باش بەت>>ئەدەبىيات
ئەدەبىياتنىڭ كارامىتى− «تىتانىك ناملىق پاراخوت»
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2012-04-23 17:11:19
 ئوسمان قاۋۇل 
 
2012-يىل14-ئاپرېل دۇنيا سۇ قاتنىشىدىكى زور پاجىئە − «تىتانىك ناملىق پاراخوت»نىڭ چۆكۈپ كەتكىنىگە 100 يىل بولدى. بۇ كۈن دۇنيا جامائەتچىلىكىدە ئۇنتۇلغۇسىز بىر سەھىپىنىڭ شاھىتى ئىدى. ئۇ ۋەقە ھەققىدىكى كىتاب، ئەسلىمە، ناخشىلار ھەم خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى بىر ئەسىر مابەينىدە دۇنيانىڭ جاي - جايلىرىدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە داۋاملىشىپ كەلدى.
مېنىڭچە بۇ ۋەقەنى شۇ قەدەر نامدار قىلىۋەتكىنى ئەدەبىياتنىڭ كارامىتى، يەنى ئەدەبىياتنىڭ مۇھىم تارمىقى بولغان كىنو ئەدەبىياتىدىن ئىبارەت تەڭداشسىز مەنىۋى مەھسۇلاتنىڭ ئىنسانىيەت روھىي ئالىمىگە تەسىر قىلىشتا توسالغۇسىز رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى. ئەدەبىياتنىڭ مۇشۇ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالىغان داڭلىق رېژىسسور جامىس كامىروننىڭ بايقاش ئىقتىدارى بۇ ۋەقەنىڭ دۇنيا كىنوچىلىقىدا بۆسۈش ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى ئوبدان ئاڭقىرالىغانلىقىدا ئىپادىلەندى. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى «مەڭگۈ چۆكمەس گىگانت پاراخوت» دەپ نام بېرىلگەن، دۇنيا سۇ قاتنىشى ۋە سودا ساھەسىدىكى مۆجىزە خاراكتېرلىك بۇ پاراخوتنىڭ 1912-يىلى 4 - ئاينىڭ 10- كۈنى 2200دىن ئارتۇق يولۇچىنى ئېلىپ ئەنگلىيەنىڭ پورت شەھىرى شوتخامپتوندىن قوزغىلىپ، ئامېرىكىنىڭ نيۇ - يورك شەھىرىگە مېڭىش سەپىرىدە 4 - ئاينىڭ 14-كۈنى كېچە سائەت 11 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە مۇز تاغقا سوقۇلۇپ، 2 سائەت 40 مىنۇتتا پاراخوت، شۇنداقلا پاراخوتتىكى 2200 دىن ئارتۇق يولۇچىدىن 1523 ئادەمنىڭ دېڭىزغا غەرق بولۇپ، ئازلا ئادەمنىڭ قۇتۇلۇپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت ئاچچىق تارىخ فىلىمدە تولىمۇ تەسىرلىك نامايان قىلىنغان.
ھەرقانداق ئىنساننىڭ يۈرىكىدە ئادىمىي مۇھەببەت، تەقدىر - قىسمەت تۇيغۇسى ھەم كىشىلىك دوستلۇق ھېسسىياتىلا بولسا، فىلىمدىكى كۆرۈنۈشلەر كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىدۇ، قەلبىدىكى مۇھەببەت ئۇچقۇنلىرى قايتىدىن لاۋۇلدايدۇ. شۇ ۋەقە ئاساسىدىكى بۇ فىلىم ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى، تەبىئەت بىلەن ئېلىشىش كۈرىشى، دېڭىزدىكى قاباھەتلىك بىر كېچە، ھايات - مامات، ئىنسانىي كامىللىق ۋە سۆيگۈ - مۇھەببەتنىڭ چەكسىز قۇدرىتى ھەققىدىكى ھېكايە بولۇپ، ھەرقانداق كۆرۈرمەننى ئويغا سالىدۇ. «تىتانىك ناملىق پاراخوت» فىلىمىنىڭ ئامېرىكا 20-ئەسىر فوكىس شىركىتى بىلايمىند كىنوچىلىق شىركىتىدە ئىشلىنىپ، 1997-يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى قويۇش مۇراسىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە ئوسكار كىنو مۇكاپاتىنى باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن «ئەڭ ياخشى سېنارىيە»، «ئەڭ ياخشى رېژىسسورلۇق»، «ئەڭ ياخشى مۇزىكا»، «ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى»، «ئەڭ ياخشى ئايال باش رولچى» قاتارلىق 11 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىشىمۇ فىلىمنىڭ شان - شۆھرىتىنى يەنىمۇ زورايتتى.
بۇ فىلىم نېمە ئۈچۈن كىشىلەر ئاغزىدا قىزىق تېمىغا، مۇھەببەتداشلار ئارا جەلپكار نۇقتىغا ئايلاندى؟ چۈنكى، بۇ فىلىم ئالدى بىلەن داڭلىق رېژىسسور جامىس كامىروننىڭ دۇنيا كىنوچىلىق ساھەسىدە ئاجايىپ جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈش رېكورتىنى ياراتقانلىقى بىلەن يېڭى ئالتۇن بەت ئاچقان. ئۇنىڭدىن باشقا فىلىمدە ئەينى ۋەقە تولىمۇ چىنلىق بىلەن يورۇتۇلغان، ئىنسانىي سۆيگۈ - مۇھەببەت يۈكسەك دەرىجىدە ئۇلۇغلىنىپ، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، يۈرەكلەرنى لەختە - لەختە قىلغىدەك دەرىجىدە سۈرەتلەنگەن. شۇنىڭغا ماس ھالدا فىلىمنىڭ مۇزىكىسىمۇ ئۇنىڭغا ئاجايىپ جەزىبە ئاتا قىلغان.
فىلىمدىكى جېك داۋسۇن نامرات رەسسام. ئۇ پىرىستاندىكى بىر قېتىملىق قىماردا تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ »تىتانىك« ناملىق پاراخوتنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئامېرىكا سەپىرىگە تەييارلانغان 3 - دەرىجىلىك يولۇچىلار بېلىتىنى ئۇتۇۋالىدۇ. ئۇ پاراخوتتا ئېسىلزادە خېنىم رۇسسى بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ، ئۆز تەقدىرلىرىنىڭ ئاجايىپ ئۆزگىرىشلىرىنى باشتىن كەچۈرىدۇ. جېك تەۋەككۈلچى، ئاقىۋەتنى ئۇنچىلا ئويلاپ كەتمەيدىغان ساددا يىگىت. رۇسسى سۆلەتۋاز، باياشات ھاياتنى نىشان قىلغان ئاقسۆڭەك ئايالنىڭ يالغۇز قىزى... ۋەقە مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىپ، بۇرۇختۇملۇق، ئىچ مىجەزلىك، سۆيگۈ ئەركىنلىكىنى ئىزدەش، كىشىلىك قەدىر - قىممەت ۋە كىشىلىك ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش ئىستىكىدە ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان رۇسسىنىڭ چوڭقۇر ئىچكى پىسخىك ئازابلىرى يۆنىلىشىدە داۋام قىلىدۇ. فىلىمدىكى بىر بىرىدىن ئېسىل رومانتىك كۆرۈنۈشلەر، جېك بىلەن رۇسسى ئوتتۇرىسىدىكى ئاجايىپ قىزغىن، شېرىن، ئىشەنچ ۋە تېڭىرقاش ئارىلاشقان مۇھەببەت كىشىنىڭ قەلبىنى ئېزىپ، كۆزلەرگە ياش ئولاشتۇرىدۇ. فىلىمنىڭ ئاساسىي ناخشىسى بولغان «مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق»قا يانداشقان ۋەقەلىك بارا - بارا چوڭقۇرلاپ ۋە كەسكىنلىشىپ، كىشىنى ھەيۋەتلىك، قورقۇنچلۇق ۋە قەيسەر ھەم سەلتەنەتلىك مەنزىللەرگە باشلايدۇ... جېك داۋسۇننىڭ قورقۇمسىزلىقى، رۇسسىدىكى بىغۇبار، بالىلارچە سۆيۈملۈك قىلىقلار، پاراخوت مۇزتاغقا سوقۇلغاندىكى ۋەھىمە، جېكنىڭ قارىلىنىپ نامراتلار بۆلمىسىدىكى پار تۇرۇبىسىغا باغلاپ قويۇلۇشى، رۇسسىنىڭ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇشتىكى پىداكارلىقى، كېيىن كىچىك قولۋاقتىن پاراخوتقا قايتا سەكرەپ چىقىپ »جېك، جېك« دەپ ئۇنىڭغا ئىنتىلىشى، رۇسسىنىڭ ئاقسۆڭەك لايىقىنىڭ قاتتىق نازارەتچىلىكى، پاراخوت چۆكۈش مەزگىلىدىكى قىيامەتتەك پاجىئە، جېكنىڭ رۇسسىنى ئىشىك تاختىيىغا چىقىرىپ قويۇپ توڭلاپ جان ئۈزۈشى، چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ 84 يىلدىن كېيىن يەنى 1996-يىلى تېپىلىشى، رۇسسىنىڭ ئەسلىمىسى كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ ۋە ئېچىندۇرىدۇ. «تىتانىك ناملىق پاراخوت» سىمفونىك تارىخىي داستان. ئۇنىڭ ۋەقەلىكى ئەگرى - توقاي، تەسىرلىك، سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسى پەۋقۇلئاددە يۇقىرى. ئارتىسلارنىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ئالاھىدە ئۈستۈن. فىلىمنىڭ باش رولچىلىرى شۇ قەدەر سۆيۈملۈك ۋە يېقىشلىق بولۇش بىلەن بىللە، فىلىمنىڭ «مۇھەببەتنىڭ چېكى يوق» دېگەن ئاساسىي ناخشىسىمۇ شۇ قەدەر تەسىرلىك ھەم جەزبىدار.
