باش بەت>>ئەدەبىيات
ئۇلىنىدۇ يوللارغا يوللار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-24 10:41:34

 

ئۈمىدجان قادىرى

 

بىز خوشلاشقان خىلۋەت دىياردا،

قىلدىم ئەھيا سەن ئۈچۈن باغنى.

ئىشەنچ دېگەن ئۈزۈلمەس تاردا،

كۈيلەپ كەلدىم ئۇچرىشار چاغنى.

 

سالام دېدىم ساڭا ساباھتىن،

بەلكىم بېرىپ يەتكەندۇ ئامان.

يۇلتۇز تۆككەن ئوتلۇق نىگاھتىن،

قارىچۇقۇمنى كۆرگەچ تۇر جانان.

 

يېقىن قالدى ۋىسال ئارىسى،

ئۈمىدىڭنى ئەيلىگىن قولۋاق.

قاقاچ تاشلاپ ھىجران يارىسى،

تەنھالىقلار قوغلىنار يىراق.

 

نا ئۈمىدتىن يىراق بول يىراق،

ئىشەن ۋىسال كۈنىگە قەۋەت.

سۆيگۈ ئۈچۈن ھىجران بىر سىناق،

ھىجران بىلەن شېرىن مۇھەببەت.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق