باش بەت>>ئەدەبىيات
40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرگە مەستلىكىم كېلىدۇ ھەم ئىچىم ئاغرىيدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2011-12-11 09:55:46
 
ئادەمنىڭ 40 ياشتىن ئاشقان ۋاقتى ھاياتتىكى مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ ياشتا تۇرمۇشنى تېخىمۇ سۆيىدىغان، كەلگۈسى تۇرمۇشقا ئىشىنىپ ياشايدىغان ئېتىقاد پەيدا بولىدۇ. ئەرلەر مۇشۇ ۋاقىتتا كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى، ئىش - ھەرىكەتتىكى، كاللىسىدىكى، قەلبىدىكى نازۇك ھېسلارنى بايقايدۇ. ئۇلاردىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان نازۇك ھېسلار جىسمىدا چاپچىپ تۇرسىمۇ، زىممىسىگە ئېغىر يۈك يۈكلەنگەن بولىدۇ. ئۇلار بۇ ياشتا تۇرمۇشتا پىشقان، خىزمەتتە يېتىلگەن، ئەمما، ھاياتتا چۈشىنىپ بولمايدىغان سىرلىرى كۆپەيگەن بولىدۇ. ھاياتنىڭ سېھرىي كۈچى مۇشۇنداق جۇش ئۇرۇۋاتقان چاغ ھاياتتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتەڭ.
ئەرلەرنىڭ 40 ياشتىن ھالقىغان مەزگىلى ئېگىز تاغقا، تاغ ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قارىغايغا ئوخشايدۇ. كۆپ ھاللاردا ئادەمنىڭ ئېگىز، ھەيۋەتلىك نەرسىگە ھەۋىسى كەلگەندەك، ھەر خىل ئىشقا ئىنتىلىدۇ. ئەمما، ياخشى ئىشقا كاشىلا كۆپ دېگەندەك، بۇ دەۋردىمۇ كاشىلىلار سايىدەكلا ئەگىشىپ يۈرىدۇ. 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر تۇرمۇش، خىزمەتتە تۈرلۈك قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. ئەمما، كۆپ ھاللاردا ئائىلە، ئاتا - ئانا، پەرزەنت، كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئادەتتىكى، تولىمۇ زىل-نازۇك سىناقلىرى ئالدىدا بىچارە، ئامالسىز ئەھۋالغا چۈشۈپمۇ قالىدۇ. قىلغىلى بولۇپ، دېگىلى بولمايدىغان، دېگىلى بولۇپ، قىلغىلى بولمايدىغان ئىشلار مۇشۇ باسقۇچتا يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا، بالىنىڭ ئىشلىرىغا يۈگۈرمىسە بولمىغان، ئائىلە تۈگمىنىنى كۈچەپ چۆگىلەتمىسە تېخى بولمىغان. بۇ ۋاقىت ئائىلە ئىقتىسادىمۇ ئىزىغا چۈشمىگەن، يەنى بايمۇ ئەمەس، كەمبەغەلمۇ ئەمەس باسقۇچتا بولىدۇ. كونىلارنىڭ «ئۇياققا تارتساڭ ئات ئۆلىدۇ، بۇياققا تارتساڭ ھارۋا سۇنىدۇ» دېيىشلىرى مۇشۇ ۋاقىتتا يۈز بېرىدۇ. بۇ چاغدىكى ئىشلارنى، زىددىيەتلەرنى بىر تەرەپ قىلماق ئاسان ئەمەس. 
40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ قەلبىدە ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئوتلىرى يېلىنجاپ تۇرىدۇ. ئۇلار قوپال، قارام ئەمەس، ھاياتقا يەڭگىلتەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلمايدۇ. كۆپىنچە يېپىق قازان يېپىق پېتى قالىدۇ. 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر ئائىلە، تۇرمۇش، خىزمەتتىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ناچار شارائىتقا تاقەت قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئىمكان قەدەر ساقلىنالايدۇ. 40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئۆتكەن ئىشلارنى كۆپ ئەسلەيدۇ ھەم يېڭىلگىنىگە تەن بەرمەيدۇ. بۇ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغىنى كەسىپ. ئەگەر خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى ياكى يەپ - ئىچىپ، ئويناپ يۈرۈش بولسا، ئۇنداقتا، ئۆزىنى قابىلىيەتسىزلىك تۈۋرۈكىگە مىقلىغان بولۇپ، كۈنلىرى روھى چۈشكۈن، ھېچقانداق نەرسىدىن خۇشاللىنالمايدىغان ياكى ھېچقانداق نەرسىگە ئاغرىنمايدىغان بىر خىل كەيپىياتتا ئۆتكەن بولىدۇ. ئەگەر خىزمەت ئۇنىڭ ئۈچۈن قابىلىيىتى، ئىقتىدارى ۋە قىممىتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە بولسا، ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى ھەمىشە ئالغا باستۇرۇشقا ۋە نەتىجە يارىتىشقا تىرىشىدۇ. ئاياللار شۇ ياشتىكى ئەرلەرنىڭ پىشىپ يېتىلىشى، ئۇلارنىڭ قەيسەرلىكىدىن، كۆڭلى يۇمشاقلىقى ۋە ئاق كۆڭۈللۈكى، رەھىمدىللىقىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. چۈنكى بۇ ياشتىكى ئەر - ئاياللار ئوخشاشلا توققۇزى تەل بولۇپ كەتكەنلەردىن ئەمەس - تە. شۇڭا، ئاياللار كۆپ ھاللاردا جەسۇرلۇق، باتۇرلۇق بىلەن ئەرلەرنىڭ قايغۇسىنى، ئاجىزلىقىنى، تۇرمۇشتا بىلىنەر - بىلىنمەس يۈز بېرىپ قالغان ياكى يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بار سەۋەنلىكلىرىنى كەڭ قورساقلىق، كۈلۈمسىرەش بىلەن ئەپۇ قىلىپ، ئەرلەرنى سۆيۈشتىكى ھەقىقىي سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك.
40 ياشتىن ھالقىغان باسقۇچ كىشى ئۆمرىدىكى ئالتۇن ياش باسقۇچى، شۇنداقلا بېسىم ئەڭ ئېغىر باسقۇچتۇر. ئەرلەردىكى بەش چوڭ بوسۇغا ـ غېرىبانىلىق، ئۆچەكىشىش، دىلى سۇنۇقلۇق، قىسىلىش، تەشۋىشلىنىش مانا مۇشۇ باسقۇچتا باشلىنىدۇ. شۇ ياشتىكى ئەرلەر تۇرمۇشتا قىيىن ئەھۋالدا قالغانلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ. يەنە ئاشۇ ياشتا نام چىقارغان ئەرلەرمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالمىسا، چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ياشتىكىلەرنىڭ يەنە ئېسەنگىرەپ يۈرىدىغانغا، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش قىلىدىغانغا، بەدخەجلىك قىلىپ بۇزۇپ -چاچىدىغانغا، مەسئۇلىيەتنى، نىيەت-ئىرادىنى كېيىنكىلەرگە ئارتىپ قويىدىغانغا ۋاقتى قالمايدۇ. 40 ياشتىن ئاشقاندا ھاياتلىقنىڭ بىخەتەرلىك تاسمىسىنى چىڭ باغلىغان ھالدا ۋاقىتنىڭ ئۇچقۇر ئايروپىلانىدا ئولتۇرغان بولىدۇ، پەقەت ئالغا بېسىشتىن باشقا ئامال يوق. قەيسەرانە بولغاندىلا، بۇ يولنى ئاداشماستىن بېسىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.
40 ياشتىن ئاشقان ئەرلەرگە مەستلىكىم كېلىدۇ ھەم ئىچىم ئاغرىيدۇ.      
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق