باش بەت>>ئەدەبىيات
كۆزى تويماسلىق
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 17:07:16

 

بىر ئايال تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدىن بىر ئاياغ سېتىۋاپتۇ. ئۇ ئاياغلاردىن ئۇنى تاللاپ، بۇنى تاللاپ ئاخىرى بىر قارارغا كېلىپ، مال ساتقۇچىغا:

— مەن ئەڭ ئاۋۋال كۆرگەن ھېلىقى ئاياغنى ماڭا ئېلىپ بېرىڭ، — دەپتۇ.

— قايسىسى؟ قىزىلىمۇ؟

— قىزىلىنى كۆرۈشتىن بۇرۇن كۆرگەن ئاياغنى.

— سېرىق رەڭلىكىمۇ؟

— ياق، ئۇنىڭ ئالدىدا كۆرگىنىمچۇ؟

— ھە، سىزنىڭ كۆرگىنىڭىز قوڭۇر رەڭلىك، گۈل كەشتىلەنگىنىمۇ؟

ئايال بېشىنى لېڭشىتىپتۇ، مال ساتقۇچى ئايالدىن كەچۈرۈم سورىغان ھالدا:

— ئۇ ئاياغنى ئىككى سائەت ئىلگىرىلا سىزنىڭ كەينىڭىزدە كەلگەن بىر ئايال سېتىۋالدى، — دەپتۇ.

شۇنداق، گەرچە كۈنجۈتنى دەپ تاۋۇزدىن قۇرۇق قالىدىغان ئىشلار يېنىمىزدا كۆپ يۈز بېرىپ تۇرسىمۇ، بىراق توغرا تاللىشىدا تۇرالايدىغان، سىرتنىڭ ئازدۇرۇشىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان كىشىلەرمۇ بار، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئاچلىقتىن، كۆزى تويماسلىقتىن بولىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق