باش بەت>>ئەدەبىيات
كىم ئەڭ چىرايلىق؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 15:56:51

 

نامراتلىق ئىلاھى بىلەن بايلىق ئىلاھى بىرەيلەندىن سورىدى:

__ ئىككىمىزدىن كىم ئەڭ چىرايلىق؟

قورقۇپ كەتكەن بۇ كىشى دەررۇ ئەقلىنى ئىشلىتىپ:

__ ئىككىڭلار ئۆز ئورنىڭلاردا تۇرغاندا، مەن سىلەرنىڭ قايسىڭلارنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايدىكەنمەن، شۇڭا بىر نەچچە قەدەم مېڭىپ بېقىڭلار، كۆرۈپ باقاي، __ دېدى.

نامراتلىق ئىلاھى بىلەن بايلىق ئىلاھى ئۇياق - بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى، ھېلىقى كىشى ئىككىسىگە بىر قۇر سەپسالغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:

__ نامراتلىق ئىلاھىنىڭ كەتكەندىكى ئارقا كۆرۈنۈشى چىرايلىق ئىكەن، بايلىق ئىلاھىنىڭ بولسا كەلگەندىكى قىياپىتى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىكەن.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق