يەنە بىر گۈزەل دۆلەت جۇڭگولۇقلاردىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-01 08:09

تۇنىس 15-فېۋرالدىن باشلاپ تۇنىسقا ساياھەتكە بارغان جۇڭگو پۇقرالىرى چېگرادىن كىرگەندە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر پەقەت تۇنىستا تۇرىدىغان ۋاقتى بىلەن ماس كەلگەن مېھمانخانا زاكاز تالونى ياكى بېرىپ-كېلىش بېلىتىنى كۆرسەتسىلا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرەلەيدۇ، تۇرۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 90 كۈندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، جۇڭگونىڭ تۇنىستا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىزمەت، ئۆگىنىش، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق مەقسەتلەردە تۇنىسقا بارماقچى بولغان جۇڭگو پۇقرالىرى يەنىلا ئاۋۋال تۇنىسنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ۋىزا بېجىرىشى كېرەك ئىكەن.

نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن تۇنىس ئارىسىدا بىۋاسىتە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان يوق بولۇپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئالجىرىيە ئاۋىياتسىيەسىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭدىن يولغا چىقىپ، 11 سائەت ئۇچۇپ ئالجىرىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئىككى سائەت ئارام ئېلىۋېلىپ، ئاندىن يەنە بىر سائەت ئۇچۇپ تۇنىس پايتەختى تۇنىس شەھىرىگە بارسا بولىدىكەن.

ئەمەلىيەتتە «ياۋروپانىڭ ئارقا گۈللۈكى» دېگەن گۈزەل نامى بار تۇنىسنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل بولۇپ، ئالجىرىيە، مىسىردا ئايروپىلان ئالماشقاندىن باشقا يەنە تۇنىسنى ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەتلەر بىلەن قوشۇپ ساياھەت قىلسىمۇ بولىدىكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تۇنىس شەھىرىدىن ئۇچقاندا بىر سائەتتە رىمغا، ئىككى سائەتتە پارىژغا، ئىككى يېرىم سائەتتە مادرىدقا بارغىلى بولىدىكەن.

تۇنىستىكى چوقۇم بارمىسا بولمايدىغان سەيلىگاھلار

پايتەخت تۇنىستىكى ئاق-كۆك بازار (سىدى بۇ سەيىد بازىرى)

جىم قەدىمكى رىم گىلادىئاتور مەيدانى

كانتاۋى پورتى

قۇملۇقتىكى «بىر ئادەم قەھۋەخانىسى»دا ئالاھىدە دەملەنگەن قەھۋە ئىچىش

بالدۇر مۇزېيى

بۇ رەسىملەرگە قاراپلا كىشىنىڭ تۇنىسقا بارغۇسى كېلىدۇ

2016-يىلىدىن ھازىرغىچە يېڭىدىن كۆپلىگەن دۆلەتلەر جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق مىنىستىرلىقىنىڭ دىپلوماتىك ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2016-يىلى 1-نويابىردىن باشلاپ ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى چېگراسىدىن كىرگەندە ۋىزا ئالمايدىكەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بېرىپ سودا قىلىدىغان ياكى ساياھەت قىلىدىغان جۇڭگو پۇقرالىرى ۋىزىسىز چېگرادىن كىرەلەيدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 30 كۈن تۇرالايدۇ ھەمدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ھەق تاپشۇرغاندا تۇرۇش مۇددىتىنى يەنە (پەقەت بىر قېتىم بىلەن چەكلىنىدۇ) 30 كۈن ئۇزارتالايدۇ.

سېربىيە

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە سېربىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بارلاردىن ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىمى» 2016-يىلى 5-نويابىر ئىمزالانغان بولۇپ، 2017-يىلى 15-يانۋاردىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن جۇڭگو پۇقرالىرى كۈچكە ئىگە جۇڭگو پاسپورتى بىلەن سېربىيەگە ساياھەت، سودا ياكى تۇغقان يوقلاشقا بارسا، ۋىزىسىز 30 كۈن تۇرالايدۇ.

ماراكەش

2016-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ ماراكەشمۇ رەسمىي ھالدا جۇڭگوغا پۇقرالىرىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى.

تونگا

2016-يىلى 9-ئىيۇن جۇڭگو جۇڭگو-تونگا ئىككى دۆلەت رەسمىي ھالدا «ئادەتتىكى پاسپورتى بار خادىملاردىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىم» نى ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسلانغاندا، ئىككى دۆلەت پۇقرالىرى كۈچكە ئىگە پاسپورتى بىلەن قارشى تەرەپ دۆلىتىنىڭ چېگراسىدىن كىرسە، چېگراسىدىن چىقسا ياكى چېگراسىدىن ئۆتسە ۋىزىسىز 30 كۈن تۇرالايدۇ. كېلىشىم ئىككى تەرەپ دۆلەت ئىچىدىكى قانۇنىي تەرتىپلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

ئادەتتىكى پاسپورتى بار جۇڭگو پۇقرالىرى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە رايونلارغا بارغاندا چېگرادىن كىرىشتىكى قولايلىق سىياسەتلەر

جۇڭگو پاسپورتىنىڭ كۈچى بارغانسېرى ئاشتى، ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەر 10 يىللىق ۋىزىنى يولغا قويغاندىن باشقا يەنە كۆپلىگەن دۆلەتلەر جۇڭگو پاسپورتىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى.

ئۇنداقتا ھازىرغا قەدەر زادى قانچىلىك دۆلەت ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى؟ تۆۋەندە بىز جۇڭگولۇقلاردىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان دۆلەتلەرنى رەتلەپ چىقتۇق، ئەمما ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنىڭ يەككە تەرەپ ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ۋە ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دەپ ئىككىگە ئايرىلىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ!

ئادەتتىكى پاسپورتتىن ئۆز-ئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان دۆلەتلەر (9 دۆلەت)

باھاما، ئېكۋاتور، فىجى، گىرېنادا، ماۋرىتىئۇس، سان مارىنو جۇمھۇرىيىتى، سېيشېل، سېربىيە، تونگا

يەككە تەرەپ جۇڭگو پۇقرالىرىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار (16)

ئاسىيا قىتئەسى(3): ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ھىندونېزىيە، كورېيە (جېجۇ ئارىلى قاتارلىق جايلار)

ئافرىقا قىتئەسى (3): ماراكەش، فىرانسىيەگە قاراشلىق رېئونىيون ئارىلى، تۇنىس

ئامېرىكا قىتئەسى(7): ئانتىگۇئا ۋە باربۇدا، ھايتى، جەنۇبىي جورجىيە ۋە جەنۇبىي ساندۋىچ ئارىلى (ئەنگلىيەنىڭ چەتئەلدىكى زېمىنى)، ساينىت كىتىس ۋە نېۋىس، تۇركس ۋە كايكوس ئارىلى (ئەنگلىيەنىڭ چەتئەلدىكى زېمىنى)، يامايكا، دومىنىكا

ئوكيانىيە قىتئەسى (3): ئامېرىكىغا قاراشلىق شىمالىي مارىيانا تاقىم ئارىلى، ساموئا، فىرانسىيەگە قاراشلىق پولىنېزىيە

يەككە تەرەپ جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ قونۇش ۋىزىسى بېجىرىشىگە رۇخسەت قىلغان دۆلەت ۋە رايونلار (37)

ئاسىيا قىتئەسى (19): ئەزەربەيجان، بەھرەين، شەرقىي تىمور، ھىندونېزىيە، لائوس، لىۋان، مالدىۋىي، بېرما، نېپال، سىرى لانكا، تايلاند، تۈركمەنىستان، برۇنىي، ئەرمېنىيە، ئىيوردانىيە، ۋىيېتنام، كامبودژا، بېنگال

(ئەسكەرتىش: ھىندونېزىيە بىرلا ۋاقىتتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش ۋە قونۇش ۋىزىسى بېجىرىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ).

ئافرىقا (11): مىسىر، توگو، يېشىل تۇمشۇق، گىۋىنېيە بىسساۋ، كومورو، كوتىدىۋا، ماداغاسقار، مالاۋى، ماۋرىتانيە، تانزانىيە، ئۇگاندا

ئامېرىكا (3): گىۋىيانا، سۇرىنام، ساينىت خېلېنا ئارىلى

ياۋروپا (1): ئۇكرائىنا