باش بەت>>ئەدەبىيات
ئەينەك
مەنبەسى: |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى | يوللانغان ۋاقىت:2015-03-12 20:06:22



تىلىۋالدى سىدىق

 پورەك ئاچسا چېھرىمدىن جىلۋىلەر تېمىپ،
كۆز ئۈزەلمەي قارىدىم يۈزۈڭگە يېنىپ.   
ئايان بولسا غەم-قايغۇ غۇبارى ساڭا،   
      ئېۋەن بىلەن غەشلىدىڭ كۈلكىدىن تېنىپ.    

 قىلساڭ ئەينەن كىشىنىڭ چېھرىنى ئىزھار،
نى گۈزەللەر سۆيۈنۈپ باقىدۇ تەكرار.   
  گۇناھ قويسا گەر ساڭا كۆرۈمسىزلەرمۇ،    
  گۇۋاھ بولدۇڭ ھۆكۈمدە كەچمىدىڭ زىنھار.

پارە-پارە بولساڭمۇ قىلمىدىڭ سازا،   
پارچەڭمۇ ھەم چاقناتقاچ مەڭگۈگە جۇلا.
        شەكلىڭ ئاددى مۈجەسسەم جىسمىڭغا چىنلىق،
ساداقىتىڭ ئەل ئۈچۈن مەڭگۈ راۋا.    

2005-يىلى 12-ئاي (ئاقتۇ)

ھەمبەھىرلەش
ئالدىنقىسى
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق