باش بەت>>ئەدەبىيات
ئانا
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-03-12 17:30:50

 

ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش

 

سەندە بولغاچقا تېپىلماس سېھرىي كۈچ-خىسلەت ئانا،

يورۇتار بەختىمنى مېھرىڭ ھەر كۈنى مىڭ رەت ئانا.

 

ئاق سۈتىڭ بىرلە مېنى پەرۋىش قىلىپ بەرگەچكە جان،

بولدى جىسمىمدا يېڭىلمەس روھىي كۈچ-قۇدرەت ئانا.

 

ئادىمىي خىسلەت، غۇرۇر بىرلە ماڭا بەرگەچ ئەقىل،

ھەر ئىشىمدا شان-ئۇتۇق بولدى ماڭا ئۈلپەت ئانا.

 

يۈرىكىڭدىن چاچقۇلار چاچقاچ تىنىمسىز مەن ئۈچۈن،

ئىزلىرىم گۈلگە تولۇپ ياغدى بەخت-نۇسرەت ئانا.

 

تاغ بولۇپ يەلكەڭنى تۇرمۇش غەملىرى باسقاندىمۇ،

شادلىقىڭنى ماڭا بەردىڭ يارىتىپ «جەننەت» ئانا.

 

ئۆتتى ھەربىر كۈنلىرىم شاھتەك ھالاۋەت ئىلكىدە،

مەن ئۈچۈن ھەربىر سەھەر تۇرغاچ تىلەپ ئامەت ئانا.

 

پاك نىيەت، ئالىي تىلەكتە تەڭدىشىڭ يوق زادىلا،

كىم سېنىڭدەك ئەيلىگەي پەرزەنت ئۈچۈن شەپقەت ئانا؟

 

قىشلىرىمنى ئىللىتىپ سۆيگۈڭ بىلەن قىلغاچقا ياز،

تاپتى گۈلزار باغلىرىم يۈكسەك قەدىر-قىممەت ئانا.

 

ياشىغىن بەختىم ئۈچۈن بولۇپ پەرىشتە پاسىبان،

تاپقۇسى ئۆمرۈڭ قۇياشنىڭ ئۆمرىدەك بەرىكەت ئانا.


ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق