باش بەت>>ئەدەبىيات
رۇبائىيلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-24 10:19:20

 

روزى گۈلباي (تاجىك)

 

1

پامىردا تۇغۇلدۇم، پامىردۇر تېنىم،

ھەر چەشمە كۆز يېشىم، دەريالار قېنىم.

ئايلاندى ھاياتىم توپا-تېشىڭغا،

سەن بىلەن بىر گەۋدە مېنىڭ بۇ جىسمىم.

 

2

مەن سېنى ئويلايمەن تەنھا يۈرگەندە،

قورۇنماڭ دىلرەبا مېنى كۆرگەندە.

سېزىمەن ئۆزۈمنى بەختلىك ھامان،

سۆيگۈمگە زارىققان ۋىسال يەتكەندە.

 

3

كۆرەي دەپ چىقتىم مەن تاغنىڭ بېشىغا،

سەپسالدىم چار تەرەپ، ئىچى-تېشىغا.

بەزىلەر كۆيۈپتۇ نۇرنىڭ تەپتىدە،

بەزىلەر كىرىپتۇ مۇزنىڭ قېتىغا.

 

4

دۇنيانىڭ يۈرىكى ھەم كۆزى ئىنسان،

دۇنيانىڭ ئاش تۇزى، سۇلتانى ئىنسان.

ئەجرىدىن دۇنياغا نەقىشلەر چەككەن،

تەدبىرلىك ھەممىگە گۈلى قول ئىنسان.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق