باش بەت>>ئەدەبىيات
ئائىلە ئىناقلىقىنى بۇزىدىغان ئىشلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-07-10 14:26:24

 

مۇھەممەتجان ئىسمائىل

 

ئىچى تارلىق، ھەسەتخورلۇق، گۇمانخورلۇق، تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈش، سەپرالىق، قوپاللىق ۋە ئەدەبسىزلىك؛ ئائىلە ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى جورىسىغا تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنلىكىنى كۆرسىمۇ كارى بولماسلىق.

ماختانچاقلىق، يالغانچىلىق قىلىش ۋە يۈرۈش-تۇرۇشىنى جورىسىدىن يوشۇرۇش.

تەكەببۇرلۇق، ھاكاۋۇرلۇق قىلىش، جورىسىنىڭ ئەخلاقى ھەم ئەقىل-پاراسىتىنى كەمسىتىش، مالىيەنى مونوپول قىلىۋېلىش، جورىسىنىڭ ھوقۇقىنى كۆزگە ئىلماسلىق.

باشقىلارغا ئائىلىسى ۋە جورىسىنىڭ بەزى ئىشلىرى توغرىسىدا شىكايەت قىلىش، ئائىلە ئىچى ۋە تۇغقانلار ئارا بولغان مۇناسىۋەتكە زىيان يېتىدىغان سۆز ھەرىكەتتە بولۇش.

ئائىلە مەسىلىلىرىنى بىر تەرەپ قىلغاندا خالىغانچە ئىش قىلىش، نەسىھەت ۋە تەربىيەسىنى قوبۇل قىلماسلىق، ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىش، قىمار ئويناش، زەھەر چىكىش، تالاغا قاراش، جورىسى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تۇرمۇش، ئوقۇش ئەھۋالى بىلەن كارى بولماسلىق.

ئائىلىدە زومىگەرلىك قىلىپ جورىسىغا ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا زۇلۇم سېلىش، ھازازۇل ۋە جېدەلخور بولۇش.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق