يەسلىدىن ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزگىچە39خىل پۇلنى ھەقسىز ئالالايسىز!
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-03-09 09:04

يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017 - يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. بۇ يىل ئوقۇش ياردەم پۇل قەرزىنى تولۇق ئوتتۇرىدىلا ئالدىنى ئىلتىماس قىلىش مېخانىزمى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كېڭەيتىلىدۇ.

تولۇق ئوتتۇرىدا ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرز پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا «تولۇق ئوتتۇرىدا ئالدىن ئىلتىماس قىلىش» خىزمىتى ھەر يىلى 5 - ئايدىن 3 - ئايغا سۈرۈلۈپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەم ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىشىغا شارائىت ھازىرلىنىدۇ.

2017 - يىلى ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئوقۇش ياردەم پۇلى سىياسەتلىرى بار؟ بىرلىكتە چۈشىنىپ باقايلى!

يەسلى مائارىپىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى

ھۆكۈمەت ياردەم مەبلىغى

يەرلىك ھۆكۈمەت ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق قۇرۇلغان ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش خاراكتېرىدىكى يەسلىلەرگە قارىتا، ئائىلىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئۆسمۈرلەرگە، يېتىم بالىلارغا ۋە مېيىپ ئۆسمۈرلەرگە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدۇ.

يەسلى ياردەم مەبلىغى

يەسلىلەر كەسپىي كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئايرىپ، ئېلىنىدىغان ھەقنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا، شۇنداقلا ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىدۇ. كونكرېت ياردەم بېرىش نىسبىتىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ.

جەمئىيەت ياردەم مەبلىغى

ھەرقايسى ئورۇنلاردا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى تەشكىلات، كارخانا ۋە ئىدارە - ئورۇنلارنى شۇنداقلا شەخسلەرنى ئىئانە قىلىشقا ئاكتىپلىق بىلەن يېتەكلەپ ۋە ئىلھاملاندۇرۇپ، ئائىلە قىيىنچىلىقى بار ئۆسمۈرلەر، يېتىم بالىلارغا ۋە مېيىپ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش تۈزۈمىدىكى يەسلى مائارىپىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

مەجبۇرىي مائارىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتى

 

پارچە ئوقۇش خىراجەت كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

شەھەر يېزا مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارچە ئوقۇش خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

ھەقسىز دەرسلىك ماتېرىياللار

مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلار ھەقسىز ئوقۇش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلىنىدۇ. ھەقسىز دەرسلىك ماتېرىيال مەبلىغى، دۆلەت بەلگىلەنگەن دەرسلەرنى مەركەز پۈتۈنلەي بىردەك ئۈستىگە ئالىدۇ. يەرلىك دەرسلەرنى يەرلىك ئۈستىگە ئالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە باشلانغۇچ بىرىنچى يىللىققا يېڭى كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلار لۇغىتىنىڭ رەسمىي نەشرى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ.

ياتاقتا ياتىدىغان ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلى

شەھەر - يېزىلاردىكى ياتاقتا ياتىدىغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ياتاقتا يېتىش تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەربىر ئوقۇغۇچى ھەر يىلى 1000 يۈەن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلى 1250 يۈەن بولىدۇ.

ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاش پىلانى

دۆلەت يېزا مەجبۇرىي مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلىنىشنى ياخشىلاش پىلانىنى يولغا قويىدۇ. ياردەم شەكلى ئوقۇغۇچىلارنى تەڭ قىممەتتىكى ئېسىل يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەش بولۇپ، نەق پۇل شەكلىدە تارقىتىلمايدۇ. ياردەم ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىلىغا 800 يۈەن بولىدۇ.

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى

پارچە ئوقۇش خىراجىتىنى كەچۈرۈم قىلىش

2016 - يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى باشلانغاندىن بۇيان ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا، شۇنداقلا ئارخىپ تۇرغۇزۇلمىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇمچە ئوقۇش ھەققى كەچۈرۈم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شەخسىي مەكتەپلەردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلچەم بويىچە ياردەم بېرىلدى.

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى

ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئائىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىتىلىدۇ. ياردەم نىسبىتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ %20 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئوتتۇرىچە ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىللىقى 2000 يۈەن بولىدۇ، كونكرېت ئۆلچەمنى ھەرقايسى رايونلار ئۆز ئەھۋالىغا قارىتا بېكىتسە بولىدۇ.

مەكتەپ ياردەم مەبلىغى

مەكتەپ قىلىنغان كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئوقۇش پۇلىنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشقا، مەكتەپ ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىشقا ئىشلىتىدۇ.

جەمئىيەت ياردەم مەبلىغى

كارخانا، تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرىلاردا ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ياردەم پۇلى تەسىس قىلىشقا ئاكتىپ يېتەكلەيدۇ ۋە ئىلھاملارندۇرىدۇ.

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى

ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش

دۆلەت ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى پۈتۈن كۈنلۈك رەسمىي ئوقۇۋاتقان بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى يىللىقتىكى يېزا (ناھىيە، بازار) ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ، شەھەر نوپۇس يېزا ئىگىلىككە مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.

شەخسلەر ئىلىكىدىكى ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇش كەچۈرۈم قىلىش شەرتكە ئۇيغۇن ئوقۇغۇچىلارغا، شۇ يەردىكى ئوخشاش تۈر ئوخشاش كەسىپتىكى ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆلچىمىدە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمى ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى ئاتا - ئانىلار ئۈستىگە ئالىدۇ.

ھۆكۈمەت ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىش ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولسا، شەخسىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش پۇلى ئۆلچىمى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى ئوبيېكتىلىرى بولسا پۈتۈن كۈنلۈك بىرىنچى ئىككىنچى يىللىق يېزا-ئىگىلىك كەسپىگە ئائىت كەسىپتە ئوقۇۋاتقانلارنى شۇنداقلا يېزا - ئىگىلىك كەسپىگە چېتىلمايدىغان كەسىپتىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىللىقى 2000 يۈەن. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار نىسبىتى رايونلارغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.

پىراكتىكىنى ئۈستىگە ئېلىش

ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئۈچىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنى كارخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئېرىشكەن ئىش ھەققىنى ئۆگىنىش ۋە تۇرمۇشقا ئىشلىتىش.

ئوقۇش مۇكاپاتى

يەرلىك ھۆكۈمەت، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ، كارخانىلار ئالاھىدە تۈر مەبلىغى بىلەن ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەردە ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىدۇ.

مەكتەپ ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىش

ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەر ھەر يىلى بەلگىلىك خىراجەت ئاجرىتىپ، دۆلەتنىڭ ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن سىرت ئوقۇش پۇلىنى ئازايتىش، تىرىشچانلىق بىلەن ئىشلەپ ئوقۇش ياردىمىگە ئېرىشىش، مەكتەپ ئىچى ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىق ياردىمى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

باشقا ياردەملەر

جەمئىيەتتىكى تەشكىلاتلار، كارخانا ۋە ئىدارە ئورگانلارنى شۇنداقلا شەخسلەرنى ئوتتۇرا كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئائىلىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ ۋە قوللايدۇ.

ئالىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش سىياسىتى

دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى

تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئوقۇشى ئالاھىدە ئەلا بولغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، مەخسۇس كۇرس (ئالىي تېخنىكوم، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ھەر يىلى تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىدىن ھەر يىلى 50 مىڭىغا، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 8000 يۈەندىن بېرىلىدۇ.

دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى

ئۆگىنىشتە ئەلا، ئەخلاقى ياخشى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، مەخسۇس كۇرس (ئالىي تېخنىكوم، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن تارقىتىلىدۇ. دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ ياردەم بېرىش دائىرىسى تەخمىنەن پۈتۈن مەملىكەت بويىچە پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، مەخسۇس كۇرس (ئالىي تېخنىكوم، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %3ى بولىدۇ. ياردەم بېرىلىدىغان ھەربىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 5000 يۈەن بېرىلىدۇ. ھەر بىر ئوقۇش يىلى ئىچىدە، ئوقۇغۇچى دۆلەت ئىرادىلىكلەر ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تەڭ ئالسا بولمايدۇ.

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى

ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپ، مەخسۇس كۇرس (ئالىي تېخنىكوم، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ياردەم بېرىش دائىرىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، مەخسۇس كۇرس (ئالىي تېخنىكوم، ئىككىنچى باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئومۇمىي ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ %20ى بولىدۇ. ئوتتۇرىچە ياردەم بېرىش ئۆلچىمى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 3000 يۈەن بولۇپ، 2-3 دەرىجىگە ئايرىسا بولىدۇ.

دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى

دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى ھۆكۈمەت باش يېتەكچى بولۇپ، پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى ئالىي مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا كاپالەت بەرگۈچى ياكى گۆرۈ بولمىغان ئاساستا كىرېدىت ئوقۇش ياردەم قەرزى تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپ ۋاقتىدىكى ئوقۇش ۋە ياتاق ھەققىنى ياردەملىشىپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ. ھەر ئوقۇش يىلىدا بېرىلىدىغان قەرزنىڭ سوممىسى پىرىنسىپ بويىچە 8000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، قەرز ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندىمۇ 20 يىلدىن ئاشمايدۇ. دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىنىڭ ئۆسۈمى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا ئېلان قىلغان ئوخشاش دەرىجىدىكى تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ، ئۆرلىتىلمەيدۇ. قەرز ئالغان ئوقۇغۇچى مەكتەپتىكى ۋاقتىدا قەرز ئۆسۈمىنى مالىيە تولۇقلىمىسىدىن تۆلەيدۇ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىنكى ئۆسۈمنى ئوقۇغۇچى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ ھەمدە كېلىشىم بويىچە قەرزنى قايتۇرىدۇ. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىنى ئىلتىماس قىلغاندا ئىككى خىل ئۇسۇلدا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ: بىرى، مەكتەپ ئىچىدە دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزى ئىلتىماس قىلىش، يەنى ئوقۇۋاتقان مەكتىپى ئارقىلىق بانكىغا ئىلتىماس سۇنۇش؛ ئىككىنچىسى، ئوقۇغۇچى يۇرتىدىن ئىناۋەت ئوقۇش ياردەم قەرزى ئىلتىماس قىلىش، يەنى نوپۇسى تۇرۇشلۇق ناھىيە(شەھەر، رايون)نىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ(بەزى رايونلاردا بىۋاسىتە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىغا بېرىپ ئىلتىماس سۇنۇلىدۇ).

ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئوقۇش ھەققى تولۇقلىما قەرزىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش

مەركىزى ئورۇنلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزى خالاپ ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارغا ۋە جاپالىق يىراق-چەت رايونلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئىشلەشنى خالىسا، ئىشلەش ۋاقتى 3 يىلدىن ئاشسا (3 يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى ياكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش تۈرى ئىجرا قىلىنىدۇ. تولۇقلىمىنى ۋاكالىتەن تۆلەش سوممىسى ئوقۇش پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ھەر يىلى ئەمەلىي تاپشۇرىدىغان ئوقۇش ھەققى ياكى دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 8000 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ.

ھەربىيلىككە قاتناشقانلار ئوقۇش پۇلى تولۇقلىما قەرزىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرىدۇ ۋە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش

ھەربىيلىككە قاتنىشىپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ياكى پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ۋاقتىدا تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ياكى ئېرىشكەن دۆلەت ياردەم پۇلى قەرزىگە قارىتا بىر قېتىملىق تولۇقلىما ياكى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ، ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ، مەكتەپكە قايتىپ كەلگەن ئوقۇغۇچىلار(ئالىي مەكتەپ يېڭى ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)نىڭ ئوقۇش پۇلى ئازلىتىپ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. تولۇقلىما بېرىپ ۋاكالىتەن تاپشۇرىدىغان ھەق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر يىلىدا ئەمەلىي تاپشۇرىدىغان ئوقۇش پۇلى ياكى ئېرىشكەن دۆلەت ياردەم قەرزىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ھەربىيلىكتىن چېكىنىپ مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ئوقۇش پۇلى سوممىسى ئەمەلىي يىغىلغان ئوقۇش پۇلىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يىلدىكى پۇلى 8000 يۈەندىن ئاشمايدۇ.

بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنغان ئەسكەر-كادىرلار ئوقۇش پۇلىغا ياردەم قەرزى بېرىپ ۋاكالىتەن تۆلەش

بىۋاسىتە ئەسكەر-كادىر قىلىپ قوبۇل قىلىنغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ھەربىيلىككە قوبۇل قىلىنغاندا مەكتەپتە تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلىغا قارىتا بىر قېتىملىق تولۇقلىما ئالىدۇ ياكى ئالغان ئوقۇش ياردەم قەرزىگە ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشقا ئېرىشىدۇ. تولۇقلىمىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش سوممىسى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ھەر يىلى ئەمەلىي تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلى ياكى ئېرىشكەن دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ، ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئېرىشىدىغان پۇلى ھەر يىلىغا 8000 يۈەندىن ئاشمايدۇ.

پېداگوگىكا تۈرى ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپىنى ھەقسىز قىلىش

بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇادۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەرقىي شىمال پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، خۇاجۇڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، شەنشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە غەربىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالتە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇشى ھەقسىز بولىدۇ. ھەقسىز ئوقۇتۇلىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىكى ئوقۇش ۋاقتىدا ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ھەقسىز قىلىنغاندىن سىرت، تۇرمۇش پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ.

ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەنلەرگە بېرىلىدىغان ئوقۇش ياردەم پۇلى

ئەسكەرلىكتىن چېكىنگىنىچە بىر يىلدىن ئاشقان، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن، ئەركىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەن ھەربىيگە ئوقۇش ياردىمى بېرىلىدۇ، مەزمۇنى مۇنداق: بىرىنچى، ئوقۇش پۇلىغا ياردەم بېرىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئەسكەرلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى؛ ئۈچىنچى، باشقا ئوقۇش ياردەم پۇلى. ئوقۇش ھەققىگە بېرىلىدىغان ياردەم ئۆلچىمى ھەر ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمىگە قاراپ، ھەر ئوقۇش يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 8000 يۈەن بېرىلىدۇ. تۇرمۇش پۇلى ۋە باشقا ئوقۇشقا ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى دۆلەتنىڭ نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا بېرىلىدىغان ياردەم سىياسەتلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

يېڭى مەكتەپكە كىرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى

2012-يىلدىن باشلاپ، ئوتتۇرا-غەربىي رايونلاردا ئالىي مەكتەپتىكى ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار، يېڭى مەكتەپكە كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش تۈرى قوزغىتىلدى، بۇ تۈردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىن قوبۇل قىلىنغان مەكتەپكە كەلگىچە بولغان سەپەر پۇلى ھەمدە مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى قىسقا مۇددەتلىك تۇرمۇش پۇلى ھەل قىلىنىپ، ئۆلكە(رايون، شەھەر) ئىچىدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە 500 يۈەن، ئۆلكە(رايون، شەھەر) سىرتىدىكى مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە 1000 يۈەن ياردەم بېرىلىدۇ.

تىرىشىپ ئىشلەپ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش

مەكتەپ تەرەپ مەكتەپ ئىچىدە تىرىشىپ ئىشلەپ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن سىرت ۋاقىتلىرىدا تىرىشىپ ئىشلەپ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئالدىن ئويلىشىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ تۈرگە قاتناشقاندا پىرىنسىپ بويىچە ھەر ھەپتىدە ئىشلىگەن ۋاقتى 8 سائەتتىن، ھەر ئايدا 40 سائەتتىن ئارتۇق بولماسلىقى كېرەك. ئەمگەك ھەققى پىرىنسىپ بويىچە ئاشۇ يەرلىك ھۆكۈمەت ياكى ئالاقىدار ئورۇنلار بېكىتكەن ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمىدىن ياكى ئاھالىلەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئۆلچىمىدىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم.

مەكتەپ ئىچى ياردىمى

مەكتەپلەر كەسپىي كىرىم ئىچىدىن ئالغان ياردەم پۇلى بىلەن ۋە ئىجتىمائىي كوللېكتىپ، كارخانا-كەسپىي ئورۇنلار ھەمدە شەخسلەرنىڭ ئىئانىسى قاتارلىقلار بىلەن مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش ياردەم پۇلى، قىيىنچىلىقى بارلارغا بېرىلىدىغان ياردەم، تاماق تولۇقلىمىسى، مەكتەپ ئىچى ئۆسۈمسىز قەرز، ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىدۇ.

يېشىل كارىدور

پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەر «يېشىل كارىدور» قۇرۇپ، مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ئوقۇش ھەققىنى تاپشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا ئاۋۋال ئوقۇش باشلاش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىدۇ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قارىتا ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن ياردەم بېرىدۇ.

ئاسپىرانتلار ئوقۇشى باسقۇچى

دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى، «ئۈچ ياردەمچى» خىزمەت ئورنى تولۇقلىمىسى

دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى، ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغانلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش

ھەربىيلىككە قوبۇل قىلىنىپ قايتقانلارغا ئوقۇش ھەققى تولۇقلىمىسى بېرىپ ۋاكالىتەن تۆلەش ھەم ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنغان ئەسكەر-كادىرلار ئوقۇش پۇلىغا ياردەم قەرزى بېرىپ ۋاكالىتەن تۆلەش ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا بېرىلىدىغان ياردەم

دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى

ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالاھىدە ئەلا بولغان ئاسپىرانتلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ. ھەر يىلى 45 مىڭ ئاسپىرانتقا بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ماگىستىر 35 مىڭ بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ، دوكتور 10 مىڭ بولۇپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 30 مىڭ يۈەن بېرىلىدۇ.

ئوقۇش ياردەم پۇلى

ئاسپىرانتلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، قېتىرقىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشى، ئاكتىپ ئىلگىرىلىشىگە رىغبەت بولۇش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى. مەركىزى ئالىي مەكتەپلەر ئاسپىرانتلاردىن ھەق ئېلىش ئۆلچىمىگە، ئوقۇش نەتىجىسى، تەتقىقات نەتىجىسى، جەمئىيەتكە قىلغان مۇلازىمىتى ۋە ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسلىنىپ، ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنىڭ تارقىلىش دائىرىسى، دەرىجىسى، مۇكاپات ئۆلچىمى ۋە باھالاش تەدبىرىنى بېكىتىدۇ (دەرىجىلەرگە بۆلۈپ مۇكاپاتلاش ئۆلچىمىنى بېكىتىشكە بولىدۇ). ئاسپىرانتلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۆلچىمى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئاسپىرانتلار دۆلەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۆلچىمىنىڭ %60دىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. يەرلىك ئالىي مەكتەپ ئاسپىرانتلىرى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى سىياسىتىنى يەرلىك ئورۇنلار مەركەز سىياسىتىدىن پايدىلىنىپ بېكىتىدۇ.

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى

بۇ پۇل مەملىكەت ئىچىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپنىڭ مەملىكەتلىك ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش پىلانى ئىچىگە كىرگەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلىرىنىڭ(مۇقىم مائاش كىرىمى بارلار بۇنىڭ سىرتىدا) ئاساسىي تۇرمۇش چىقىمىغا بېرىلىدىغان ياردەم.

«ئۈچكە ياردەم» خىزمەت ئورنى تولۇقلىمىسى

ئالىي مەكتەپلەر مائارىپقا ئاجرىتىلغان پۇل، ئىلمىي تەتقىقات خىراجىتى، ئوقۇش پۇلى كىرىمى، جەمئىيەت ئىئانىسى قاتارلىق پۇللاردىن ئاسپىرانتلارغا «ئۈچ ياردەمچى»(تەتقىقات، ئوقۇش، باشقۇرۇش ياردەمچىسى) خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىپ، «ئۈچ ياردەمچى» تولۇقلىمىسى تەمىنلەيدۇ. پىرىنسىپ بويىچە، تەتقىقات ياردەمچىسى تولۇقلىمىسى ئاساسلىق ئىلىمىي تەتقىقات خىراجىتىدىن ئەمگەك ھەققى ۋە ئىلمىي تەتقىقات ۋاسىتىلىك ھەققى ئايرىلىدۇ، ئوقۇش ياردەمچىسى ۋە باشقۇرۇش ياردەمچىسى تولۇقلىمىسىنى ئالىي مەكتەپلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئاسپىرانتلارنىڭ «ئۈچ ياردەمچى» تولۇقلىما ئۆلچىمى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە يەرلىكنىڭ مال باھا سەۋىيەسى قاتارلىق ئامىللارنى بىرلەشتۈرگەن ئاساسىدا نورمال بېكىتىلىدۇ.

دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى

ئاسپىرانتلارنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى، تەرتىپى ۋە باشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ئالىي مەكتەپ، مەخسۇس كۇرس مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. پىرىنسىپ بويىچە، ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش ياردەم قەرزى مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىنى ئاساس قىلىدۇ، ھەر يىلى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ قەرزى ئېلىش سوممىسى 12000 يۈەندىن ئاشمايدۇ.

ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەيدىغانلارغا بېرىلىدىغان ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش

ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى ئاسپىرانتلار ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىشتا ئوقۇش پۇلى ياردەم قەرزىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى، تەرتىپى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ئاساسەن تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرسنى پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئاسپىرانتلارنىڭ تولۇقلىما ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش سوممىسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ھەر يىلى 12000 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ.

ھەربىيلىككە قوبۇل قىلىنىپ قايتقانلارغا ئوقۇش ھەققى تولۇقلىمىسى بېرىپ ۋاكالىتەن تۆلەش ھەم ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش

ئاسپىرانتلارنىڭ ھەربىيلىككە قوبۇل قىلىنىپ قايتقاندا ئوقۇش پۇلى تولۇقلىمىسى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش تۈرىنى ۋە ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى، تەرتىپى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ئاساسەن تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئاسپىرانتلار تولۇقلىما ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش ياكى ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سوممىسى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلى 12000 يۈەندىن ئارتۇق بولمايدۇ.

بىۋاسىتە قوبۇل قىلىنغان ئەسكەر-كادىرلار ئوقۇش پۇلىغا ياردەم قەرزى بېرىپ ۋاكالىتەن تۆلەش

بىۋاسىتە ئەسكەر-كادىر بولۇپ قوبۇل قىلىنغان ئاسپىرانتلار ئوقۇش پۇلى تولۇقلىما قەرزى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىش شەرتى، تەرتىپى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ئاساسەن تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئاسپىرانتلار تولۇقلىما ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش ياكى ئوقۇش پۇلىنى كەچۈرۈم قىلىش سوممىسى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر يىلى 12000 يۈەندىن ئارتۇق بولمايدۇ.

ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ئوقۇشىغا بېرىلىدىغان ياردەم

ھەربىيلىكتىن چېكىنگىنىگە بىر يىلدىن ئاشقان، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن ھەمدە مەملىكەتلىك پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانت قوبۇل قىلىش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۆز ئالدىغا خىزمەت تاپقان ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ئەسكەرگە ئوقۇش ياردىمى بېرىلىدۇ. ياردەم مەزمۇنى تولۇق، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنىڭكى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. ئوقۇش پۇلى ياردەم ئۆلچىمى ھەر ئوقۇش يىلى ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 12000 مىڭ يۈەندىن ئاشمايدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كەتكۈسى!