باش بەت>>ئەدەبىيات
مۇقەددەس ئەقىدە، ئوتلۇق قەسىدە
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-04-23 17:06:31
خۇدابەردى ئابدۇللا
 
ۋەتەن مۇھەببىتى ئۇلۇغ ۋە مۇقەددەس. شۇڭا شائىرلار قەلەم ئالغىنىدىلا ئاۋۋال ئانا يۇرت توغرىسىدا شېئىر يېزىپ، يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلىدۇ.  ئەدەبىيات تارىخىنى ۋاراقلىساق، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئانا ۋەتەن، ئانا يۇرت توغرىسىدا يېزىلغان شېئىرلارنىڭ كۆپلۈكىنى ھېس قىلىمىز. بۇ مەزمۇندىكى شېئىرلارنىڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگىلىرى ئانچە كۆپ ئەمەس. 18-ئەسىردە ئۆتكەن «گۇمنام» تەخەللۇسلۇق شائىرنىڭ »كاشىغەر« رادىپلىق غەزىلى زامانىمىزغىچە يېتىپ كەلگەن، ھازىرمۇ خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا مۇيەسسەر بولغان شېئىرلارنىڭ نەمۇنىسىدۇر. مەن بۇ شېئىرنى ئۇلۇغ رۇس شائىرى ئالىكساندىر پوشكىن 1814-يىلى يازغان «پادىشاھ يېزىسنىڭ خاتىرىلىرى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرىگە ئوخشىتىمەن. ھەر ئىككى ئەسەر چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى بىلەن سۇغىرىلغان، تولىمۇ يۈكسەك ماھارەت بىلەن يېزىلغان شېئىرلاردۇر.
گۇمنامنىڭ غەزىلى 18 مىسرا بولسىمۇ، مەزمۇنى ھەجىمىدىن بەكلا زور بولۇپ، ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەرنىڭ يېڭىلىقى، جەلىپكارلىقى، رەڭدارلىقى بىلەن دىللارنى لال قىلىدۇ. شائىر بۇ ئەسەرنى:
مەزرەئى لۇتفى ئىلاھىدۇر دىيارى كاشىغەر،
ئىشق ئېلىنىڭ قىبلەگاھىدۇر مەزارى كاشىغەر.
دەپ باشلاپ، ئۆزىنىڭ قەشقەرگە بولغان سۆيۈنۈش ئىشتىياقى، ئېتىقادىنى ئىپادىلىسە، كېيىنكى مىسرالىرىدىن باشلاپ ئانا يۇرتىنىڭ قىممەتلىك خىسلەتلىرىنى ئوبرازلىق بايان قىلغان. شائىرنىڭ تەرىپى بويىچە قەشقەرنىڭ ئىشقى ئۈلفەت بۇلىقىدىن دەردۇ مېھنەت قايناپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ قورغانلىرى ھەسرەت توپىسى بىلەن قوپۇرۇلغان، شائىر تىلغا ئالغان دەردۇ مېھنەت مېنىڭچە ئادەمنى ياشاشتىن بىزار قىلىدىغان جاپا - مۇشەققەت، جاننى قىينايدىغان كۈلپەت بولماستىن، ئاشىق - مەشۇقلۇقتا بولىدىغان، يۈرەكنى ياندۇرىدىغان ئازاب، شەيدالىق، كۆيۈكتۇر. ئاپتور ۋەتەن ئىشقىنى يارۇ جانان ئىشقىغا ئۇستىلىق بىلەن ئوخشاتقان. ئۇنى مەجازىلاشتۇرۇپ، قورغانلىرى ئاشىقلار تۆككەن ھەسرەت توپىسى بىلەن قوپۇرۇلغان دېگەن. بۇ شائىرنىڭ شېئىرىدىن قەلبىمىزگە ئېقىپ كىرگەن مۇھەببەت ئېقىمى.
 دىلرەبالار باغرىنى لەئلى بەدەخشان ئەيلىگەي،
بىر نىگاھى غەمزەسىدىن گۇلئۇزارى كاشىغەر.
بۇ شېرىن تۇيغۇغا باي، يوشۇرۇن مەنىلىك مىسرالاردۇر. شائىر غەزىلىدە قەشقەر قىزلىرىنى دەبدەبىلىك سۆزلەر بويىقى بىلەن بويىماي، قەشقەرنىڭ گۈل يۈزلۈك قىز - جۇۋانلىرى جىلۋىلىك بىر قاراش بىلەن يىگىتلەرنىڭلا ئەمەس، ھەر قانداق كىشىنىڭ باغرىنى خۇددى بەدەخشان ياقۇتىنىڭ رەڭگىدەك قان قىلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. 
ئابى رۇكناباد گۈلگەشتى مۇسەللا سەھل ئېرور،
خۇلىددىن ئەپزۇن تۈمەنمىڭ لالىزارى كاشىغەر.
رۇكناباد ئىراننىڭ شىراز ۋىلايىتىدىكى رۇكناباد دېگەن جايدىن ئۆتىدىغان دەريا. بۇ مىسرالاردىن شائىرنىڭ ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن، تارىخ، جۇغراپىيەدىن تولۇق خەۋەردار ئالىم ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.
ۋەتەنپەرۋەرنىڭ ۋەتەنگە تۆھپە قوشۇشتىن ئارتۇق غېمى بولمايدۇ. ئۇ ئۆز ۋەتىنى بىلەن بىر جان، بىر تەن، خاپىلىق - خۇشاللىقى ۋەتىنى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. بېشىغا ھەرقانداق بالا - قازا كەلسىمۇ زارلانمايدۇ، ۋەتىنىدىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ، شائىر مانا مۇشۇنداق ئەزگۈ، ئۇلۇغ ھېسسىياتنى مۇنداق سۈرەتلىگەن:
ئەيش ئىلىگە خارىدىن كەلگەي گۈلى ئىشرەت ئىسى،
چۈن سۇلايمان دەۋلەتىدۇر خارۇ زارى كاشىغەر.
شائىر دېمەكچى، ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرگە راھىتى تۇرماق مۈشكۈلىمۇ راھەت، كۆڭۈل ئاچقۇچىلار ئۈچۈن ئۇنىڭ تىكەنلىرىدىنمۇ خۇش پۇراق كېلىدۇ. ئۆز ۋەتىنىدىكى ئاددىي تۇرمۇشى دۇنيانىڭ خەزىنە، مال - مۈلكىگە ئىگە بولغان سۇلايمان شاھنىڭ دۆلىتىگە تەڭ دەپ يازغان. بۇ بەكمۇ جايىدا كەلگەن، ئوقۇرمەننى سۆيۈندۈرىدىغان مۇبالىغىدۇر.
شائىر تۇغۇلغان يۇرتىغا بولغان كۈچلۈك مۇھەببىتىنى شېئىرىدا مۇنداق ئوبرازلاشتۇرغان:
ئودۇ ئەنبەر تۇپراغىدۇر، ئابى كەۋسەردۇر سۈيى،
دۇررۇ مارجان تاشلىرىدۇر كوھسارى كاشىغەر.
يا پەرى، يا ھۆر ۋەيا باغى ئىرەم ياد ئەيلىمەس،
شەھرىنى ئۇنتار بۇلۇر ھەركىم دۇچارى كاشىغەر.
ھۇشمەندۇ، دەردمەندۇ، مەردۇ زەندۇر لەب چۇ قەند،
نارى خەندان، سىبى رەئنا ھەرنە بارى كاشىغەر.
شائىرنىڭ پىكرىچە قەشقەرنىڭ قارا توپىسى ئود (خۇشپۇراق گىياھ، قىز - چوكانلار تۇمار قىلىپ بوينىغا ئېسىۋالىدىغان ئەنبەر). ئۇنىڭ دەريا - ئۆستەڭ، كۆللىرىدىكى سۈيى ئادەمگە جان بېغىشلايدۇ. كىمكى قەشقەرگە كېلىپ قالسا، يۇرتىنى ئۇنتۇپ، بۇ مۇقەددەس شەھەردە ئۆزلىشىپ كېتىدۇ. چۈنكى قەشقەر خەلقى مېھماندوست، كەڭ قورساق، شېرىن سۆز. مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ»لەيلىنىڭ جامالىنى كۆرۈش ئۈچۈن مەجنۇننىڭ كۆزى كېرەك«لىكىنى ئويلاپ قالدىم. دېمىسىمۇ ھەقىقىي يۇرت سۆيەر، ۋەتەنپەرۋەر ئۈچۈن بۇلبۇللار ناۋا قىلىپ تۇرغان چىمەنزار باغۇ بوستانلار ئەمەس، بىپايان چۆللەرمۇ گۈل - گۈلىستاندەك، تاش - تۇپراقلىرى ئۈنچە - مارجاندەك كۆرۈنىدۇ ئەمەسمۇ؟
كاشغەر شەھىرىن بىلىڭ گۇمنامنىڭ يايلاغىدۇر،
دىلكۇشا، ئىشرەت فەزا ھەر سەبزە زارى كاشىغەر.
بۇ ئىككى مىسرا پۈتۈن ئەسەرنىڭ يېشىمى. بىز بۇ يالقۇنلۇق مىسرالار ئارقىلىق شائىرنىڭ نېمە ئۈچۈن قەشقەرنى شۇنچە ئۇلۇغلايدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز.
بەزىلەر غەزەلنىڭ ۋەزنى، تۇراق، قاپىيەلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭ ئىچكى مەنەسىگە، مىسرالارنىڭ ئورگانىك باغلىنىشىغا سەل قارايدۇ. بۇنداق بىپەرۋالىقتا يېزىلغان غەزەللەرنى ئوقۇساق، شائىرنىڭ نېمە دېمەكچىلىكىنى ئاڭقىرالماي، گاڭگىرايمىز. گۇمنامنىڭ بۇ غەزىلى ئەدەبىيات قانۇنىيىتى بويىچە يۇقىرى سەۋىيەدە يېزىلغاچقا، ئەسىرلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ قىممىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتۈش زۆرۈركى، تىپىكلەشتۈرۈش پەقەت پىروزا ئەسەرلىرىگىلا خاس بولماستىن، شېئىرىي ئەسەرلەرگىمۇ تەئەللۇق. پىروزا ئەسەرلەردە تىپىكلەشتۈرۈش ۋەقە - ھادىسە، ئەسەر قەھرىمانلىرى ۋە ئۇنىڭ خاراكتېرىگە قارىتىلغان بولسا، شېئىرىيەتتە شائىرنىڭ تۇيغۇ، ھېسسىياتىنىڭ جۇغلىنىشى، توپلىنىشى، پارتلىشىغا قارىتىلغان. شائىرنىڭ ھېسسىياتى تىپىكلىشىپ جۇغلانغاندا، شائىر مەجنۇن ھالىتىگە كېلىدۇ، ئۇنى ھېسسىيات كەلكۈندەك ئېقىتىدۇ. شائىر ۋۇجۇدى مەشئەلدەك يانىدۇ. مانا شۇنداق ھالەتتە يېزىلغان شېئىرلار تىپىك، ئەھمىيەتلىك چىقىدۇ، ئوقۇرمەن بۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇسا، شائىرنىڭ ھېسسىياتى مىسرالار ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە ئۆتۈپ، ئۇنى ئەسىر قىلىۋالىدۇ.
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق