باش بەت>>ئەدەبىيات
(سانائىل ھەرپىيە)
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر: | يوللانغان ۋاقىت:2011-01-02 15:22:41
جاپپار رەھىم روھلانى

يىپچىسىدەك يېشىل ياپراقنىڭ،
يۈزلىرىمگە يىللار ياسار يول.
يول-يوللاردا يۇلتۇزلار يەڭلىغ
يادنامىلەر يېلىنجار يال-يۇل.
يادنامە يار، يامبۇ يىغمىدىم،
يوققا يىغلاپ يىرتمىدىم يانچۇق.
يوشۇرمىدىم يېشىمنى يىلدىن،
ياشىمىدىم يالغان، ياسانچۇق.
يېشىمغا ياش يۈكلىسۇن يىللار،
يارداڭلاردا يىقىلمىدىم مەن.
يادنامەدىن ياشناپ-ياشاردىم،
يولسىزلارغا يۈكۈنمىدىم مەن.
يورغا يىللار يۈگرىشىپ يەنە،
يۇلسىمۇ ياش يوپۇرمىقىمنى.
يۇلالمايدۇ يۈرەككە يۆگەك
يىلتىز يازما-يوشۇرمىقىمنى!...
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق