باش بەت>>ئەدەبىيات
‏ئىزلەرمەن سېنى
مەنبەسى: |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-12 19:52:57


‏تىلۋالدى سىدىق


‏كەتتىڭا ئوغۇرلاپ قەلبىمنى مېنىڭ،
‏ۋە لېكىن ماكانىڭ تۇراتتى بۇندا.
‏پەرۋازىڭ توختىماي قاقماقتا قانات،
‏رېشتىمگە يىپ تارتىپ كېتەرسەن قايدا.

‏سىمايىڭ پارلايدۇ قارلىق كوچىدا،
‏ياڭرار ھەم سۆزلىرىڭ قۇلاق تۈۋىمدە.
‏لەۋلىرىڭ مۆھىرى بېسىلغان مەرتەم،
‏لەززىتى كەتمەسكەن ھەتتا چۈشۈمدە.

‏كېزەرمەن يۇرت بويلاپ بىخۇددۇر جىسمىم،
‏روھىمنى ئىپ كەتتىڭ بولدۇم سەرگەردان.
‏كۆزلىرىم تەكتىدە ئاچچىق ھېس تامار،
‏ئاتاقتا خوش كەيىپ سۈرسەممۇ دەۋران.

‏ھاياتىم مەنزىلى چاقناتسا ئۇچقۇن،
‏ۋۇجۇدۇم تەكتىدە ئۇرۇلدى خەندان.
‏قىسمەتكە يول ئاچقان قوش بېسلىق خەنجەر،
‏تۈتەكسىز جەڭلەرگە تۈزمەكتە مەيدان.

‏ ئەسلەپلا يۈرەرمەن باسقان ئىزىمنى،
‏ئۆزلۈكنى ھېچقاچان كۆرمەي باشقىدىن.
‏ھەم شۇندا ئىزلەيمەن يېڭى يولۇمنى،
‏بولسىكەن دەپ ئېتىم يورغا قاشقىدىن.

‏مەن ئىزلەپ يۈرگىنىم ئاددى بىر ئىنسان،
‏زاتەنكى چۆچۆكتەك ئەمەس ئۇ بەلكى.
‏سۆيۈشنى ئىستەيمەن غۇلاچلار كېرىپ،
‏يىراقتا بولسىمۇ گەر ئۇنىڭ ۋەسلى.

‏2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى(ئاتۇش)

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق