باش بەت>>ئەدەبىيات
ئۈمىد
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:پولات ئاماننۇرى | يوللانغان ۋاقىت:2013-12-24 16:00:09

 

كامال جامال

 

ئۈمىد - ئىنسان دۇنياسىدىكى بىباھا گۆھەر بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق سەپىرىمىزگە كومپاس بولالىسا يەنە ھايات مەنزىللىرىگە تۇلپار بولۇپ چاپالايدۇ. ئۈمىد باھار يامغۇرى بولۇپ ھاياتلىق باغلىرىنى كۆكەرتىپ تۇرسا، ئۈمىدتىن ئوزۇق ئالغان ھاياتلىق يىلتىزى ئەبەدىي قۇرۇمايدۇ. ئۈمىد ھاياتلىقنىڭ قانات-قۇيرىقى بولۇپ، ھاياتلىق تەپەككۈرىنى بېلەيلەپ تۇرىدۇ. ئۈمىدتىن تۇغۇلغان ھېس-تۇيغۇلار تولىمۇ شېرىن، جەلىپكار بولۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە ئادەم روھىدىكى غايە، ئىستەكلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىنسان جىسمىغا كۈچ-مادار ئاتا قىلىدۇ. ئۈمىد بۇغداي بەرىكىتىگە تۇيۇنغان بولۇپ، تومۇردىكى قاننى پاكلاپ تۇرىدۇ. ئىنسان پەقەت ئۈمىد بىلەن ئاخىرقى تېنىقلىرىدىمۇ ئۆز مەۋجۇتلىقىنى نامايەن قىلىپ تۇرسا، يەنە ئۈمىد بىلەن دۇنياغا مېھرى-مۇھەببەت بېغىشلالايدۇ. ئۈمىد ئىنسان دىلىنىڭ چېرىغى بولۇپ، ئۈمىدتىن ئەقىل يورۇيدۇ. كىشىلىك ھاياتتا توغۇلۇش، ئۆلۈش ھەق، قانۇنىيەت بولسىمۇ ئەمما ئۈمىد مەۋجۇتلىقىمىزدىكى مەڭگۈلۈك تۇمار، خورىماس بۇلاقتۇر. ئەجداتلار روھىدىن ئەۋلاتلار قەلبىگە ئۇدۇملىنىپ كېلىۋاتقان ھاياتلىق مەۋقەلىرىمىز پەقەتلا ئۈمىد كۆزنەكلىرىدىن ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرسا، ئەجداتلار تېنىدىكى بۈيۈكلىك، يۈرىكىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يەنىلا شۇ ئۈمىدتىن كۆرەلەيمىز. ئۈمىد دېمەك ھاياتلىق دېمەكتۇر. ئۈمىدىنى دەپنە قىلىۋەتكەن ئادەم بەئەينى يىلتىزى قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە ئوخشايدۇ. خەتەرلىك تىك چوققىلارغا يامىشىپ چىقىۋاتقان ئادەمنىڭ جىسمىدىكى كۈچ-قۇۋۋەت يەنىلا ئۈمىدكە مەھكەم باغلانغان بولسا، ئۈمىدتىن غەلىبە، تەنتەنە ئاپىرىدە بولىدۇ. ئەگەر ئادەم روھىدا ئۈمىد كەمچىل بولسا، ئۇنىڭدىكى قىممەت سۇ ئۈستىدىكى كۆپۈككە ئوخشاپ قالىدۇ.

قاداق باسقان ئالقانلىرىغا تۈكۈرۈپ تۇرۇپ، يوغان كەتمەننى قۇلاققىچە يەرگە پاتتۇرۇپ چېپىۋاتقان دېھقاننىڭ ئۈمىدى ئاشۇ ئېتىزدىن يۈرىكىگە تۇتاشقان بولسا، دېھقان ناخشىسىنى ئەۋجىگە كۆتۈرگىنى يەنىلا ئۈمىددۇر. كۆز يەتكۈسىز قۇم-بارىخانلىرىنى كېزىپ، ھاياتلىق ئىزلىرىنى ئاپىرىدە قىلىۋاتقان غالىپلار ئۈچۈن، روھى مەدەت بولغىنى، ئىشەنچ ئاتا قىلغىنى يەنىلا ئۈمىد بولسا، تاپىنىمىز ئاستىدىكى چۈمىلىنىڭمۇ مەۋجۇتلىقى ئۈمىد بىلەن داۋاملاشقان بولىدۇ. ئادەم ئۈمىد بىلەن ئۆز تەڭپۇڭلىقىنى كونترول قىلىپ تۇرسا، يەنە شۇ ئۈمىد بىلەن ھايات توساقلىرىدىن ئاتلاپ ئۆتەلەيدۇ. كۈتۈش تەشنالىقلىرى ئۈمىد بۆشۈكلىرىدە ئەللەيلەنسە، يەنە ئۇ ئۈمىد بىلەن ۋىسال تاپىدۇ. ئۈمىد يىللار، ئەسىرلەرگە سايىپخان بولۇپ، ھاياتلىق سوئاللىرىنى تارىخ بەتلىرىگە كەشتىلەپ چىقالايدۇ.

 

ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق