تۈركىيەدە چوڭ ئىش چىقتى! غەرب تاراتقۇلىرى: تۈركىيە «ئۆلدى»
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-04-19 10:07

16-ئاپرېل، تۈركىيەدە تارىخىي زور ۋەقە يۈز بەردى، بۇنىڭدىن غەرب جەمئىيىتى چۆچۈپ كەتتى، 2017-يىللىق ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان جۇڭگولۇقلارمۇ قىيىن بىر سوئالغا دۇچكەلدى.

ئەسلىدە 16-ئاپرېل تۈركىيەدە بۇ دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىدىغان ئومۇمخەلق ئاۋازىغا قويۇش ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ قېتىمقى ئومۇمخەلق ئاۋازىغا قويۇشنىڭ مەزمۇنى: دۆلەتنىڭ تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، پارلامېنت ئەمەس، بەلكى زۇڭتۇڭنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇققا ئىگە بولۇشىغا قوشۇلامسىز-يوق؟ تۈركىيەنىڭ «پارلامېنتلىق تۈزۈم»دىكى دۆلەتتىن «زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈم»دىكى دۆلەتكە ئۆزگىرىشىگە قوشۇلامسىز-يوق؟

ئاخىرىدا، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى قوللايدىغان كىشىلەر ئاجىز ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قىلدى، ئەمما بۇ قېتىمقى ئومۇمخەلق ئاۋازىغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭتۇڭى رەجەپ تايىب ئەردوئان شەك-شۈبھىسىزكى ئەڭ چوڭ غەلىبە قىلغۇچى بولىدۇ.

بۇندىن كېيىن، ئەينى چاغدا پۇتبولچى بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئەردوئان ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ چوڭ ئىسلام دۆلىتىدىكى ھوقۇقى ئەڭ چوڭ شەخسكە ئايلىنىدۇ، بۇ دۆلەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە بولغان سوتچى ۋە مىنىستىرلارنى پارلامېنتنىڭ ئورنىدا بىۋاسىتە تەيىنلەيدۇ. چەتئەل جامائەتچىلىكى ئەردوئان يېڭىدىن ئېرىشىدىغان ھوقۇقىغا تايىنىپ 2029-يىلىغىچە زۇڭتۇڭ بولۇشى مۇمكىن، دەپ قىياس قىلدى.

بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھوقۇق يۈرگۈزگەن تۈركىيە زۇڭلىسىنىڭ ۋەزىپىسى بىكار قىلىنىدۇ، زۇڭلىنىڭ ھوقۇقى زۇڭتۇڭغا تەۋە بولىدۇ. بۇمۇ تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زۇڭلىسى بىنالى يىلدىرىمنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك زۇڭلىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئەمما بىنالى يىلدىرىم ئەكسىچە تۈركىيەنىڭ تەقدىرىنى ئەردوئانغا قوش قوللاپ تاپشۇرۇپ بەردى، چۈنكى ئۇ ئەردوغاننىڭ ئەڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى.

ئۇنداقتا چوڭ ھوقۇقنى قولىغا ئالغان ئەردوئان تۈركىيە، ھەتتا دۇنيا ئەندىزىسىگە قانچىلىك چوڭ تەسىر يەتكۈزىدۇ؟

بۇنى غەرب تاراتقۇلىرىنىڭ «قايناپ» كەتكەنلىكىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئالايلۇق، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى، يەنى CNN ئومۇمخەلق ئاۋازىغا قويۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن دەرھال بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، تۈركىيەدە دېموكراتىيە بۈگۈن ئۆلدى، دەپ ئۇھسىندى.

بۇ ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: ئەردوئان غەلىبىگە ئالدامچىلىق ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق ئېرىشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئەتمىشلىرى ئۇنىڭ قارشى ئاۋازلارنى ئىنتايىن ئۆچ كۆرىدىغانلىقى، قارشى ئاۋاز چىقارغان كىشىلەرنى بارلىق كۈچلەرنى ئىشقا سېلىپ باستۇرىدىغانلىقى ھەتتا زىيانكەشلىك قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇڭا CNN تۈركىيەدىكى بۇ قېتىمقى ئومۇمخەلق ئاۋازىغا قويۇش تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەدىن مۇستەبىتلىككە قاراپ يول ئالغانلىقىنىڭ باشلىنىشى دەپ قارىدى. CNN يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەردوغاننىڭ قارا نىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۇنىڭ 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ 1100 ئېغىزلىق ھەشەمەتلىك زۇڭتۇڭ تۇرالغۇسى ياسىغانلىقى ئۇنىڭ تۈركىيە زۇڭتۇڭىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ سۇلتانى بولۇش كويىدا ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ، دېدى.

يەنە بىر غەرب تاراتقۇسى «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلىمۇ بۇ قېتىمقى ئومۇمخەلق ئاۋازىغا قويۇشنى CNNدىنمۇ بەكرەك ئاشۇرۇپ تەسۋىرلەپ، تۈركىيە «ئۆلدى» دەپ جاكارلىدى.

بۇ ژۇرنالنىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دېيىلدى: 1921-يىلى دۇنياغا كەلگەن تۈركىيە بۇرۇنقى چىرىكلىشىپ كەتكەن ئوسمان ئىمپېرىيەسىدىن تەلتۆكۈس قول ئۈزۈپ، تۈزۈلمىسىدە نۇقسانلار بولسىمۇ زامانىۋى مەدەنىيەتكە يۈزلەنگەن دۆلەت ئىدى، ئەمما ئۆتمۈشتىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسىنىڭ شۆھرىتىگە مەپتۇن بولغان ئىسلامىزمچى ئەردوئان بۇ قېتىمقى ئومۇمخەلق ئاۋازىغا قويۇشتا غەلىبە قىلدى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دېموكراتىيە يولى تەلتۆكۈس ئېتىلدى، زامانىۋىلاشقان، دەھرى تۈركىيە ئۈزۈل-كېسىل ھالاك بولدى.

ئەمما مەيلى CNN ياكى «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلى بولسۇن، ئەردوئان ۋە بۇ قېتىمقى ئومۇمخەلق ئاۋازىغا قويۇشتىن بىزارلىقىنى ئىپادىلىگەندە، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇنداق بىر ئىنچىكە ھالقىنى، يەنى ئەردوئان ۋە ئۇنىڭ ۋەكىللىكىدىكى ئىسلامىزم كۈچلىرىنىڭ «غەربكە قارشى» ئىكەنلىكىنى ئوخشاشلا تىلغا ئالدى.

بۇ ئىككى تاراتقۇ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەردوئان ئەمدى «ياۋروپا ئىتتىپاقى»غا كىرىش ئۈچۈن غەربكە ياخشىچاق بولمايدۇ، غەربنى دەپ ئۆزى جاپا تارتمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىر كۈچىنى بارىچە كېڭەيتىپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ خوجىسى بولىدۇ. «دىپلوماتىيە سىياسىتى» ژۇرنىلى ھەتتا تۈركىيە پاكىستان، مالايسىيا، مىسىر، ئىران ۋە ھىندونېزىيە قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىشىدۇ، دەپ قارىدى.

باشقىچە ئېيتقاندا، غەرب رۇسىيەدىن كېيىن يەنە بىر باش ئاغرىتىدىغان دۆلەت -تۈركىيەگە دۇچكېلىدۇ.