باش بەت>>ئەدەبىيات
ئېغىر زىيان
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 17:13:37

 

نەچچە كۈن ئىلگىرى ئوغلۇمنى ئېلىپ چوڭ ئۆيگە بارغىنىمدا ئوغلۇم چوڭ ئۆيدە نۇرغۇنلىغان بىر پۇڭلۇق تەڭگىنى تېپىۋالدى. ئۆيۈمدە مەن ئاللىبۇرۇن بۇنداق تەڭگىلەرنى يوق قىلىۋەتكەچكە، ئوغلۇم بۇ تەڭگىلەرنى كۆرۈپ ناھايىتى يېڭىلىق ھېس قىلىپ قالدى. مەن ئوغلۇمغا:

— سەن ياخشى كۆرگەن بولساڭ، نەچچە تال ئېلىۋالغىن، — دېدىم. ئوغلۇم شۇنىڭ بىلەن ئۈچ تال تەڭگىنى ئېلىۋالدى. مەن ئوغلۇمغا:

— بۇ تەڭگىلەرنى ياخشى ساقلىغىن، سەن بوۋاي بولغان ۋاقتىڭدا، بۇ ئۈچ پۇڭ 3000 يۈەنگە يارايدۇ! — دېدىم.

قايتىپ كېلىشىمىزدە، ئوغلۇم بىر نەرسىنى يادىغا ئالغاندەك، يانچۇقىنى بىر قۇر سېلىۋەتكەندىن كېيىن چۆچۈگەن ھالدا:

— ئاتا، 3000 يۈەنىم يوق تۇرىدۇ، — دېيىشىگىلا، ئەتراپتىكىلەر ناھايىتى ھەيرانلىق بىلەن ئوغلۇمغا قاراپ قېتىپ قالدى.

شۇنداق، بىز ھەقىقەتەن بىر نەرسىمىزنى يۈتتۈرۈپ قويغىنىمىزدا، دائىم ئۇ نەرسىنىڭ قىممىتىنى كەلگۈسىدىكى ئەڭ چوڭ قىممەتتە دەپ ھېسابلاپ، ئۆزىمىزنى تېخىمۇ بىئارام قىلىمىز. ئەمەلىيەتتە بىز يۈتتۈرۈپ قويغان شۇ نەرسىنىڭ كېيىنكى يىللاردا قىلچىلىك قىممىتى قالماسلىقىمۇ مۇمكىن.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق