باش بەت>>ئەدەبىيات
ساتىراشنىڭ «ھۈنىرى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:شېرىنگۈل توختى | يوللانغان ۋاقىت:2012-09-26 17:59:26

 

(ھېكايە)

ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر

 

مەن ياسىن ئۇستامنى سىرتىدىنلا تونۇيتتىم، داڭقىنى ئاڭلاپ يۈرگىنىمگىمۇ خېلى بولۇپ قالغانىدى. بىراق، چېچىمنى ئالدۇرۇپ باقمىدىم. ھەر قېتىم ئۇنىڭ دۇكىنىغا بارغاندا نۆۋەت كۈتۈپ ئولتۇرغانلارنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ نائۈمىد قايتىپ كېتەتتىم. دۇكاندا ياسىن ئۇستامدىن باشقا ئىككى ياش شاگىرت بار ئىدى. لېكىن، بالىلاردىن باشقىلار ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارمايتتى.

بۈگۈن يەكشەنبە كۈنى ئىدى، چېچىمنى ياسىتىپ كەلمەكچى بولۇپ ياسىن ئۇستامنىڭ دۇكىنىغا يەنە باردىم. دۇكاندا ئوتتۇرا بويلۇق، بۇغداي ئۆڭلۈك، يۈزى ياپىلاقراق كەلگەن 50 ياشلار چامىسىدىكى ياسىن ئۇستام يۇمشاق ئورۇندۇقنىڭ يۆلەنچۈكىگە بېشىنى قويۇپ، ساقىلىنى ئالدۇرۇۋاتقان سېمىز بىر كىشىگە سۆز قىلىۋاتتى:

- چاچ ئېلىشنى بىلگەن بىلەن تېخنىكىسى بولمىسا بىكار، مېنىڭ ئالدىمغا ھەر قايسىلىرىدەك رەھبەرلەر ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇرىدۇ. ئىشقىلىپ، كۆڭۈلدىكىدەك رازى قىلىمەن، پات-پات كېلىپ تۇرسىلا!...

رەھبەر كۈلۈمسىدى، ئورنىدىن تۇرۇپ ئەينەككە يېقىنراق كېلىپ قارىدى-دە، چېچىنىڭ ياسىلىشىدىن مەمنۇن بولغان ھالدا:

-رەھمەت ئۇستام، مەن قايتاي، -دەپ ئىشىك تەرەپكە ماڭدى.

- خوش، خوش، -دەپ ئېگىلدى ياسىن ئۇستام، رەھبەر ئىشىكتىن چىقىپ ئۇزاق كەتكۈچە قول باغلاپ تۇرۇپ. شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايىدا تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىق ئىپادىسى جىلۋىلەنگەنىدى، ئاندىن نۆۋەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا قارىدى-دە:

-ھوي، ئەخمەتجان، قېپقاپلىغۇ، تىنىچلىقمۇ ئۆزلىرى، - دېگىنىچە مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق، قارا سوكنادىن چاپان كىيىۋالغان بىر كىشى بىلەن قىزغىن سالاملاشتى ۋە ئۇنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلغاچ قوشۇپ قويدى، -خېلى بولدى كۆرۈنمەي كەتتىلە!

-بار، يېقىندىن بۇيان ئىلى تەرەپكە بېرىپ ئۈرۈمچىگە گۆش يۆتكەش بىلەن بولدۇق، ئۆزلىرى تىنچلىقمۇ؟

-تىنچلىق، تىنچلق. شىركەتتە ھەر قايسىلىرىدەك يار-بۇرادەرلەر بولغاچقا گۆشتىن قىسىلماي كېلىۋاتىمىز-دە!

ئۇستام مەززە قىلىپ كۈلدى.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق