باش بەت>>ئەدەبىيات
باشقۇرغۇچىلار قەيسەررەك بولغىنى ياخشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-08-06 12:06:09

 

بىر قوي تەڭرىدىن سوراپتۇ:

— بېشىمغا بىر جۈپ مۈڭگۈزنى ئاتا قىلدىلا، ئۇ گەرچە دۈشمەنگە زەربە بېرىپ ئۆزۈمنى قوغدايدىغان قورال بولسىمۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن دائىم بۆرىلەرگە يەم بولۇپ كېتىمەن؟

— گەرچە سەن بىلەن بۆرە ئوخشاشلا سۈت ئەمگۈچى ھايۋان بولساڭلارمۇ، ئەمما سەن ئوت-چۆپ، بۆرە بولسا گۆش يەپ ھايات كەچۈرىدۇ. يەر شارىدا سۇ كۆپ، قۇرۇقلۇقنى بولسا ياۋا ئوت-چۆپ بىلەن دەل-دەرەخ قاپلىغان. شۇڭا سەن ئاغزىڭنى ئاچساڭلا ئوزۇقلۇق يىيەلەيسەن، كۈن ئۆتكۈزمىكىڭ بۆرىدىن كۆپ ئاسان؛ ئەمما بۆرە ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن رەقىبىنى يېڭىشكە، ئولجىسىنى يېيىشكە موھتاج، سىلەر ھازىر ناھايىتى بىخەتەر، شۇڭا سىلەردە ئۆزۈڭلارنى قوغداش ئېڭى بىلەن ئىقتىدار كەمچىل. گەرچە سىلەر توپلىشىپ ياشىساڭلارمۇ، بىراق خەتەرلىك پەيتتە ئىتتىپاقلىشىپ خەتەرگە تاقابىل تۇرمايسىلەر! بۆرىچۇ؟ ئۇلار ئوۋ نىشانىنى بايقاشقا ماھىر، پۇراق سەزگۈسى كۈچلۈك، ئالغا بېسىش يولىدا باتۇر ۋە تىز پۈكمەس، ئۇلاردا ۋەھشىيلىك بىلەن پاراسەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئولجىنى قولغا چۈشۈرۈش ئىقتىدارى يۇقىرى، نىشانغا توپلىشىپ تاقابىل تۇرۇش روھىغا باي. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سېنىڭدە پەقەت قوينىڭ خاراكتېرى بار، ئەمما بۆرىدە بۆرىنىڭ جاسارىتى بار، مانا بۇ ئاراڭلاردىكى پەرق، — دەپ تەڭرى.

يۇقىرىقى ھېكايەتتىكى «بۆرە» روھىنى مېنىڭچە، بازار ئىگىلىكى دەۋرىدىكى باشقۇرغۇچىلارغا تەدبىقلاشقا تامامەن بولىدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق