ ئىسپاتلانغان.
2. تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى
(سۈي سۇلالىسى 581 – 618، تاڭ سۇلالىسى 618 – 960) سۈي سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇجۇ كىيۇ جەمەتى خانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئاقساقاللىرى بەس بەستە ئولپان تاپشۇرۇپ تەۋەلىك بىلدۈرگەن. سۈي سۇلالىسى غەربىي يۇرت رايونىدا كەينى كەينىدىن پىشامشان، چەرچەن، ئىۋېرغول ئايماقلىرىنى قۇرۇپ، ۋېي، جىن سۇلالىرى دەۋرىدە غەربىي يۇرتتا تەسىس قىلىنغان ‹‹ئايماق، ناھىيە تۈزۈمى››نى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۇنى يەنە بىر قەدەم تەرەققىي قىلدۇردى. سۈي سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلغان ۋاقتى قىسقا بولسىمۇ، كېيىنكى مەزگىللەردە تاڭ سۇلالىسىنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە ئاساس سالغانىدى.
تاڭ سۇلالىسى قۇرۇلۇش بىلەنلا (618 – يىلىدىن 960 – يىلىغىچە)، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى بەگلىكلەر ئارقا – ئارقىدىن چاڭئەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ، تاڭ سۇلالىسىگە بەيئەت خاھىشىنى بىلدۈرگەنىدى. 630 – يىلى، ئەسلىدە غەربىي تۈركلەرگە تەۋە بولغان ئىۋېرغول(ھازىرقى قۇمۇل) شەھىرىنىڭ باشلىقى ئۆزىگە تەۋە بولغان يەتتە شەھەر ئاممىسىغا باشچىلىق قىلىپ تاڭ سۇلالىسىگە بېقىنغان. تاڭ سۇلالىسى بۇ يەردە غەربىي ئىۋېرغول ئايمىقى تەسىس قىلغان. بۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى تۇنجى مەمۇرىي ئورگىنى بولۇپ، دەسلەپتە ئىۋېرغول قاتارلىق ئۈچ ناھىيەنى باشقۇرغان. غەربىي يۇرتنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندىن كېيىن قۇچو، ئاگنىي، كۈسەن، سۇلېي قاتارلىق بەگلىكلەر تۇشمۇ تۇشتىن تەۋەلىك بىلدۈرۈشتى.
بۇ دەۋردە غەربىي يۇرتنى كونترول قىلىپ تۇرغان غەربىي تۈرك قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ناھايىتى قويۇق ئىدى. مىلادى 639 – يىلى ئېل بىلگە ئىشبارا قاغان غەربىي تۈركلەرنىڭ چوڭ خانلىق ھوقۇقىنى قولىغا كىرگۈزۈۋالغاندىن كېيىن، تاڭ سۇلالىسىگە قارشى سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ يىپەك يولىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇندى. بۇنىڭ بىلەن غەربكە كېڭىيىۋاتقان تاڭ قوشۇنلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى بارغانسېرى يامانلاشتى. غەربىي تۈرك قاغانلىقى قۇچو كۈ جەمەتىنى قوللاپ تاڭ سۇلالىسى بىلەن قارشىلاشتى.
شۇڭلاشقا تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا قىلغان يۈرۈشى قۇچو خانلىقىنى تىنچىتىشتىن باشلاندى.
قۇچو كۈ جەمەتى بەگلىكى غەربىي يۇرتتىكى بىردىنبىر خەنزۇلار قۇرغان ھاكىمىيەت بولۇپ، تاڭ سۇلالىسى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى ئەللەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. ئەينى ۋاقىتتا قۇچو بېگى كۈ ۋېنتەي چاڭئەنگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئولپان تاپشۇرغان. بىراق قۇچو رايونىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى تۈپەيلى دائىم ئەتراپتىكى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلگەن. كېيىن غەربىي تۈرك خانلىقى قۇچو خانلىقىغا تەھدىت سالغانلىقتىن قۇچو بېگى كۈۋېنتەي تاڭ سۇلالىسىگە قارشى سىياسەت قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان. كۈۋېنتەي كارۋان يوللىرىنى توسۇپ يىپەك يولى سودىسىنى مونوپول قىلىپلا قالماي يەنە غەربىي تۈركلەرگە ماسلىشىپ، ئەتراپتىكى ھەرقايسى ئەللەرنى تالان – تاراج قىلغان. تاڭ سۇلالىسى باش سانغۇن خوجۈنجىنى باش قىلىپ ‹‹يارغۇلغا ھەربىي يۈرۈش›› نامىدىكى جازا يۈرۈشىنى قوزغاپ، قۇچوغا يۈرۈش قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بىلەن غەربىي يۇرت ئوتتۇرىسىدىكى يولنى ئاچتى.
تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھەربىي يۈرۈشى قۇچو رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە ئىنتىلىش، تىنچلىقنى تەلەپ قىلىشتەك ئارزۇسىغا ماس كەلگەن. ئەينى دەۋردە بىر كۇبلېت خەلق قوشىقى قۇچودا كەڭ تارقالغان:
قۇچونىڭ قوشۇنلىرى گوياكى قاردۇ،
خەنزۇلار قوشۇنى گوياكى كۈندۇر.
كۈن نۇرى چۈشكەندە ئېرەر قار – مۇزلار،
شۇندىلا قۇچو ئېلىمۇ تامام يوقىلار.
بۇ خەلق قوشىقى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقنىڭ قەلبىنى ئىپادىلىگەن بولۇپ، قۇچو رايونىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىككە ئىنتىلىشتەك ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەن. تاڭ قوشۇنلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمى بىلەن كۈۋېنتەي قورقۇپ كېتىپ ئۆلدى، ئوغلى كۈ جىشېڭ شەھەر قوۋۇقىنى ئېچىپ ئەل بولدى، شۇنىڭ بىلەن قۇچو تاڭ سۇلالىسىگە تەۋە بولدى. ‹‹يارغولغا يۈرۈش قىلىش›› چوڭ قوشۇنىنىڭ سەردارى خوجۈنجى يارغولدا تۇرۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشكە مەسئۇل بولدى. تاڭ سۇلالىسى قۇچودا شىجۇ ئايمىقى تەسىس قىلىپ، ئەل بولغان بەگلىكلەردىكى پۇقرالارنى باشقۇردى. شۇ يىلى يەنە ئەنشى قورۇقچىبەگ مەھكىمىسىنى قۇرۇپ ئورنىنى شىجۇغا يۆتكىدى. بۇ تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتتا تەسىس قىلغان تۇنجى ھەربىي مەھكىمىسى ئىدى.
غەربىي تۈركلەرنىڭ قاغانى مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، كۈسەننى مۇداپىئە چېگراسى قىلىپ، غەربىي رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قالماقچى بولدى. تاڭ سۇلالىسى تەييارلىقىنى تاماملىغاندىن كېيىن، مىلادى 648 – يىلى ‹‹كۈنچىيۇ يولى ھەربىي يۈرۈشى›› نامىدىكى ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغىدى. تاڭ تەيزۇڭنىڭ كۈيۈئوغلى شەرقىي تۈركلەرنىڭ شاھزادىسى ئاشىناشىر، كۈنچىيۇ يولى ھەربىي يۈرۈشىنىڭ باش بۇغلۇقىغا تەيىنلىنىپ، پۈتۈن قوشۇنغا باش قوماندان بولدى. قوشۇن بەش تارماققا بۆلۈنۈپ، ئالتە يول بىلەن جەنۇب، شىمالدىن تەڭلا قوزغىلىپ، غەربىي يۇرتتىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، تاڭ سۇلالىسى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ غەربىي تۈركلەرنىڭ چىگىل، چۇمۇل قاتارلىق تۈركىي قەبىلىلىرىنى تارمار قىلىپ، غەربىي تۈركلەر كونتروللۇقىدىكى كۈسەن، ئاگنىي قاتارلىق مۇھىم رايونلارنى ئۆز كونتروللۇقىغا كىزگۈزدى. غەربىي رايوندىكى كۆپ قىسىم رايونلار تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئېلىندى.
تاڭ سۇلالىسى غەربىي يۇرتتىكى مۇھىم جايلارنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، بۇ جايلاردا ئاگنىي تۇتۇق مەھكىمىسى، كۈسەن تۇتۇق مەھكىمىسى، پىشا تۇتۇق مەھكىمىسى (بۇرۇنقى ئۇدۇن دۆلەت تەۋەسىدە)، سۇلىې تۇتۇق مەھكىمىسى (ھازىرقى قەشقەر تەۋەسىدە) قاتارلىقلارنى تەسىس قىلغان.
كېيىنكى يىلى ئەنشى تۇتۇق مەھكىمىسى كۈسەن شەھىرىگە يۆتكەلدى ھەمدە كۈسەن، ئۇدۇن، سۇلىې، سۇياپ(ھازىرقى قىرغىزىستاندىكى توقماق) قاتارلىق جايلاردا تۆت قورغان تۇتۇق مەھكىمىسى تەسىس قىلدى، تارىختا بۇ ‹‹ئەنشىدىكى تۆت قورغان›› دەپ ئاتالدى. بۇنىڭ بىلەن تاڭ سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشى تاماملاندى.

كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق