سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-06 17:15

سېرىق ئۇيغۇرلار يۇرتىغا سەپەر

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

(شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى)

سېرىق ئۇيغۇرلار (裕固族) ئۆزلىرىنى يۇغۇر دەپ ئاتايدۇ، ئۇلارنىڭ غەربىي تارمىقى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە، شەرقىي تارمىقى موڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، تىلى، مەدەنىيىتى، دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇشى ئادىتى ۋە باشقا ئۆزگىچىلىكلىرىنى چۈشىنىش مەقسىتىدە «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرى تەتقىقاتى» تېمىسىدىكى بىر قىسىم خادىملار 2014- يىلى 11- سىنتەبىر يۇغۇرلار يۇرتى بولغان گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىگە قاراپ ئىككى ماشىنا بىلەن يولغا چىقتۇق.

شۇ كۈنى كەچتە قومۇلغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خادىملار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، قومۇلدىن ئىلگىرى سۇنەن ناھىيەسىگە ئىككى قېتىم تەكشۈرۈشكە بارغان بىرەيلەننى گۇرۇپپىمىزغا قوشۇپ، ئەتىسى سەھەردە سۇنەن ناھىيەسىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. شۇ كۈنى كەچتە مەنزىلىمىزگە يېتىپ بېرىپ، بىزنى كۈتۈپ تۇرغان ناھىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، «شىجى خاجى مېھمانسارىيى»غا ئورۇنلاشتۇق. كەچلىك تاماقتىن باشلاپ ناھىيە رەھبەرلىرى ۋە ناھىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە مەدەنىيەت ساھەسىدىكى ئەربابلار سۇنەن ناھىيەسىنىڭ ۋە يۇغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىزگە تونۇشتۇرۇشقا باشلىدى. ئەتىسىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن سۇنەن ناھىيەسىنىڭ مېيخۇا يېزىسى، داخې يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، تىل، مەدەنىيەت، تۇرمۇش، ئۆرپ- ئادەت... قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاھىدىلىكلىرىنى نەق مەيداندا سۆھبەتلىشىش، خاتىرىلەش، سۇنەن ناھىيەلىك مۇزېي، مەدەنىيەت سارىيى... قاتارلىق جايلارنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىش جەريانىدا سۇنەن ناھىيەسىگە ۋە يۇغۇرلارغا ئالاقىدار بىر قىسىم مەلۇماتلاردىن خەۋەردار بولدۇق. بۇ جەرياندا كۆرگەن- بىلگەنلىرىمىزنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ يازمىنى تەييارلىدۇق.

1. سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى

سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى 1954- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، سۇجۇۋ (جيۇچۈەن)نىڭ جەنۇبى دېگەن نام بىلەن مەشھۇر، ئۇ مەملىكەت بويىچە بىردىنبىر يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى، ئورنى خېشى كارىدورىنىڭ ئوتتۇرىغا، چىليەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە توغرا كېلىدۇ، شەرقتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 650 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى 120- 200 كىلومېتىر چىقىدۇ. ئۇ گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىلىرىنىڭ يەتتە شەھەر، ئوبلاستى، 15 ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ. ئومۇمىي يەر كۆلىمى 24 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر. پۈتۈن ناھىيە ئالتە يېزا، ئىككى بازار، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى توققۇز چارۋىچىلىق مەيدانى، 101 مەمۇرىي كەنت ۋە ئۈچ يېزا- بازار دەرىجىلىك مەھەللىگە ئايرىلغان. يۇغۇر، خەنزۇ، موڭغۇل، تىبەت قاتارلىق 16 مىللەتتىن تەركىب تاپقان 14 مىڭ 554 ئائىلە، 37 مىڭ 579 نوپۇس بار. كۆپىنچە ئاھالىسى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئاز سانلىق مىللەتلەر نوپۇسى 21 مىڭ 200 بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %56.5 ىنى ئىگىلەيدۇ. يۇغۇرلارنىڭ ناھىيەدىكى نوپۇسى 10 مىڭ 200 بولۇپ، ناھىيە نوپۇسىنىڭ %27 ىنى ئىگىلەيدۇ.

سۇنەننىڭ يەر شەكلى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس بولۇپ، خېشى كارىدورىنىڭ ئالدىدىكى تۈزلەڭ رايون ۋە چىليەنشەن تېغىنڭ ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق رايون دەپ ئىككى كارىدور ھاسىل قىلغان، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1327ــ 5564 مېتىر كېلىدۇ، بۇ رايوننىڭ كېلىماتى تاغلىق سوغۇق، يېرىم قۇرغاق تىپقا كىرىدۇ. قىش، ئەتىياز پەسلى ئۇزۇن ھەم سوغۇق، ياز پەسلى سالقىن ھەم قىسقا. سۇنەن ناھىيەسىنىڭ زېمىنى كەڭ، ناھىيە تەۋەسىدە يايلاق، كان مەھسۇلاتلىرى، سۇ، ئېكولوگىيە، ساياھەتچىلىك، جانلىقلار قاتارلىق بايلىقلار مول. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغىنى يايلاق بايلىقى بولۇپ، پۈتۈن ناھىيە بويىچە 1 مىليون 710 مىڭ گېكتار يايلاق بار. بۇ يايلاق 1 مىليون 200 مىڭ قوينى بېقىپ كېتەلەيدۇ. شۇڭا بۇ ناھىيەنىڭ چارۋىچىلىق ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان. شۇڭا ناھىيە گەنسۇ ئۆلكىسى بويىچە قوي، كالا باقمىچىلىقىدىكى چوڭ ناھىيە ھەم گەنسۇدىكى ئەلا سۈپەتلىك ئېگىز تاغ ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي بازىسى ھېسابلىنىدۇ. سۇنەن ناھىيەسىدە مېتال كانى ۋە غەيرى مېتال كانىدىن 34 خىلى بار، بۇلار 305 ئورۇنغا تارقالغان. ھازىر ئېچىلغىنى 15 خىلدىن ئاشىدۇ. سۇنەننىڭ كۆمۈر زاپىسى 130 مىليون توننىغا، ھاكتاش زاپىسى 300 مىليون توننىغا يېتىدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە جەمئىي 33 دەريا- ئېقىن بار بولۇپ، خېشى كارىدورى سۇ ئېقىنىنىڭ %58.9 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئاپتونوم ناھىيە چىليەنشەن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ %70 زېمىنىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۆز تەۋەسىدە 408 كىۋادرات كىلومېتىر كۆلەمدىكى 964 مۇزلۇق بار. ناھىيە تەۋەسىدە ئىككى خۇيزۇلار مەسچىتى بار، بۇ ناھىيەدىكى 100 ئائىلىلىكتەك خۇيزۇ، دۇڭشياڭ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئاساسلىق دىنىي پائالىيەت سورۇنى ھېسابلىنىدۇ.

ناھىيە ھازىر مەدەنىيەت ۋە ساياھەتچىلىكنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «قاشتېشى، سۇ، شامال، كۈن نۇرى»دىن ئىبارەت تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىشنى نۇقتا قىلىپ، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭىچە كەسىپلەر ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

2. سېرىق ئۇيغۇرلار

سېرىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى خەنزۇچە 尧熬尔 دەپ تونۇشتۇرسا، تەلەپپۇزدا «يۇغۇر» «yughur~yuʁur» دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ، شۇڭا بىزمۇ بۇ يازمىدا ئۇلارنى يۇغۇر ياكى سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتىدۇق. «ھازىرقى ئۇيغۇرلار (维吾尔) قەدىمكى غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇر (回鹘)لارنىڭ ئاساسىي گەۋدە قىسمى بولۇپ، ئۇيغۇر (维吾尔) بىلەن يۇغۇر (尧熬尔) ئەمەلىيەتتە، بىر مەنبەدىن كېلىپ چىققان ئىسىم، تەلەپپۇزدىلا سەل پەرق بار»

سېرىق ئۇيغۇرلار ئېلىمىزدىكى نوپۇسى مەملىكەت بويىچە ئازراق (2010- يىلىدىكى 6- قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، يۇغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 14 مىڭ 378)، تارىخى ئۇزۇن، خېلى بۇرۇندىنلا خېشى كارىدورىدا ياشاپ كەلگەن قەدىمىي كۆچمەن چارۋىچى مىللەت. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ بىر بۆلۈك ئەجدادى بولغان ئۇيغۇرلار (回纥 ياكى 回鹘) 9- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئورقۇن- يېنىسەي ۋادىلىرىدىن جەنۇبتىكى چىليەنشەن تاغلىرى ئەتراپىغا كۆچۈپ، گەنجۇۋ، لياڭجۇۋ ئەتراپلىرىدا كۆچۈپ يۈرۈپ، خېشى كارىدورىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى بولۇپ قالغان. ئۇلار ئۇلاردىنمۇ بۇرۇن (مىلادىيە 7- ئەسىردە) خېشى كارىدورىغا كۆچكەن ئۇيغۇر قەبىلىسى بىلەن قوشۇلۇپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، ھۇنلار، چياڭلار، تۈبۈتلەر (تىبەت خانلىقى)، تاڭغۇتلار، موڭغۇللار بىلەن قويۇق ئالاقىدە بولۇپ كەلگەن، بۇ جەرياندا ئۇلار بىر- بىرىنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىگە ئۇچرىغان. كېيىنچە خېشى كارىدورىدا پائالىيەت قىلىپ كەلگەن باشقا مىللەتلەر خېشى كارىدورىدىن چېكىنىپ چىققان، ياكى شۇ يەردە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ، ئۆزىنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان. خېشى كارىدورىدا ياشاپ گەنجۇۋ ئۇيغۇرلىرى (甘州回鹘) ياكى خېشى ئۇيغۇرلىرى (河西回鹘) (بەزى ئۇيغۇرلار ئۇلارنى «ساغان ئۇيغۇرلىرى» ياكى «ئاق ئۇيغۇرلار» دەپمۇ ئاتىغان) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار (回鹘) بۇ يەردە مۇستەقىل گەنجۇۋ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان. بۇ خانلىق دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆزىگە خاس ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ياراتقان ھەمدە باشقا مىللەتلەر بىلەن قويۇق ئارىلىشىش جەريانىدا ئۆزئارا بىرلىشىپ ئۆزىگە خاس ئايرىم بىر مىللەتلەر توپى سېرىق ئۇيغۇرلارنى شەكىللەندۈرگەن.

خېشى ئۇيغۇرلىرى گەنجۇۋ (بۈگۈنكى جاڭيې)نى ئاستانە قىلىپ، شەرقتە لەنجۇۋ، تيەنشۇي، خېلەنسەن، تېغىدىن تارتىپ غەربىي شىمالدا خېلوچۈەن (ئېجىنا دەرياسى ۋە بادەن جىلىن چۆلى)، غەربتە دۇنخۇاڭ ۋە ھازىرقى گەنسۇ، شىنجاڭ چېگراسىغىچە، جەنۇبتا چىليەنشەن تېغى ۋە چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىگىچە بولغان جايلارنى، جۈملىدىن گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلغان. بۇ ۋاقىتتا خېشى ئۇيغۇرلىرى ئاساسلىقى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. دېھقانچىلىق، سودا- سېتىق ئىشلىرىنىمۇ قىلغان. ئۇلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، غەربىي يۇرت، ھىندىستان- رىم قاتارلىقلار بىلەن سودا ئالاقىسى ئورناتقان. مىلادىيە 10- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن 11- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا داڭشياڭ لار نىڭشيا ئەتراپىدا تاڭغۇت دۆلىتىنى قۇردى، تاڭغۇت دۆلىتى كۈچەيگەندىن كېيىن، 1001- يىلىدىن باشلاپ، خېشى رايونىدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە چىڭخەي- شىزاڭ رايونىدىكى تاڭغۇتلارغا ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان. ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇڭ سۇلالىسى ۋە چىڭخەي ئەتراپىدىكى تاڭغۇتلار بىلەن بىرلىشىپ تاڭغۇت دۆلىتى بىلەن 30 يىلغا يېقىن ئۇرۇش قىلغان. ئاخىرى تاڭغۇت دۆلىتىنىڭ شاھى لەشكەر تارتىپ گەنجۇۋنى بېسىۋالغان. ئۇيغۇرلارنىڭ قاغانى گەنجۇۋدىن قېچىپ چىقىپ، قايتا تەشكىللىنىپ، تاڭغۇتلارغا ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئارقا- ئارقىدىن مەغلۇب بولۇپ، چىليەنشەن تەرەپكە يۈرۈش قىلغان، يولدا قاغان كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان، مىلادىيە 1036- يىلى تاڭغۇتلار خېشى ئۇيغۇرلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، گەنجۇۋ ئۇيغۇر خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان. بۇ يەردىكى ساغان (خېشى) ئۇيغۇرلىرىنىڭ بىر قىسمى شاجۇۋ (ھازىرقى دۇنخۇاڭ)نىڭ غەربىدىكى تەڭرىتېغى ۋە ئالتۇنتاغنىڭ جەنۇب- شىمالىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كۆچۈپ كەلدى. يەنە بىر قىسمى پاناھ ئىزدەپ چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى تاڭغۇتلارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىگە بېرىپ قوشۇلدى، كېيىن ئۇلار تاڭغۇتلارغا سىڭىشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ھازىرمۇ ئۆزلىرىنى «خور» (霍尔) دەپ ئاتايدۇ.
يۇغۇر دېگەن بۇ نام ئادەتتە تارىختىكى «سېرىق ئۇيغۇر» ۋە «سارى ئۇيغۇر» بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «سېرىق ئۇيغۇر» سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە تارىم ۋادىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە سېرىق ئۇيغۇرلار ياشىغان رايونلاردا «سارى ئۇيغۇر» دېگەن نام پەيدا بولغان.

«سېرىق ئۇيغۇر» ياكى «سارى ئۇيغۇر» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئۇلارنىڭ رەڭگى ياكى ئىرقىغا قارىتىلغان بولماستىن، بەلكى ئۇلار ياشىغان جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا قارىتىپ ئېيتىلغان سۆز ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ھۇنلار، ئاۋارلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار ۋە موڭغۇللارنىڭ بىردەك قەبىلىلەرنى ۋە يۆنىلىشنى رەڭلەر بىلەن پەرقلەندۈرىدىغان ئادىتى بولغان، غەربنى سېرىق، شىمال ۋە مەركەزنى كۆك، جەنۇبنى قىزىل ۋە قارا، شەرقنى ئاق رەڭ بىلەن پەرقلەندۈرگەن. يۇغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي قەبىلىسى غەربىي قىسىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىدە بولغاچقا، سېرىق ئۇيغۇر دەپ ئاتالغان. «كۆك تۈرك»، «كۆك موڭغۇل» دېگەنلەر شىمالدىكى، يەنى مەركىزىي قىسىمدىكى تۈركلەر ۋە موڭغۇللارنى كۆرسەتكەن. قارا قىتانلارنىڭ ماكانى جەنۇبتا بولغاچقا، قىتانلارغا قارا سۆزى قوشۇپ ئىپادىلەنگەن.

يۈەن سۇلالىسى مەزگىلىدىكى سېرىق ئۇيغۇرلار دەل سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سارى ئۇيغۇرلاردۇر. موڭغۇل ئىستېلاسى دەۋرىدە موڭغۇللار سارى ئۇيغۇرلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار ياشىغان رايونلاردا مەھكىمە تەسىس قىلىپ، ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان. يۈەن سۇلالىسى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، خېشى كارىدورى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن، مىڭ سۇلالىسى چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى سەركەردىلەرنى يەنە چېگرانى قوغداشقا قويۇپ، سارى ئۇيغۇر رايونىدىكى سانغۇن بۇيان تېمۇرنى تىنچلاندۇرغۇچى خان دەپ بەلگىلىگەن ھەمدە سارى ئۇيغۇر رايونىدا ھەربىي تۈزۈمدىكى مەمۇرىي ئورگان تەسىس قىلغان ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردىمۇ قورۇقچى بەگلەرنى تۇرغۇزۇپ باشقۇرغان. ئۇلارنىڭ شەرقىي قىسمى موڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە تەۋە سېرىق ئۇيغۇرلار، غەربىي قىسمى تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە سېرىق ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغان. بۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ھازىر ئۆزلىرىنى يۇغۇر دەپ ھېسابلىسىمۇ، موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدىكى ئۇيغۇر چارۋىچىلىرىنىڭ ئۆرپ- ئادىتى موڭغۇل چارۋىچىلارنىڭ ئۆرپ- ئادىتى بىلەن ئانچە- مۇنچە پەرقلەنگەندىن باشقا، چوڭ جەھەتتىن ئوخشاش ئىدى. بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار باشتىن- ئاخىر موڭغۇل تىلىنى قوللانغانىدى. موڭغۇلچە چاپان كىيگەنىدى. ئارىدىن 300 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلار شەرققە كۆچۈپ، چىليەنشەن ئەتراپىغا بارغاندىن كېيىنمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر ياكى موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان «سېرىق ئۇيغۇر» (西拉尧熬尔) دەپ ئاتاشقا باشلىدى. لېكىن ئۇلار يەنىلا موڭغۇل تىلىنى قوللاندى. موڭغۇل تىلى بۇ جايدا تۈركىي تىلى، تاڭغۇت تىلى ۋە خەنزۇ تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ يەنىلا 13-14- ئەسىردىكى موڭغۇل تىلىنىڭ بىر خىل ۋارىيانتى ھېسابلىنىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلار تەدرىجىي راۋاجلىنىپ، تىپىك تۈرك- موڭغۇل تىپىدىكى كۆچمەن چارۋىچىلار ئىتتىپاقى گۇرۇھىغا ئايلاندى. موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنى بەزىلەر «موڭغۇل ئۇيغۇر ياكى شار ئۇيغۇر» (西拉尧熬尔) دەپ، تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارنى «تۈرك ئۇيغۇر ياكى سارى ئۇيغۇر» (撒里尧熬尔) دەپ ئاتىغان. بۇ يەردىكى ئىككى خىل ئىسىم كەڭ مەنىدىن ئوخشاش بولۇپ، شار (西拉)، سارى (撒里) دېگەنلەر تىل جەھەتتىن پەرقلىق بولسىمۇ، لېكىن ھەر ئىككىسى «سېرىق» سۆزىنىڭ خەنزۇچە ئىككى خىل ئىپادىلىنىشى ئىدى.

بۇنىڭدىن 4000- 5000 يىل ئىلگىرى ئالتۇنتاغ (چىڭخەي بىلەن چارقىلىق ناھىيەسى چېگراسىدا) رايونىدا ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە بىر قوۋم ياشايتتى. ئۇلار سارغۇچ قوڭۇر چاچلىق، ئات يۈزلۈك، قاڭشارلىق ئىدى. باشلىرىغا رەڭلىك چىلتەك بىلەن زىننەتلەنگەن ئۇچلۇق ئېگىز قالپاق كىيەتتى، قالپىقىنىڭ چوققىسىغا قۇش پېيى تاقىۋالاتتى، ئۇچىسىغا يىرىك يۇڭ يىپ بىلەن توقۇلغان چەكمەندىن تىكىلگەن ئۇزۇن چاپان كىيەتتى، بىلىكىگە پوتا باغلايتتى، پۇتىغا ئۆتۈك كىيەتتى، بويۇن، بېغىش، بەللىرىگە ئۇستىخان ياكى تاشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېسىۋالاتتى. ئەينى ۋاقىتتا، ئالتۇنتاغ رايونىنىڭ يەر ئۈستى ئېقىن سۇلىرى ناھايىتى مول بولۇپ، ھەممىلا يەرنى ياپيېشىل، بۈك- باراقسان ئوت- چۆپ، دەل- دەرەخ قاپلىغانىدى. كىشىلەر بۇ پايانسىز يايلاقلاردا قوي، ئۆچكە، كالا، تۆگىلەرنى باقاتتى ھەم ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلايتتى. مانا بۇلار ئالتۇنتاغدا ياشىغان ئەڭ قەدىمكى ئاھالىلەر ئىدى.

كېيىن، بۇ جاي قەدىمكى نوپچان (چاقىلىق). كىروران (پىشامشان) خانلىقىنىڭ زېمىنى بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ جايدا تاڭغۇتلار، ھىندى- ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە ساكلار، سوغدىلار ياشىدى. مىلادىيە 9- ئەسىردىن كېيىن ئۇلار ئۇيغۇر، موڭغۇل چارۋىچىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشىسدى. خەنزۇ- زاڭزۇ تىللىرى سىستېمىسىدىكى تاڭغۇتلار بىلەن خەنزۇلار، ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ۋە موڭغۇللار، ھىندى- ياۋروپا- ئىران تىللىرى سىستېمىسىدىكى ساك تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر گىرەلىشىپ ئارىلىشىپ كەتكەنىدى. ناھايىتى ئۇزاق بىر مەزگىلدە بۇ جاي بۇددا دىنى تارقالغان بىر رايون ئىدى. لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۇددا دىنى ئومۇملاشمىغانىدى، كۆچمەن چارۋىچى سېرىق ئۇيغۇرلاردىن بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئاز ساندىكىلەر بىلەنلا چەكلەنگەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئالتۇنتاغدىكى موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار ئەينى دەۋرنىڭ بۈيۈك مەدەنىيەت ئېقىنلىرى بىلەن تېخى ئۇچراشمىغانىدى.

بۇ رايوندا كېلىمات ناچارلىشىپ، ھاۋا تەركىبىدىكى سۇ تەدرىجىي ئازىيىپ، يايلاقلارنىڭ كۆپ قىسمى چۆل- جەزىرىگە ۋە قاقاس تاغلارغا ئايلاندى. يەنە كېلىپ بوران، قەھەتچىلىك، كەلكۈن، شور، قار- يامغۇر ۋە مۆلدۈر بۇ رايوندا كۆپ كۆرۈلىدىغان تەبىئىي ئاپەت بولۇپ قالدى. بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار تەدرىجىي ھالدا كىچىك كۆچمەن چارۋىچىلار گۇرۇھىغا ئايلاندى. مانا بۇ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ 9 ئەسىردىن 16- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى يايلىقى، يەنى ئۇلار چىليەنشەن تاغلىرىغا كۆچۈشتىن ئاۋۋالقى ئانا يۇرتىدۇر.

دېمەك، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى گەنجۇۋ ئۇيغۇر خانلىقىنى قۇرغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئالتۇنتاغدا ياشىغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارغا بېرىپ تاقىلىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا نېمىشقا موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرى ئۇيغۇرلار بولىدۇ؟ ئەسلىدە ئەڭ دەسلەپكى سېرىق ئۇيغۇرلار دەسلەپتە ھۇن قاغانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ھۇنلار غەربكە كۆچكەندە، ھۇن ئىتتىپاقىنىڭ بىر گۇرۇھى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھۇنلارغا ئەگىشىپ غەربكە كۆچكەن. مىلادىيە 4- ئەسىردە جەنۇبىي رۇسىيە ۋە ۋېنگىرىيەدىكى ھۇنلار ئارىسىدىمۇ سېرىق ئۇيغۇرلار بار ئىدى. ئورقۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە، سېرىق ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ئالتاي، ئالتۇنتاغ ئەتراپلىرى ۋە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب، شىمالىدىكى يايلاقلاردا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر تارمىقىدۇر.

سۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلار «شىجى خاجى» (西至哈志) ياكى «سەجى خاجى»نى دائىم تىلغا ئالىدۇ. ئاۋۋالقىسى تۈركىي تىللىق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ، كېيىنكىسى موڭغۇل تىللىق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپپۇزى بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ «بىزنىڭ ئاتا- بوۋىمىز شۇ يەردىن كەپتىكەن» دەيدۇ. بۇ جاي زادى قەيەردە؟ شىنجاڭنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىدا بۇ نام مۇجىمەلرەك تىلغا ئېلىنىپ قالىدۇ. 1517- يىلى چاغاتاي خانى مەنسۇرخان مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتكەن بىر مەلۇماتىدا: «... شيېچۇ (写出)، خاچۇ (哈出)، كۇيۇ (苦峪)دىن ئىبارەت ئۈچ جايدىن ئادەم يۆتكەپ...» دېگەن گەپ ئۇچرايدۇ. بەزىلەر بۇ گەپنى ئالتۇنتاغدىكى ئاھالىسى شالاڭ بىر يايلاق، موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇر خانلىرىنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بۇ يەرنى بىر مەزگىل يازلىق بارگاھ قىلغان، بۇ يەر ئۇلارنىڭ سىياسىي مەركىزى ئىدى، دەپ قارايدۇ. سۇنەندىكى مەدەنىيەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان بىر سىزما خەرىتىدە «شىجى خاجى» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى لىنىيە كۆرسىتىلگەن، شىجى (西支) دېگەن لىنىيە غەربكە، قومۇل تەرەپكە سوزۇلىدۇ (لېكىن خەرىتىدە كونكرېت نەگە تۇتىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن)، «خاجى» (哈支) دېگەن لىنىيە دۇنخۇاڭ ئارقىلىق چەرچەن- چارقىلىق تەرەپكە سوزۇلىدۇ. بۇنىڭدىن 400 يىللار ئىلگىرى موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار بىر يامغۇرلۇق سەھەردە «ئەجدادلىرىمىز شەرققە قاراپ مېڭىپ، لاتا كەش كىيىدىغان خەقلەرنىڭ يېنىغا بارساڭلار، مۇنبەت تۇپراق، سۇ ۋە يايلىقى ئەلۋەك ماكانغا ئېرىشىسىلەر دېگەن» دەپ ئاتلىرىغا مىنىشىپ، چارۋىلىرىنى ھەيدىشىپ، بۇ يەر بىلەن خوشلىشىپ، شەرققە كۆچكەن. ئۇلارنىڭ كۆچۈش جەريانى تەسىرلەنگەن «كۆچ- كۆچ قوشاقلىرى» ھازىرغىچە سېرىق ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىرى ۋە داستانچىلىرى تەرىپىدىن ئېيتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ھازىر ئاسىيا- ياۋروپا يايلاقلىرىدا ئۆزلىرىنى «يۇغۇر» دەپ ئاتايدىغان بىرقانچە تۈرلۈك مىللەت ياكى قەبىلە بار. مەسىلەن، موڭغۇلىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلاردىكى يۇغۇر قەبىلىسى «يۇغۇر موڭغۇللىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. چارقىلىق ناھىيەسى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزلىرىنى موڭغۇل تىللىق سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ پۇشتى دەپ قارايدۇ.

1949- يىلى 9- ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 1- دالا ئارمىيەسى غەربىي شىمالغا يۈرۈش قىلغاندا، سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقساقاللىرى ھەرقايسى قەبىلە باشلىقلىرىنى باشلاپ، جاڭيېغا كېلىپ ۋاڭ جېن قاتارلىق قوماندانلار بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە خەلق ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ما بۇفاڭنىڭ قالدۇق باندىتلىرىنى تازىلاشقا قاتناشتى. 1953- يىلى7- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جيۇچۈەن ۋىلايەتلىك كومىتېتى قەدىمىي شەھەر جيۇچۈەندە «چىليەنشەننىڭ شىمالىي باغرىدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرىنىڭ سۆھبەت يىغىنى»نى ئېچىپ، سېرىق ئۇيغۇر، تاڭغۇت(تېبەت)، موڭغۇل، قازاق، خەنزۇ، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۆز تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونلىرىنى قۇرۇش ئىشلىرىنى كېڭەشتى. ئەينى ۋاقىتتا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت نامى ھەققىدە كىشىلەرنىڭ ھەر خىل ئوي- پىكىرلىرى بولغان. قەدىمدىن تارتىپ سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر قوللانغان نامى بىرقانچە 10 خىلغا باراتتى. «سېرىق ئۇيغۇر» دېگەن نامنى قوللانسا، شىنجاڭدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلىشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ ئاقساقالى بىلەن مىڭبېشى «ئۆز مىللىتىمىز ئەڭ كەڭ قوللىنىدىغان، ئەڭ توغرا نامى ‹يۇغۇر›نى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ رەسمىي مىللەت نامى قىلىش كېرەك» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن «يۇغۇر»نىڭ خەنزۇچە نامى 尧熬尔 نى خەنزۇچە «باياشاد، مۇستەھكەم» مەنىسىدىكى 裕固 بىلەن يېزىش قارار قىلىندى. 1953- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى گەنسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىگە يازغان دوكلاتىدا 裕固族، يەنى يۇغۇر مىللىتى دەپ بېكىتتى ھەمدە ئۇلارغا ئاپتونوم رايون قۇرۇپ بېرىش قارار قىلىندى. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ زور كۆپچىلىكى جيۇچۈەن (سۇجۇۋ)نىڭ جەنۇبىدىكى نەنشەندە ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئاپتونومىيە ئورگىنىنىڭ نامى سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم رايونى (ناھىيە دەرىجىلىك) دەپ بېكىتىلىپ، 1954- يىلى 2- ئايدا جيۇچۈەن ۋالىي مەھكىمىسىگە قارايدىغان ئاپتونوم رايون قۇرۇلدى، شۇ يىلى 4- ئاينىڭ 11- كۈنى جيۇچۈەننىڭ خۇاڭنىباۋ دېگەن يېرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۇغۇرلار ئۈچۈن خۇاڭنىباۋ يۇغۇر ئاپتونوم يېزىسى قۇرۇلدى. 1955- يىلى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، «ئاساسىي قانۇن»دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئاپتونوم رايون نامى «سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى»گە ئۆزگەرتىلىپ، جاڭيې ۋىلايىتىگە قارايدىغان بولدى.

3. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزى، ئۆرپ- ئادىتى ۋە دىنى

سېرىق ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەرگە خاس مىجەزلىك بولۇپ، ئوچۇق- يورۇق، چىقىشقاق، خۇشچاقچاق، مېھماندوست، ئەسلى زاتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە قىزىقىدىغان مىللەت. بىزنى كۆرۈپلا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ: «سەن ياخشىمو» دەپ سالاملىشىشى ئارىمىزدىكى ياتسىراشنى بىردىنلا ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرىۋەتتى. غەربىي سېرىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئىچىدە قاڭشارلىق، ساقال- بۇرۇتلۇق، ئورا كۆزلەر كۆپرەك بولۇپ، چىراي- تۇرقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردىن پەرقلەنمەيدۇ. ھەر بىر ئائىلىنىڭ مېھمانخانا ئۆيىدىكى شىرەدە يوغان كۈلدان قويۇلغان، ئەرلەر تاماكىنى كۆپ چېكىدۇ، ماتېرىياللاردا دېيىلىشىچە، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سېرىق ئۇيغۇرلار شەرققە كۆچكەندىلا، سېرىق تاماكا (موخۇركا)، چىلىم، ناسىۋال چېكەتتىكەن، يەرلىك خەنزۇلار ئۇلارنى «ئوت يەيدىغانلار» دەپ ئاتىغانىكەن. كېيىن ئادەتتىكى تاماكىنى ئۆگەنگەن، ھازىرمۇ ناسىۋال، موخۇركا چېكىدىغانلار ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئەر- ئايال، قېرى- ياش دېمەي ھاراق ئىچىدۇ. ئۆيىگە كىرگەن مېھمانلارنى تاۋا نان ۋە سىنچاي، ئەتكەنچاي، ھۈمەل چايلار بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلار قارا چاي (كېسەك چاي) ئىچىشكە ئامراق، ئۇلاردا «بىر كۈن چاي ئىچمىسەك روھسىزلىنىمىز، ئۈچ كۈن چاي ئىچمىسەك ئاغرىپ قالىمىز» دەيدىغان گەپمۇ بار ئىكەن. بىر- بىرىنىڭ ئۆيىگە بارسا، كۆپىنچە ھاراق ۋە تالقان سوۋغا قىلىدۇ. بىزنىڭ شىنجاڭدىن ئېلىپ بارغان ئارمان قۇۋۋەت تالقىنى ۋە فىرىمالىرىمىز ئۇلارنى تولىمۇ خۇرسەن قىلىۋەتتى. ئۆيگە كىرگەن مېھمانلارغا تاماقتىن كېيىنلا ئۆي ئىگىسى ۋە ساھىبخانلار پەتنۇستا ئۈچ رۇمكىدىن ھاراق تۇتىدۇ، بۇ ئۈچ رۇمكىدىن ئۆزلىرى ئىچمەيدۇ. ئىككىنچى قېتىم ساھىبخان ھاراق تۇتقاندا، بىر ئادەم مەخسۇس ھاراق قۇيۇپ بەرسە، يەنە بىرەيلەن ناخشا ئېيتىپ بېرىدۇ. ھەرھالدا ھازىر زامانىۋى جەمئىيەت بولغاچقا، ھاراق ئىچەلمەيدىغانلارغا زورلاپ، كۆزىگە كىرىۋالمايدىكەن. قىزىغاندىن كېيىنكى كەيپىياتى خۇددى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردەك تېخىمۇ قىزغىن، خۇشچاقچاق، ھاياجانلىق بولۇپ، بىزلەرگە باشقا بىر مىللەت بىلەن تۇرۇۋاتقاندەك بىلىنمىدى. يۇمۇر- چاقچاقلىرى، ئۇلارنىڭ سورۇن كەيپىياتى بىزگە يەنىلا بۇرۇنقى گېن ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغاندەك تۇيغۇ بەردى.

موڭغۇل تىلىغا تەۋە شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلار بولسۇن ياكى تۈركىي تىلغا تەۋە غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلار بولسۇن، ھەر ئىككىسى بۇددا لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. يېزىلاردىكى مۇقىم ئولتۇراق ئۆيلىرىگە كىرسىڭىز ئاۋۋال كۆزىڭىزگە چېلىقىدىغىنى چىڭگىزخان ۋە بەنچەن ئېردەنىنىڭ ئاسما رەسىمى، ئىسرىقدان دېگەندەك نەرسىلەر، تۇرمۇش ئادىتى جەھەتتىن ئەسلى ئۆز مەدەنىيىتى، لاما دىنىنىڭ تەسىرى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن. ھېيت- بايراملىرى موڭغۇل، تېبەتلەر بىلەن ئوخشاش، موڭغۇل، تېبەت، خەنزۇلار بىلەن تويلىشىشى ئۆز مىللىتىدىن قالسىلا كۆپرەك، لېكىن خۇيزۇلارغا قىز بېرىش ياكى ئۇلاردىن كېلىن ئېلىشنى ئېغىر ئالىدۇ. سەۋەبىنى سورىساق، «ئۇلار بىلەن تويلاشسا، ئۆز دىنىغا (ئىسلام دىنىغا) كىرىشنى شەرت قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلار بىلەن توي قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز ئائىلىسى بىلەن ئادا- جۇدا بولۇشى كېرەك» دەپ جاۋاب بېرىشتى. ئۇلار بىزنى تۇڭگانلارنىڭ ئاشخانىلىرىغا باشلىدى، لېكىن ئۇلار ئىسلام ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلمەيدىكەن، ئىسلام مەدەنىيىتى، ئىسلام دىنى دېسە، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىغا ھازىرقى ئافغانىستان ۋەزىيىتى كېلىدىكەن. ئۇلار بىز بىلەن دىنىي ئېتىقاد ھەققىدە پاراڭلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى. بىزمۇ ئارتۇقچە كىرىشىۋالمىدۇق. شۇنداق بولسىمۇ بەزى ماتېرىياللاردىن ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ھەققىدە قىسمەن ئۇچۇرلارغا ئېرىشتۇق.

ئەينى يىللاردا سېرىق ئۇيغۇرلار بالايىئاپەتتىن قېچىپ چىليەنشەن تېغى ئېتىكىگە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تىبەت بۇددا دىنى ئومۇملاشمىغانىدى. ئۇ چاغلاردا سېرىق ئۇيغۇرلار بېكىنمە ھالەتتە بولۇپ، ئەجدادلىرىدىن قالغان شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى. لېكىن شۇ چاغلاردا سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا يەنە بۇددا ساڭراملىرىمۇ بار بولسىمۇ، ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىنغانىدى. 1697- يىلى چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ پادىشاھى شۈەنيې جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئاتامانى غالداننى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، ئادەم ئەۋەتىپ سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا لاما دىنىنى تەشەببۇس قىلىپ، شامان دىنى كۈچلىرىنى چەتكە قاقتى ۋە ئۇنى يوقاتتى.

غەربكە يۈرۈش قىلغان چىڭ قوشۇنلىرى ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك كۆچمەنلىرىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن كېلىشى بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا تۈرلۈك يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىپ ئادەملەر تۈركۈملەپ ئۆلۈشكە باشلىدى. ھەممىلا جايدا شامان دىنىنى يوقىتىپ، ئۈزۈل- كېسىل تىبەت بۇددا دىنى گىلو مەزھىپىگە («لاما دىنى» ۋە ياكى «سېرىق دىن» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئېتىقاد قىلىش بالايى ئاپەتنى يېڭىشنىڭ بىردىنبىر يولى، دېگەن گەپ- سۆزلەر تارقالدى. بەزىلەر ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ۋەيران بولغان ساڭراملارنى قايتا رېمونت قىلىش لازىم دەپ قارىدى. تىبەت بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان رايونلاردا بىر ساڭرام بىر دوختۇرخانا ھېسابلىناتتى، لامالارنىڭ كۆپىنچىسى كېسەل كۆرەلەيتتى. شۇڭا بۇ قاراش ئەينى چاغدا چېچەك، كېزىك قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىۋاتقان سېرىق ئۇيغۇرلار رايونى ئۈچۈن زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە چاقىرىق ئىدى. سېرىق ئۇيغۇر چارۋىچىلار، راھىبلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئۆزلىرىنىڭ باش ئاقساقالى ئۆگە نوياننى تاڭغۇتلار يۇرتى لىخاساغا بېرىپ نوم ئېلىپ كېلىپ، ساڭرام سالدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، باش ئاقساقال بۇنى رەت قىلدى. كېيىن باش ئاقساقالنىڭ خوتۇنى كىشىلەرنى باشلاپ ئۈچ يىلدا لىخاساغا بېرىپ، بىر يىل تۇرۇپ، دالاي لاما Ⅵ بىلەن كۆرۈشىدۇ. دالاي لاما Ⅵ ئۇنىڭغا «قايتىش سەپىرىڭدە كۆكنۇر (چىڭخەي كۆلى) بويىدا ئاق ئات مىنگەن، سول قۇلىقىغا كۈمۈش ھالقا ئاسقان بىر ئەر ئۇچرايدۇ، شۇ كىشى سېرىق ئۇيغۇر ساڭرامىنىڭ بولغۇسى رىياسەتچىسىدۇر» دەپ بىشارەت بېرىدۇ. ئۇلار كۆكنۇر بويىدا دالاي دېگەندەك ھېلىقى ئادەمنى ئۇچرىتىپ، ئۇنى ئۆز يۇرتىغا ئېلىپ كېتىپ، يېڭى سالغان ساڭرامغا رىياسەتچى قىلىدۇ. ئۇ سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدىكى بارلىق ساڭراملارنى باشقۇرىدۇ. 1710- يىلى موڭغۇل تىلىنى قوللىنىدىغان سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ شىلەيسى ساڭرامى (西来寺) گەنجۇۋ (ھازىرقى جاڭيى)دا قۇرۇلۇشقا باشلىدى. بۇ ساڭرامنىڭ مەنىسى غەربىي يۇرتتىن كەلگەنلەرنىڭ ساڭرامى دېگەنلىك بولۇپ، بۇ نام ئۇلارنىڭ غەربىي يۇرتتىن كەلگەنلىكىنى، ئەسلى زاتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقنى مەقسەت قىلغان.

ئاسىيا- ياۋروپا يايلاقلىرىدىكى بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر، موڭغۇل تىللىق مىللەتلەر ۋە تۇنگۇس تىللىق مىللەتلەرگە ئوخشاش سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى، بۇرۇندىن بار دىنى ― شامان دىنى، ئەڭ ئۇلۇغ ئىلاھى ― خان تېڭگېر (خان تەڭرى)، يەنى ئاسمان ئىلاھى ئىدى. ئۇلار تىبەت بۇددا دىنىغا ئىشىنىشتىن ئىلگىرى ھېچقانداق ئىبادەتخانىسى يوق ئىدى. غەربىي يۇرت دەسلەپكى مەزگىللەردە بۇددا دىنى تارقالغان، كېيىن ئىسلام دىنى تارقالغان رايون بولسىمۇ، سېرىق ئۇيغۇرلارغا بۇنىڭ ئانچە چوڭ تەسىرى بولمىغان. كېيىنكى مەزگىللەردە سېرىق ئۇيغۇرلار رايونىدا مەيلى تاڭغۇت خانلار، موڭغۇل خانلار ياكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى بولسۇن، ھەممىسى تىبەت بۇددا دىنىنى زور كۈچ بىلەن تەرغىب قىلدى. شۇنداق بولسىمۇ شامان دىنىنى ياقلايدىغانلار بىلەن تىبەت بۇددا دىنىنى ياقلايدىغانلار نەچچە يۈز يىللاپ تىركىشىپ، 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرىغا كەلگەندە، شامان دىنى ۋارىسلىرى پۈتۈنلەي تۈگىدى. ھازىر تۇرمۇش ئادەتلىرىدە ئانچە- مۇنچە شامان دىنى ئادەتلىرى ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، پۈتۈن مىللەت تىبەت بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولدى.

4. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى

يۇقىرىدا ئانچە- مۇنچە دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە، شەرقىي سېرىق ئۇيغۇرلار موڭغۇل تىلى ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، ھەر ئىككىسى خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىدۇ ھەم ئارىلاشتۇرۇپ قوللىنىدۇ. بىز ئاساسلىق تۈركىي تىللار ئائىلىسىگە تەۋە غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلار تىلىنى تەكشۈرگەچكە، شۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.

سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى گەرچە يېزىق قوللانغان بولسىمۇ، لېكىن سېرىق ئۇيغۇرلار كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، شەھەرلەشمىگەن خەلق بولغاچقا، بۇ يېزىقنى داۋاملاشتۇرمىغان. ئازادلىقتىن ئىلگىرى يۇغۇرلار رايونىدا تاڭغۇت تىل- يېزىقى قوللىنىلغان، سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يۇغۇر رايونىدا تاڭغۇت تىل- يېقىنىڭ ئورنىغا خەنزۇ تىل- يېزىقى قوللىنىلىشقا باشلىدى. ھازىر سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ياشانغانلىرى ۋە چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق رايونلىرىدىكىلەر ئانا تىلىنى ئاغزاكى يوسۇندا ساقلاپ قالغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، تىلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب: 1› يېزىق بولمىغاچقا، تىلى ئۈنۈملۈك خاتىرىلىنىپ ساقلانمىغان؛ 2› بالىلار كىچىكىدە بوۋا- مومىلىرىدىن ئانا تىلىنى ئۆگەنسىمۇ، مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن خەنزۇ تىل- يېزىقىدا ئوقۇغاچقا، ئانا تىلىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى تارىيىپ، قوللىنىلىش چاستوتىسى تۆۋەنلىگەن؛ 3› خەنزۇ ۋە باشقا مىللەتلەر بىلەن تويلىشىش، خىزمەت ئېھتىياجى ياشلاردىن خەنزۇ تىلىنى تەلەپ قىلغان. گەرچە ناھىيە تەۋەسىدىكى بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھازىر «قوش تىللىق مائارىپ»نى يولغا قويۇپ، سېرىق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ھەپتىسىگە ئىككى سائەت ئانا تىل دەرسى تەسىس قىلىنغان بولسىمۇ، دەرس سائىتىنىڭ ئازلىقى، يېزىقنىڭ بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۈنۈمى دېگەندەك بولمايۋېتىپتۇ. خەلقئارادا «يوقىىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تىل» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن سېرىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرىدىن بىزمۇ شۇ يەردىكى زىيالىيلار ۋە ياشانغانلارغا ئوخشاشلا ۋايىم يېدۇق.

غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى تۈركىي تىللار ئائىلىسى شەرقىي ھۇن تىللىرى تارمىقىغا تەۋە، بۇ تىلنى قوللىنىدىغانلار سۇنەن ناھىيەسى داخې رايونى بىلەن مىڭخۇا رايونىغا تارقالغان. قوللىنىدىغان نوپۇسى 1982- يىلىدىكى ئىستاتىستىكىدا 4600 بولۇپ، سېرىق ئۇيغۇرلار ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %43 ىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ كىشىلەرنىڭ تىلىدا دىيالېكت پەرقى يوق.

ئىلگىرى كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن سېرىق ئۇيغۇرلار گەرچە ئورقۇن- يېنىسەي ۋادىلىرىدا ياشاپ كەلگەندە، ئوخشاشلا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى قوللانغان بولسىمۇ، ئۇزۇن مەزگىل ئايرىم قەبىلە بولۇپ ياشاپ كەلگەچكە، تىلىدا قەدىمكى ئېلېمېنتلار كۆپرەك ساقلىنىپ قالغان. تۆۋەندە غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى فونېتىكا، لېكسىكا ۋە گىرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكى بويىچە قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتىمىز.

بىرىنچى، فونېتىكا جەھەتتە:

1› غەربىي سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا سەككىز سوزۇق تاۋۇش: a,ə,e,i,o,ø,u,y؛ ئالتە سىيرىلاڭغۇ سوزۇق تاۋۇش: ah,oh, eh, uh,ih, øh بار. سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلار جۈملىدە مەنە پەرقلەندۈرۈش رولىغا ئىگە. مەسىلەن: at (ئىسىم)، aht (ئات)؛ ot (ئوت)، oht (ئوت). بۇ سۆزلەر ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەر تىللىرىدا شەكىلداش ھەم ئاھاڭداش سۆزلەر ھېسابلىنىدۇ.

2› 28 ئۈزۈك تاۋۇش فونېمىسى بار: b、p、m、f、d、t、n、l、g 、k、η、x、G、q、γ、h、ʤ、ʧ、∫、j、ʥ、ʦ、ʂ、ᶎ、v、s、z、r. سىيرىلاڭغۇ، پارتلىغۇچى- سىيرىلاڭغۇ تاۋۇشلارنىڭ ھەممىسى جاراڭلىق تاۋۇش بولۇپ، نەپەسلىك ۋە نەپەسسىز تاۋۇش دەپ ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ.

3› تاۋۇشلارنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كىرمە سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىن، بەزى تەكرار سوزۇق ۋە ئۈزۈك تاۋۇشلار كۆپىيىپ قالغان. مەسىلەن: bia (خادا ياغاچ)، ʂtə (ئىت) دېگەندەك. تەكرار سوزۇق تاۋۇشلار ۋە تەكرار ئۈزۈك تاۋۇشلار بوغۇمنىڭ ھەرقانداق يېرىدە كېلىۋېرىدۇ، شۇڭا بوغۇم تۈزۈلۈش شەكىللىرى بىرقەدەر كۆپ.

4› سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى تىل ئورنى جەھەتتىكى ماسلىشىشنى ئاساس قىلسىمۇ، لېكىن ئانچە ئىزچىل ئەمەس. لەۋلەشكەن سوزۇق تاۋۇشلار بىلەن كەلگەن سۆزلەرگە لەۋلەشمىگەن سوزۇق تاۋۇشلۇق قوشۇمچىلارمۇ ئۇلىنىۋېرىدۇ.

5› بەزى سۆزلەردە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنىڭ تاۋۇش ئالاھىدىلىكى بار، يەنى سۆز ئوتتۇرىسى ۋە سۆز ئاخىرىدا z تاۋۇشى ساقلانغان، مەسىلەن: azaq (ئاياغ)، bezək (بۈيۈك، چوڭ)، boz (بوي)، azγər (ئايغىر). شۇڭا، بەزىلەر غەربىي سېرىق ئۇيغۇر تىلىنى z لىق تىللار قاتارىغا تىزىدۇ.

ئىككىنچى، لېكسىكا جەھەتتە:

غەربىي سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىغا خاس سۆزلەردىن باشقا، كۆپلەپ خەنزۇچىدىن كىرگەن كىرمە سۆزلەر بار، بەزى خەنزۇچە سۆزلەرگە ئۆز مىللىتىنىڭ قوشۇمچىلىرىنى قوشۇپ ياسىغان سۆزلەرمۇ بار. ناھايىتى ئاز ساندا ئەرەب، پارسچىدىن كىرگەن كىرمە سۆزلەر بار بولسىمۇ، ئەرەب، پارسچىدىن كىرگەن قوشۇمچىلار يوق، ئەرەب- پارسچىدىن كىرگەن ئالدى قوشۇمچىلار پەقەتلا يوق. سېرىق ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر قىسىم لېكسىكىلىق تەركىبلەر ۋە جۈملىلەرنى كۆرۈپ باقايلى:

aq tiegen ئاق تىكەن uzuk søz قۇرۇق سۆز

kundəs~kundus كۈندۈز səηar سىڭار، يېرىم

mal مال، چارۋا bu kəsi بۇ كىشى

pəhrʤaq jaγ پۇرچاق يېغى mula بالا

Gara tune قاراڭغۇ تۈن bahsərmek باشبارماق

mojən nəη eht də jore jore kemər γo

بويۇننىڭ گۆشىنى ئۆرۈپ- چۆرۈپ غاجىلىدى.

ahgəη sen pərən da maη

ئاغاڭ (تاغاڭ) سەن تەرەپكە ماڭدى.

jaγmər jaγo sal sa kyl su nəη jyzə de san joq har tuso dəro

يامغۇر يېغىشقا باشلىغاندا، كۆل يۈزىدە سانسىز دولقۇن ئىزى پەيدا بولدى.

kun undun den unup geləp dəro

كۈن شەرقتىن چىقىپ كەلدى.

mal lar nə jaxʂγo borda

ماللارنى ياخشى بوردا!

Sen alar nəη jer γe baro γan mer?

سەن ئۇلارنىڭ يېرىگە بارغانمۇ؟

ئۈچىنچى، گىرامماتىكا جەھەتتە:

1› سېرىق ئۇيغۇر تىلىدا باغلىغۇچى يوق، بەزىدە ئىسىملارنىڭ چۈشۈم كېلىش قوشۇمچىسى سۆز بىلەن سۆزنى باغلاپ كېلىدۇ.

2› ئىسىملار سان ۋە كېلىش بىلەن تۈرلىنىدۇ. شەخس قوشۇمچىلىرى خەۋەر بولۇپ كەلمەيدۇ، تەۋەلىك شەخس قوشۇمچىلىرى قەدىمكى قوشاقلاردا، چۆچەك- رىۋايەتلەردە بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغاندىن سىرت، ئادەتتىكى گەپ- سۆزلەردە ئاددىيلىشىپ كەتكەن. Ⅰ شەخس ۋە Ⅱ شەخسنىڭ بىرلىك، كۆپلۈك شەكىللىرى «lər-»قوشۇلۇپ پەرقلەندۈرۈلگەندىن باشقا، كۆپىنچە ھالدا چۈشۈپ قالىدۇ. Ⅱ شەخس سىپايە تۈر دېگەندەك تۈس پەرقلىرى يوق. ئۇرۇق- تۇغقانچىلىق ئاتالغۇلىرىدىكى بەزى سۆزلەرنىڭ ئاخىرى ۋە Ⅲ شەخستىكى ئىسىملارنىڭ كېلىش بىلەن تۈرلىنىشى دېگەندەك بەزى ئالاھىدە شەرتلەر ئاستىدا، شەخس قوشۇمچىلىرى چۈشۈپ قالمايدۇ. باشقا ۋاقىتلاردا چۈشۈپ قالسىمۇ بولىدۇ.

3› سانلار 11 دىن 19 غىچە ۋە 21 دىن 29 غىچە ياسىلىشى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش. مەسىلەن: əbər jiγərm (بىر يىگىرمە ― 11)، jiγərmə ʂige (ئىككى يىگىرمە ― 12)،jiγərmə uhʤ (ئۈچ يىگىرمە ― 13)...، diord ohdəs (تۆت ئوتتۇز ― 24)، behs ohdəs (بەش ئوتتۇز ― 25)، ahldə ohdəs (ئالتە ئوتتۇز ― 26)، ohdəs jidə (يەتتە ئوتتۇز ― 27). بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر خىل ئۇسۇلنىمۇ قوللىنىدۇ. مەسىلەن:on ʂige (يىگىرمە ―20)، saGəs on ʂige (ئىككى ئون سەككىز ― 28)، dohGəs on ʂige (ئىككى ئون توققۇز ― 29). بۇ خىل ئۇسۇل تۈركىي تىللار ئىچىدە ياقۇت تىلىدىن باشقىلىرىدا تامامەن ئۇنتۇلغان. 30 دىن يۇقىرى قوشما سانلارنىڭ ياسىلىشى خەنزۇ تىلىدىكىگە ئوخشاش.

4› پېئىللار دەرىجە، مەيل (راي) ۋە زامان بىلەن تۈرلىنىدۇ، لېكىن كۆپىنچە تۈركىي تىللارغا ئوخشاش شەخس قوشۇمچىلىرى يوق.

5› سۆز تەرتىپى ئۇيغۇر تىلىغا ئوخشاش. ئىگە تولدۇرغۇچىنىڭ ئالدىدا، خەۋەر ئەڭ ئاخىرىدا؛ ئېنىقلىغۇچى ۋە ھالەت مەركىزىي سۆزنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ؛ ۋاقىت، ئورۇننى بىلدۈرىدىغان ھالەتلەر جۈملىنىڭ بېشىدىمۇ كېلىدۇ. جۈملە قۇرۇلمىسى ئاددىي، مۇرەككەپ جۈملىلەر يوق دېيەرلىك.

5. سېرىق ئۇيغۇرلاردا ئەدەبىيات

بىرىنچى، ئاغزاكى ئەدەبىيات

سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ئاسىيا- ياۋروپا يايلاق كۆچمەن چارۋىچى مەدەنىيەت كاتاگورىيەسىگە مەنسۇپ. باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاشلا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە يازما ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. 17- ئەسىردىلا يېزىقتىن مەھرۇم قېلىپ شەرققە كۆچكەن سېرىق ئۇيغۇرلار ئاغزاكى ئەدەبىياتى خېلىلا مول. خەنزۇ يېزىقى ۋە خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە، بولۇپمۇ يېقىنقى 30 يىللىق يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ گۈللەپ- ياشنىشىدەك ئارقا كۆرۈنۈشتە يازما ئەدەبىياتمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، مەملىكەت ئىچىگە يۈزلىنىشكە باشلىدى. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىنى سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلسە، گەپنى شىمالدا ياشىغان قەدىمكى ئەجدادلىرى بولمىش ھۇنلار، تۈركىيلەر، ئۇيغۇرلار ۋە قەدىمكى موڭغۇللارنىڭ ئەدەبىياتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ، قەدىمكى تۈرك- رۇنىك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقىدىن ئۆزگەرگەن موڭغۇل يېزىقى، باسپا يېزىقى، تېبەت يېزىقى قاتارلىقلارنى قوللانغان. ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى مۇشۇ يېزىقلارنى قوللىنىپ نۇرغۇن ئېسىل ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن. موڭغۇل يايلاقلىرىدا تىكلەنگەن ئابىدىلەردىن ۋە ئۇيغۇرچە نوم بىتىكلەر، مانى دىنىغا ئائىت ۋەسىقىلەردىن سىرت، يەنە ھۇن قوشىقى، ئوغۇزنامە داستانى، تيېلې قوشىقى، شۇنداقلا سېرىق ئۇيغۇرلارغا بىۋاسىتە ئەجدادلىرى ياراتقان خەلق قوشاقلىرىدا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەسسىسى بار. مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى ۋە مىنگو ۋاقتىدىكى سېرىق ئۇيغۇر راھىبلىرىمۇ نۇرغۇن ئەدەبىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن، ئەمما تېخى بۇلارنى تەرجىمە قىلىدىغان ئادەم چىقمىدى. بىز ئالدى بىلەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى ئەدەبىياتىنىڭ توپلىنىش، رەتلىنىش ئەھۋالى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتى ئاغزاكى ئەدەبىياتنى ئاساس قىلىدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 20- يىللىرىدا رۇسىيەلىك تۈركولوگ مالوف سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى تۇنجى قېتىم توپلاپ رەتلىگەن بولۇپ، ئۇ توپلىغان ئەمگەكلىرىنى چەت ئەل مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلغان. دۆلەت ئىچىدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش، رەتلەش، نەشر قىلىش ئىشلىرى 20- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرى باشلانغان.

بەزى توپلام ۋە ژۇرناللار سېرىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مىراسلىرى كۆپلەپ كىرگۈزۈلۈپ، ئالىملارنىڭ سېرىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشىنى بىرىنچى قول ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىدى. خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى 1960- يىلى نەشر قىلغان «گەنسۇ خەلق قوشاقلىرى» دېگەن توپلامغا سېرىق ئۇيغۇر قوشاقلىرىدىن سەككىز پارچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ سېرىق ئۇيغۇر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنىڭ ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم يېزىق شەكلىدە ئېلان قىلىنىشى بولدى. 1962- يىلى گەنسۇ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان «گەنسۇ خەلق چۆچەكلىرى» دېگەن توپلامغا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ «مورا»، «ئوقياچىنىڭ تۇرنا ئېتىشى» دېگەن چۆچەكلىرى كىرگۈزۈلدى. شاڭخەي خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى نەشر قىلغان «جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تاللانمىلار» ناملىق توپلامغا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېيتسا، دېسە بىلەرسەن» ناملىق داستانى، «شەبنەم» دېگەن قوشىقى ۋە «ئۈچ ئالۋاستى بىلەن يىگىت»، «مورا» دېگەن چۆچەكلەر كىرگۈزۈلدى. شۇندىن كېيىن ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى نەشرىياتلىرىدا نەشر قىلىنغان ئاز سانلىق مىللەت خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى توپلاملىرىغا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ خەلق قوشاقلىرى، چۆچەكلەر، ئەپسانە- رىۋايەتلەر، داستانلار، مەسەللەر تاللاپ كىرگۈزۈلدى. ئاغزاكى تارقىلىشتىن سىستېمىلىق توپلاپ، رەتلىنىپ يېزىققا ئېلىنىپ نەشر قىلىنىش سېرىق ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش خىزمىتىنىڭ مۇكەممەلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەن جيەنجۈن، ئەن چىڭپىڭ قاتارلىقلار نەشرگە تەييارلىغان «سېرىق ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىن تاللانما»غا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەردىن 16 چۆچەك، ئىككى داستان، بەش قوشاق كىرگۈزۈلدى. سەيراڭ دەنجېن نەشرگە تەييارلىغان چۆچەكلەر توپلىمى «خىسلەتلىك تۇلۇم»غا 16 چۆچەك كىرگۈزۈلگەن. تيەن زىچېڭ، دو خۇڭبىڭ تۈزگەن «يۇغۇرلارنىڭ جىلۋىسى» ناملىق كىتابقا 24 چۆچەك، 63 قوشاق، 89 ماقال- تەمسىل كىرگۈزۈلگەن. 1998- يىلى سۇنەن ناھىيەلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى يىغىپ توپلىغان سېرىق ئۇيغۇر چۆچىكى 48 پارچە بولۇپ، 2002- يىلى تۇلپار كىتابچىلىق چەكلىك شىركىتى «سېرىق ئۇيغۇر چۆچەكلىرى» دېگەن نامدا نەشر قىلدى.

توپلاپ رەتلەنگەن ماتېرىياللار ئاشكارا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، سېرىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلغۇچىلار يازما ماتېرىياللارنى ئاساس قىلىپ، تارىخ، دىن، ئەدەبىيات قاتارلىق نۇقتىلاردىن سېرىق ئۇيغۇرلارنى تەتقىق قىىلىشقا كىرىشتى.

ئىككىنچى، يازما ئەدەبىيات

ھەقىقىي مەنىدىكى سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى 20- ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، شۇندىن كېيىن تەرەققىي قىلدى دېيىشكە بولىدۇ. ھازىر مەملىكەت ئىچىدە نوپۇز تىكلىگەن يازغۇچى، شائىرلاردىن تۆمۈر، خې جۇڭ، سۇي چىڭدې، خې جىشىن، دۇمان نامجا، دالۇڭ دۇڭجى قاتارلىقلار بار. ھازىر سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە مەملىكەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىدىن ئۈچى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىدىن 20 سى، ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەزاسىدىن 13 ى، غەربىي قىسىم نەسىرچىلەر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسىدىن ئىككىسى بار (سۇنەننىڭ ئۆزىدە تونۇكلغان يازغۇچى- شائىردىن 20 نەچچىسى بار). بىرەيلەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى.

30 يىللىق سېرىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى مۇنداق ئۈچ دەۋرگە بۆلۈپ تونۇشتۇرۇشقا بولىدۇ.

1›ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ يازما ئەدەبىياتى باشلانغان ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ دەسلەپكى دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن مەزگىل. ئايرىم يازغۇچىلار ئىجادىيەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كىشىنى سۆيۈندۈرگىدەك نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان بولسىمۇ، ئەمما يازغۇچى ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئومۇمىي سانى جەھەتتىن چەكلىك، نەزەر دائىرىسى تارراق ئىدى. 1982- يىلى جيا چاڭنىڭ «سېرىق ئۇيغۇر نېيى» قاتارلىق شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى، خې جىشىننىڭ «زەپمۇ پەيزى سېرىق ئۇيغۇر يايلىقى» ناملىق شېئىرى گەنسۇ ئۆلكىلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرىنى باھالاشتا 3- دەرىجىگە ئېرىشتى. بۇلار سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شان- شەرىپى ئىدى. شۇندىن كېيىن جاڭيې، جيۇچۈەن قاتارلىق جايلاردا چىقىدىغان مەتبۇئاتلاردا سېرىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ھەمدە شۇندىن كېيىنكى يىللاردا خې جىڭجى، دۇمان نامجالار باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىندى. 1988- يىلى بەي ۋېنلىننىڭ «سارامانىڭ شەمشىرى» ناملىق شېئىرىمۇ «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىندى. بۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا شېئىرىيەت سېپىگە قەدەم قويغان سېرىق ئۇيغۇرلاردىن چىققان تۇنجى سىتۇدېنت شائىر ئىدى، ئۇ تۇنجى بولۇپ مودېرنىزم ئېقىمىدىكى شېئىرىيەت ئۇسلۇبىنى سېرىق ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئېلىپ كىرگۈچى بولۇپ، سېرىق ئۇيغۇر شېئىرىيىدە بۆسۈش ھاسىل قىلغۇچى بولۇپ قالدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ دەۋردە يازما ئەدەبىيات ئىجادىيىتى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس بولۇپ قالدى ھەمدە سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئىشەنچ ۋە غەيرەت- جاسارەت ئاتا قىلدى.

2› ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلغان، ئۈزۈكسىز ھوسۇل ئېلىنغان دەۋر بولدى. بۇ مەزگىلدە يازغۇچىلار قوشۇنى كۈنسايىن زورايدى، يېڭى مايسىلار يېتىشىپ چىقتى، نادىر ئەسەرلەر يارىتىلدى. شېئىر، ھېكايە، نەسىر ئىجادىيىتى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، تېما تاللاش ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا يېڭىچە كەڭلىك ۋە تېرەنلىك يارىتىلدى. شەخسلەر توپلاملارنى نەشر قىلدۇرى ۋە ئەسەرلىرى كۆپ خىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. دۇمان نامجا بىلەن خې جىشىن بۇ ۋاقىتتىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ سەركىلىرىگە ئايلاندى. بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر تۈركۈم ياشلار ئىجادىيەت سېپىگە قوشۇلۇپ، سېرىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتى باغچىسىغا يېڭى گۈل بولۇپ قوشۇلدى. ئەن چىڭدې، تۆمۈر، خې جۇڭ قاتارلىقلار شۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدە مىللىي ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىچىلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتى بىلەن تارىخىي ئويلىنىش ئورگانىك بىرلەشتۈرۈلگەنىدى. بۇ ۋاقىتتا يېڭى كۈچلەردىن يەنە لەن يۇڭۋۇ، چياڭ چېڭجياڭ، با جەنلۇڭ، سۇكې جىڭشياڭ، ئەن يۈبىڭ، مارجان، دالۇڭ دۇڭجى، دۇڭ شياۋخۇڭ، خې شۆجۇڭ، سۇي زىدۇڭ، لاڭ خۇيچىن، سۇي جىنشيۇڭ قارسىلان قاتارلىقلار ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلدى.

3› يېڭى ئەسىر سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلغان ھەمدە مەملىكەتكە يۈزلەنگەن مەزگىل بولدى. كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق بىر قىسىم يازغۇچىلار مەملىكەت مىقياسىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ، ئوبزورچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئۈستۈنلىكى يازما ئەدەبىياتنى جەلپكارلىققا ئىگە قىلغان بولۇپ، بۇمۇ كۆپ مەنبەلىشىشنىڭ بىر خىل ئىپادىسى ئىدى. يازغۇچىلار قوشۇنى كۈنسايىن مۇقىملىشىپ ھەم پىشىپ يېتىلىش بىلەن بىللە، ئۆز مىللىتى ۋە باشقا مىللەتلەر ئارا ئالاقىمۇ كۈچىيىپ، كوللېكتىپنىڭ بىرلىشىش كۈچى ۋە ئىنتىلىش كۈچى ئاشتى. سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆز مىللىتىنىڭ مەدەنىيىتى ئاساسىدا، ئۇچرىغان قىيىنچىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتتى. تۆمۈر بارا- بارا سېرىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى. ئۇ «غەربىي قىسىم ئەدەبىيات مۇنبىرى»دە، «پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەۋقەسىدە تۇرۇپ، ھەر بىر مىللەتنى، ھەر بىر ئاجىز توپنى دىققەتكە سازاۋەر قىلىش كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «شىزاڭ ئەدەبىياتى»، «جۇڭگو مىللەتلىرى»، «نەسىرلەردىن تاللانما» قاتارلىق نەشر ئەپكارلىرىدا ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنى مەملىكەتكە تونۇتۇشتا گەۋدىلىك رول ئوينىدى. تۆمۈرنىڭ يېتەكلىشى ۋە تەسىرى بىلەن با جەنلۇڭ، دالۇڭ دۇڭجى، دۇمان ئېرجان، سۇكې جىڭشياڭ، مارجان قاتارلىق بىر تۈركۈم يازغۇچىلار ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى سەھنىسىدە چاقناپ، ئەسەرلىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئەدەبىي ژۇرنال «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»دا ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. 2004- يىلىدىن ھازىرغىچە «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» نەشر قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئەڭ كۆپ ئېلان قىلىنغان بىر مەزگىل بولۇپ قالدى. 2007- يىلىنىڭ ئۆزىدىلا بۇ ژۇرنالدا ئالتە نەپەر سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ ئەسىرى ئېلان قىلىندى. ھېكايىلەردىن: «ئاق تۆگە» (سۇكې جىڭشياڭ)، «قاپلان» (دالۇڭ دۇڭجى)؛ نەسىرلەردىن «زەڭگەر تاغ تىزمىسى» (تۆمۈر)، «يۇرتۇم ئېربالىقتىكى كىشىلەر» (با جەنلۇڭ)؛ شېئىرلاردىن: «ئادەمنىڭ يېشىللىقى»، «شامالدا تېرىۋالدىم ئوت- چۆپ، ئاي نۇرى» (شېئىرلار، سۇي چىڭدې)، «يۇرتۇم» (ئۈچ شېئىر، خې جىشىن) قاتارلىقلار شۇ يىلى ئېلان قىلىندى. 2008- يىلى شۇ ژۇرنالدا مارجاننىڭ نەسىرى «يىللار قوينىدىكى چوپانلىق تۇرمۇش»، دالۇڭ دۇڭجىنىڭ ھېكايىسى «كۆك يايللىق چىشى بۆرە»، سۇكې جىڭشياڭنىڭ ھېكايىسى «ئاق ئۆي، قارا چېدىر»لار ئېلان قىلىندى. تۆمۈرگە ئوخشاشلا با جەنلۇڭ، دالۇڭ دۇڭجى، دۇمان ئېرجانلارنىمۇ ئالىم تىپىدىكى يازغۇچىلار دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار سېرىق ئۇيغۇر تەتقىقاتى بىلەن يېزىقچىلىقنى تەڭ قىلغاچقا، ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە مەدەنىيەت تىندۇرمىسى ۋە پەلسەپىۋى تەپەككۇر بىرقەدەر چوڭقۇر، تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. با جەنلۇڭنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، زېھنى ئۆتكۈر؛ دۇمان ئېرجاننىڭ شېئىرلىرى رەڭدار، ھېسسىياتقا باي؛ دالۇڭ دۇڭجىنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۇسلۇبى تۆمۈرنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇكەممەل تىلى ۋە ھاياجىنى ئارقىلىق سېرىق ئۇيغۇرنىڭ تارىخى بىلەن ھازىرى تۇتاشقان نۇقتىدا تۇرۇپ، رەڭگارەڭ ۋە سىرلىق كۆچمەن چارۋىچىلىق مەدەنىيىتىنى يارىتىدۇ. سۇكې جىڭشياڭ بىلەن مارجاننىڭ ئەسەرلىرىدە كىشىلەرنىڭ مىللىي روھىيىتىدىكى چېچەنلىك ۋە ئادىمىيلىك، گۈزەللىك ۋە نەپىسلىك تەسۋىرلىنىدۇ.

3› سېرىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى نامايەندىلەر

‹1› تۆمۈر

تۆمۈر 1963- يىلى چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. سېرىق ئۇيغۇر، خەنزۇ، موڭغۇل تىللىرىنى بىلىدۇ. سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان، جۇڭگو موڭغۇل تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ پەخرىي يازغۇچىسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. ئۇ غەربىي شىمال يايلاقلىرىنى ئۇزۇن مەزگىل يىگانە كەزگەچكە، غەربىي شىمالدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشى، تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن پىششىق تونۇش. ئەدەبىي ئىجادىيەتتە نەسىر يېزىش ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. «كۆك بۆرە زېمىنى»، «شىمالدىكى ئايال پادىشاھ»، «كاككۇك»، «چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى ئىغۋا»، «بۆرە ھۇۋلىدى»، «يايلاق مەرسىيەسى»، «ئالتايغا بېقىپ»، «يۇغۇر سىرى»، «ئاق ئاتلىق ئانا» قاتارلىق ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بار. ئۇندىن باشقا ۋەسىقە ئەدەبىياتى، خاتىرە ئەدەبىياتى، شېئىر، ھېكايىلىرى بار. 1999- يىلى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى قېدىرىپ «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» دېگەن كىتابنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى (بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچىسى 2012- يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى)، بۇ ئەسەر سېرىق ئۇيغۇر تارىخىغا بېغىشلانغان نادىر ئەسەر بولۇپ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ 7- نۆۋەتلىك ئىجتىمائىي پەن ئەسەرلىرى نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نەسىرلىرى كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك، ئۆلكىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2006- يىلى نەسىرلەر توپلىمى «ئاي شولىسىدىكى ئورالجىن» نەشر قىلىندى ھەمدە خۇاڭخې ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

‹2› خې جۇڭ

خې جۇڭنىڭ يەنە بىر ئىسمى كېرەي ساردىنوف، 1963- يىلى سۇنەن خۇاڭچېڭدا تۇغۇلغان، سېرىق ئۇيغۇر، موڭغۇل، تېبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ قېنى بار، ھازىر «شىزاڭ ساياھەتچىلىكى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، شائىر ھەم يازغۇچى. ئىلگىرى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «يۇلتۇز شېئىرىيىتى»، «شىزاڭ ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا كۆپلەپ ئەسەر ئېلان قىلغان. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدا شېئىر ئېلان قىلىشقا باشلىغان، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسى كەڭ، روھىي ئانالىزنى ئاساس قىلغان. ئۇنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «ئەسىر ئاخىرىدىكى خاتىرىلەر» ناملىق داستانى. 1995- يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئۇنىڭ «تاغلار ئارىسىدا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
‹3›سۇي چىڭدې
سۇي چىڭدېنىڭ يەنە بىر ئىسمى سارتالا، 1968- يىلى تۇغۇلغان، ئۇ سېرىق ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مول ھوسۇللۇق شائىر. «ياشلار ئەدەبىياتى»، «يۇلتۇز شېئىرىيىتى»، «جۇڭخۇا ئەدەبىياتىدىن تاللانما»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «جۇڭگو يازغۇچىلىرى»، «شېئىرىيەت» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 300 دىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان. 1992- يىلى «يايلىقىم» ناملىق ئەسىرى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ئەدەبىي ژۇرناللارنى بىرلەشتۈرۈپ باھالاشتا مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالانغان. «يۇرتۇمدىكى قار ۋە سېغىزخان ئۇۋىسى يېنىدا» ناملىق بىر گۇرۇپپا شېئىرى سىچۈەن ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۆتكۈزگەن 1992-1994- يىللىق «مۇنبەت دالا» يېزا تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 3- دەرجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1999- يىلى ئاتاقلىق ئالىم جۇڭ جىڭۋېن ئەپەندى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى»دا «يىلتىزىنى ئىزدەۋاتقان ئادەم» دېگەن ماۋزۇدا مەخسۇس تەقرىز يېزىپ، «سېرىق ئۇيغۇر شائىرى سۇي چىڭدېنىڭ شېئىرلىرىدىكى مۇرەككەپ مىللىي ئىدىيەۋى ھالەت»نى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

‹4› خې جىشىن

خې جىشىن 1957- يىلى تۇغۇلغان، ئىلگىرى چىگېن لاغۇر دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان. ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىىيىتىنىڭ ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى. 1981- يىلىدىن باشلاپ شېئىر، نەسىر ئېلان قىلىشقا باشلىغان، ھازىرغىچە 300 دىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى تېما قىلىنغان بولۇپ، شائىرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان سەمىمىي ئارزۇسى ئىپادىلەنگەن. ئۇ ئىلگىرى ئوقۇشنىمۇ ئوقۇغان، ھەربىيلىككىمۇ قاتناشقان، ۋاقىتلىق ئىشچىمۇ بولغان، 1981- يىلى ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چوپانلىق قامچىسىنى قولىغا ئالغان. ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىقى، ھەربىيلەرنىڭ كەسكىن، قورقماسلىقى، چارۋىچىلارنىڭ تىرىشچان، ئاددىي- ساددىلىقى ئۇنىڭ روھىدا گارمونىك بىرلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى ئىجادىيىتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس بولۇپ قالغان. 1985- يىلى ئۇنىڭ «قۇرۇق ئوتۇن ئۆزرە ئۇسسۇل ئوينايدۇ يالقۇن» (ئىككى شېئىر) ناملىق شېئىرى «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»نىڭ 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان. 1987- يىلى «تەنھا ئۆتكەن كۈنلەردە» ناملىق شېئىرى گەنسۇ خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان «غەربىي قىسىمنىڭ كەلگۈسىدىكى يازغۇچىلىرى» ناملىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىدە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1990- يىلى 11- ئايدا «شامال، ئۇنى ئويغاتما» ناملىق شېئىرى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا ئالاھىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1992- يىلى «ئىلمان مۇھەببەت» ناملىق شېئىرى گەنسۇ ئۆلكىلىك 3- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر .ەسەر بولۇپ باھالانغان. 1993- يىلى «يىراقتىكى جانانغا» ناملىق شېئىرى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان شائىرلىرى بايرىمى «پەرۋاز»دا 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 12- ئايدا خې جىشىن شەرەپ بىلەن جۇڭگو مۇھاجىرلار نەشرىياتى نەشر قىلغان «جۇڭگو بۈگۈنكى زامان پەن- تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى يۈرۈشلۈك لۇغىتى»گە كىرگۈزۈلگەن. 2003- يىلى 6- ئايدا خې جىشىن يەنە جۇڭگو شېئىرىيەت ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن «50 نەپەر شېئىر ئىلاھى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.

‹5› دۇمان نامجا

دۇمان نامجا 1955- يىلى تۇغۇلغان، يەنە بىر ئىسمى دۇ شېڭگۇي، ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ، گەنسۇ ئۆلكىلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. 1984- يىلىدىن 1986- يىلىغىچە ئۇنىڭ ئۈچ پارچە ھېكايىسى «كۆرۈشكەندە»، «ياپياش تولاي»، «يولدىكى ئۇچرىشىش» ئارقا- ئارقىدىن «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى «كۆرۈشكەندە» ناملىق ھېكايىسى مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر ھېكايە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن (بۇ ئەسىرى 1990- يىلى خەلق ئەدەبىياتى نەشرىياتى نەشر قىلغان مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، 1995- يىلى ياپونىيە «شىمال ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىلگەن)،1985- يىلى 7- ئايدا، «ئىشىكتىن كىرگىنى مېھمان» ناملىق ھېكايىسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ 2- نۆۋەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىدا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1991- يىلى «ئوۋچى» ناملىق ھېكايىسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ 3- نۆۋەتلىك ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاشتا 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 1992- يىلى «تاغ ئارىسىدىكى ئوۋچى» ناملىق ھېكايىسى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ 3- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر ھېكايە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. دۇمان نامجانىڭ ھېكايىلىرى سېرىق ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىش ۋە غەربىي شىمالدىكى چارۋىچى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئىپادىلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدە كۆپتۈرۈلگەن ساختا تەپسىلاتلار يوق، تۇرمۇشنىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە ھەقىقىي ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلگەن.

‹6› دالۇڭ دۇڭجى

دالۇڭ دۇڭجى 1967- يىلى تۇغۇلغان، يەنە بىر ئىسمى قابىل، ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، غەربىي قىسىم نەسىر ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، سۇنەن ناھىيەلىك سېرىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، تىلىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن. لۇشۈن ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىنىڭ 12- قارارلىق ئوتتۇرا ياش، ياش يازغۇچىلىرى ئالىي كۇرسىنىڭ كۇرسانتى. ھازىرغىچە دۆلەت، ئۆلكە دەرىجىلىك مەتبۇئاتلاردا 60 نەچچە پارچە پوۋېست، ھېكايە، نەسىر ئېلان قىلغان. بىر قىسىم پوۋېست ۋە ھېكايىلىرى موڭغۇل، ئۇيغۇر تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. 12- قېتىملىق «مەدەنىيەت لوڭقىسى» مەملىكەتلىك لياڭ بىن ھېكايە مۇكاپاتىغا، 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو غەربىي قىسىم نەسىر مۇكاپاتىغا، گەنسۇ ئۆلكىلىك 4- نۆۋەتلىك خۇاڭخې ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى باھالاشتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. 2014- يىلى ئۇنىڭ «يىراققا سوزۇلغان يايلاق» ناملىق پوۋېست، ھېكايىلەر توپلىمى پەرۋاز نەشرىيات، تاراتقۇ گۇرۇھى بىلەن گەنسۇ مەدەنىيەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

4› سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلى

سېرىق ئۇيغۇرلاردا شېئىر، نەسر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كۆپرەك، ھېكايە، پوۋېست يازىدىغانلار ئازراق. شۇڭا ئۇلاردا ھازىرغىچە تېخى رومان مەيدانغا كېلىپ باقمىدى. سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىمۇ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا ئوخشاش مەزمۇن، شەكىل ۋە ئىجتىمائىي رول جەھەتتىن يايلاق مەدەنىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرگەن. بۇ بىر تەرەپتىن يايلاق ئەدەبىيات- سەنئىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ئورتاق ئالاھىدىلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن، نوپۇسى بىر قەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

‹1› سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى ئومۇميۈزلۈك يىلتىزىنى ئىزدەش ئېڭىغا ئىگە.

مەيلى تارىخ، مەدەنىيەت، خاراكتېر ياكى پىسخىكىلىك ھالەت بولسۇن، سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى تىپىك سەرگەردان تىپىدىكىلەر دېيىشكە بولىدۇ. زامانىۋى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىۋاتقان شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى كىچىكىدىنلا پەقەتلا ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ قورشاۋىدا تىپىرلىماقتا. يايلاق مەدەنىيىتى، دېھقانچىلىق مەدەنىيىتى ۋە شەھەر مەدەنىيىتى ئارىسىدا جان تالاشماقتا. يايلاقلار تارايدى، قەبىلىلەر يوقالدى. ئۇلار ھازىرقى مەدەنىيەت ئۆيلىرىدىكى قۇراشتۇرۇلما رەسىملەرگە قاراپ ئويلانماقتا. سېرىق ئۇيغۇر دېگەن زادى قانداق مىللەت؟ ئۇلار قەيەردىن كەلگەن؟ نەگە بارىدۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى، ئۆرپ- ئادىتىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى قانداق خاتىرىلەپ قالدۇرىدۇ؟ ئۇلار قانداق خاراكتېرغا ئىگە؟ ئۇلارنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشى نېمە؟ نوپۇسى ئاز مىللەتلەر ئۆزلىرىنى قانداق قۇتقۇزۇشى كېرەك؟ مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى زىيالىيلارنى، جۈملىدىن يازغۇچى، شائىرلارنى ھەم ئويلاندۇرىدىغان، ھەم ئازابلايدىغان سوئاللار. بۇ سوئاللار ئۇلارنى ئىختىيارسىز «يىلتىز» مەدەنىيىتىگە سۆرەپ كىرىدۇ ھەم ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ.

‹2› سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتى چوڭقۇر كىرىزىس ئېڭىغا ۋە ئىنسانىيەت ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تېمىلارغا ئىگە.

سېرىق ئۇيغۇرلار ئەگرى- توقاي، جاپالىق كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن، ئاچچىق- چۈچۈكنى كۆپ تېتىغان مىللەت. بىر مىللەتنىڭ كىرىزىس ئېڭىنى يات مىللەتلەر ئەمەس، شۇ مىللەتنىڭ ئۆزى ھېس قىلىدۇ. سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە مۇشۇ خىل ئىدىيە ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. سېرىق ئۇيغۇرلار چەكلىك ماكان، چەكلىك نوپۇس، ئارقىدا قالغان ئىقتىساد، بىرقەدەر بېكىنمە مەدەنىيەت، مۇستەقىل دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ- ئادەت ئىسكەنجىسىدە قالدى. بۇنداق مەۋجۇتلۇق ھالىتى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى مۇقەررەر ھالدا نوپۇسى ئاز مىللەتلەرنىڭ يىگانىلىقى ۋە يوقىتىش ھېسسىياتىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى ھازىرقى زامان ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىدىكى يەرلىك ئىقتىسادقا كۆرسەتكەن زەربىسى، ئەتراپىدىكى يات مەدەنىيەتنىڭ تۈرلۈك تەسىرى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش رولى نوپۇسى ئاز مىللەتلەرنىڭ ئەسلىدىكى ئالاھىدىلىكىنى سۇسلاشتۇرۇپ بارىدۇ. بۇلار شۇ مىللەتكە نىسبەتەن سۆز بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز ئازاب ۋە گاڭگىراش ئېلىپ كېلىدۇ. مانا مۇشۇ گاڭگىراشلار سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

‹3› سېرىق ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىدا يايلاق مىللەتلىرىگە خاس خاراكتېر شېئىر مىسرالىرى بىلەنلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.

بارلىق نوپۇسى ئاز مىللەتلەر ياكى يايلاق مىللەتلىرىگە ئوخشاش سېرىق ئۇيغۇرلارمۇ شېئىرىي تۇيغۇغا باي مىللەت. شۇڭا ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا سۇ، يايلاق، ئوت- چۆپ، تاغ- دالا ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ ھەم شېئىرىي تۇيغۇدا تېخىمۇ كامالەتكە يېتىدۇ. شېئىرىي تۇيغۇغا تويۇنغان يايلاقتا سېرىق ئۇيغۇر شائىرلىرى خۇددى بۇلۇتلاردەك ئوتلاپ يۈرگەن مال پادىلىرى ئارىسىدا ئۆز پىكرىنى شېئىرىي مىسرالار ئارقىلىق ئەركىن بايان قىلالايدۇ. ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىدا كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت، قارلىق تاغ، ئوتلاق، تاغ گۈللىرى، ياۋا غاز، قوي- كالا پادىلىرى، مالچى، يىلقا، ئىت، بۆرە ۋە بۇغا قاتارلىقلار ئالاھىدە تىپلار بولۇپ، شائىرنىڭ غايىسى تارىخ، مەدەنىيەت، رېئال تۇرمۇش بىلەن يۇغۇرۇلۇپ يېڭىچە قىياپەتتە مىسرالارغا قايتا- قايتا تىزىلىپ، ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا ماي بوياقتەك گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئوتلاقلارنىڭ چېكىنىشى، مالچىلارنىڭ يېڭى تاللاش ئالدىدىكى ئىزتىراپىنى ئويلىغاندا، بۇ يەردە يوقىلىۋاتقىنى يالغۇز ماددىي جەھەتتىكى يايلاق ئەمەس، بەلكى مەنىۋى جەھەتتىكى مەدەنىيەت. يوقىلىۋاتقىنى يىلتىز ھېسابلىنىدىغان مىللەت. سېرىق ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى مانا مۇشۇنداق تۈرلۈك ئازابلىق ئىزتىراپ ئىچىدە ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە بۇ ئازابتىن قۇتۇلۇشنىڭ جاۋابىنى ئىزدىمەكتە. بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەسى ۋە ئىجادىيىتىدە يېڭى پەللىگە يېتىش يولىدا ئىزدەنمەكتە.

سۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۆزىمىز كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىمىزغا ماتېرىياللاردىن كۆرگەنلىرىمىزنى قوشۇپ بۇ يازمىنى تەييارلىدۇق. مەقسىتىمىز يىلتىزىمىز بىر بولغان بىر مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ھازىرقى ھالىتىدىن ئوقۇرمەنلەرنى قىسمەن بولسىمۇ خەۋەردار قىلىش. ئەپسۇس، سۇنەندە تۇرغان ۋاقتىمىز قىسقا، پاراڭلىشىپ مۇڭدىشىش پۇرسىتىمىز كەمچىل، سېرىق ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىشىمىز تولۇق بولمىغاچقا، يازمىمىز قىسمەنلىك ياكى بىر تەرەپلىمىلىكتىن خالىي بولالمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى، بۇ ھەقتە كۆرگەن- بىلگەنلىرى كۆپلەرنىڭ تېخىمۇ مول ماتېرىياللار ئاساسىدا ئوقۇرمەنلەرنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

پايدىلانمىلار:

1. سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيەسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا خاتىرىلىگەن ماتېرىياللار. 2014- يىلى 9- ئاي.

2. «خەنزۇچە- يۇغۇرچە لۇغەت»، 2014- يىلى نەشرى، گەنسۇ مىللەتلەر نەشرىياتى

3. تۆمۈر: «سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2012- يىلى، ئۇيغۇرچە نەشرى،

4. 肃南裕固族自治县裕固族文化研究室:“裕固族民间文学作品选”甘肃民族出版社,2013年版

5. 贺继新:“裕固拾遗”(诗集)中国戏剧出版社,2014年版

6. 达隆东智:“悠悠牧草地”(中短篇小说集)飞天出版传媒集团、甘肃文化出版社,2014年版。

7. 田锐:“裕固族作家文学述论”黑龙江社会科学,2009年第6期。

8. توردىكى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار.

ئوتتۇرىدىكى غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

(تەييارلىغۇچى: غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى)

ئەسكەرتىش: ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى» دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.