فىلىمنىڭ باش تېمىسى مېنىڭچە يەنىلا ھاياتقا مۇھەببەت. فىلىمنىڭ ھەر بىر تەپسىلاتىدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتى، رولى، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى پايدا - مەنپەئەت، تەبىقە توقۇنۇشىنى غالىبانە مەغلۇپ قىلغان ھالدىكى جەڭگىۋارلىق چاقناپ تۇرىدۇ. فىلىمدىكى زىددىيەت پاراخوتنىڭ مۇز تاغقا سوقۇلۇشى بىلەن باشلانسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەت بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشكە بېرىپ تاقىلىدۇ. بۇ تەگ - تېگىدىن ھاياتقا، دوستلۇق، ئادىمىيلىك سۈپەتكە، مېھىر ۋە كۆيۈمگە بولغان يۈكسەك، ئالىيجاناب مۇھەببەتتۇر.
«تىتانىك ناملىق پاراخوت» پاجىئەسى كىشىلەرگە تەبىئەت تەرىپىدىن قويۇلغان زور سالماققا ئىگە سوئال بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن مەسىلە جۇغلانغان. يەنى پۇل، ئىمتىياز، سۆلەتۋازلىق، مۇھەببەت، مۇزىكا - سەنئەت، سەۋرچانلىق، گۈزەللىك، رەزىللىك، شەخسىيەتچىلىك، ئۈمىد ۋە باشقىلار... مەن شۇنداق ئويلايمەن، ھاياتقا بولغان مۇھەببەتتە خالىسانە بېغىشلاش ۋە ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدىكى پىداكارلىق بولسىلا، ئۇ چوقۇم غەلىبە قىرغاقلىرىغا يېتىش ئىستىكىگە ئېرىشەلەيدۇ.
يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ماھىيەتتە سېنارېست ۋە رېژىسسورنىڭ يۇقىرى مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى رېئال ۋەقەنى بەدىئىي فىلىمگە ئايلاندۇرۇشىدىن ئىبارەت ئەدەبىياتنىڭ قۇدرىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، كىشىنى بەكمۇ رازى قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ ۋەقەنى ئەدەبىياتنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئېكرانغا چىقارمىغىنىدا، بۇ ۋەقەمۇ چىلىدىكى يەر تەۋرەش، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دېڭىز تاشقىنى، سىتسىلىيە ئارىلىدىكى يانار تاغ پارتلاش، ئامېرىكىدىكى نەچچە قېتىملىق قارا بوران ۋە ياكى ئالدىنقى يىلدىكى ياپونىيەدىكى دېڭىز تاشقىنىدەكلا ئادەتتىكى ئىش تۇيۇلۇپ قېلىشى، 100 يىل ئەمەس بىر نەچچە يىلدىلا خەقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەگەر مۇشۇ ۋەقەلەرمۇ خۇددى تىتانىك ۋەقەسىدەك دىققەتكە ئېلىنسا، تەبىئىيكى كارامەت ئىش بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن «تىتانىك ناملىق پاراخوت» فىلىمىنىڭ نام - شەرىپىنى يەنىلا ئەدەبىياتنىڭ كۈچ - قۇدرىتى ئارقىلىق قولغا كەلگەن ئابىدە خاراكتېرلىك ئەسەر دېمەي تۇرالمايمىز.
شۇنداق، بۇ ۋەقە يۈز بەرگىنىگە 100 يىل بولغان 2012-يىل 4 - ئاينىڭ 14-كۈنى فىلىمنى قايتا كۆرگىنىمدە ھەم فىلىمنىڭ ئاساسلىق ناخشىسىنىڭ تۈرلۈك شەكىلدىكى ئاھاڭلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، ئاچچىق ھەسرەتتە يۇقىرىقى قاراشقا كەلدىم. توغرا، دۇنيا مۇھەببەت، مېھىر ۋە ئۆز - ئۆزىنى بېغىشلاش ئاساسىدىكى ھاياتقا بولغان ئىشەنچتە تېخىمۇ گۈللەيدۇ. دۇنيا مىقياسىدا«تىتانىك ناملىق پاراخوت» ۋەقەسىنىڭ 100 يىلى خاتىرىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ فىلىمنىڭ باس - باستا قويۇلۇشى كىشىلىك ھايات، مۇناسىۋەت ھەققىدىكى ئويلىنىشلارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغۇسى ۋە ھەقىقىي ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ تاپقۇسى.  
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق