باش بەت>>ئەدەبىيات
100 ياۋرو
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2011-06-20 09:26:02
 (فىليەتون)
فىرانسيەنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويىدىكى بۇ گۈزەل شەھەرنىڭ ساياھەتچىلىكى راسا جانلىنىدىغان پەسىلگە كىرگەن بولسىمۇ، نەچچە كۈن ئۇدا ياغقان يامغۇر دۇكان-سارايلارنىڭ تىجارىتىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى. نۇرغۇنلار قەرزگە بوغۇلدى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بەختكە يارىشا رۇسىيەلىك بىر باي شۇ يەردىكى مېھمانسارايغا چۈشۈپ، ئالدى بىلەن ياتاقنى كۆرۈپ بېقىشنى تەلەپ قىلىپ، 100 ياۋرونى رەنىگە قويدى.
ساراي خوجايىنى بۇ پۇلنى ئېلىپ، ئوقتەك يۈگۈرگىنىچە يېمەكلىك دۇكىنىغا بېرىپ، دۇكاندارغا نەچچە كۈن ئىلگىرىكى قەرزىنى تۆلىدى. يېمەكلىك دۇكىنىنىڭ خوجايىنى 100 ياۋرونى سىقىمدىغىنىچە شامالدەك تېزلىكتە، گۆش دۇكىنىغا بېرىپ، قاسساپقا قەرزىنى تۆلىدى. قاسساپ يەنە ئۇنى ئېلىپ چاپقىنىچە گۆش توپ سېتىش سودىگىرىگە بېرىپ، ئۇنىڭ قەرزىنى قايتۇردى. گۆشنى توپ ساتقۇچى ئۇ پۇلنى ئالغىنىچە باقمىچىنىڭ قەرزىنى تۈگەتتى. باقمىچى بۇ 100 ياۋرونى ئېلىپلا ئوينىشىغا خەۋەر قىلىپ، دەرھال كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. چۈنكى كاساتچىلىق تۈپەيلىدىن ئۇ ئۇنىڭ بىلەن خېلى كۈنلەردىن بۇيان كۆرۈشمىگەنىدى. مۇنداقمۇ توغرا كېلىش بارمۇ؟ ئۇلار ھېلىقى رۇسىيەلىك چۈشكەن مېھمانساراينىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىدى. ئۇلار 100 ياۋرونى ئالغىنىچە مېھمانسارايغا كىرىپ، ئېچىلىپ - يېيىلىپ غىزالىنىشقا باشلىدى.
بۇ چاغدا رۇسىيەلىك باي ياتاقلارنى كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، مېھمانساراينىڭ ئەسلىھە ۋە يېمەك - ئىچمەك مۇلازىمىتىدىن ئانچە رازى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ 100 ياۋروسىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
ھېچقانداق پايدا ۋە كىرىم بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىلەن قەرزى بارلار گەدىنىدىكى قەرزدىن خالاس بولۇشتى.... 
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق