بۇخىل ۋىرۇس دۆلىتىمىز ۋە دۇنيادىكى نۇرغۇن كومپيۇتېرغا ھۇجۇم قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-16 10:09

تۈنۈگۈن كەچ، دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئۇلارنىڭ كومپيۇتېرى بىر خىل «قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، كومپيۇتېردىكى ھۆججەتلەر شىفىرلاشتۇرۇلغان. ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ دېيىشىچە 300 دوللارغا(تەخمىنەن 2069 يۈەن) يېقىن پۇل تاپشۇرۇلغاندا ئاندىن ھۆججەتلەرنىڭ قۇلۇپى ئېچىلىدىكەن. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش لايىھەسى قاتارلىق مۇھىم ماتېرىياللىرى بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

bbc قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ خىل «قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى» پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا يامراپ، ھازىرغىچە 99 دۆلەت بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەر ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى «قولدىن كەتتى»

نۆۋەتتە، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ۋېيبو، ئۈندىدارىدا ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرى ئەۋەتىلدى، ئۇچۇردا دېيىلىشىچە، يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ ئىچى تورى ۋە ساۋاقداشلارنىڭ كومپيۇتېرى يۇقۇملانغان. نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش لايىھەسى قاتارلىق مۇھىم ماتېرىياللىرى بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەر ئاگاھلاندۇرۇش ئۇچۇرلىرىنى ئەۋەتىپ، كۆپچىلىكنىڭ كېلىش مەنبەسى نامەلۇم بولغان ئۇلىنىش ئادرېسلىرىنى چېكىپ ئاشماسلىقىنى، كومپيۇتېرىغا ۋىرۇستىن دالدىلىنىدىغان دېتاللارنى قاچىلىشىنى ئەسكەرتتى.

ئىگىلىنىشىچە، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى دۇنيا خاراكتېرلىك بولۇپ، مەكتەپ تورى ئارقىلىق ئىنتايىن تېز سۈرەتتە تارقىلىدىغان ئېھتىمالى چوڭ ئىكەن. نۆۋەتتە كالىفورنىيە ئىنستىتۇتى، گۈيلىن ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى، گۈيلىن ئالەم قاتنىشى سانائەت ئىنستىتۇتى، نېڭبو ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ جۇڭيى دورىگەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتى، جېجياڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئۇنىۋېرسىتېتى، شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق كوپ ساندىكى ئالىي مەكتەپلەر بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

بۇ يەردە ھەرقايسى جايلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىش: دەرھال مۇھىم ھۆججەتلەرنى زاپاس ساقلاپ «قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى» نىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىلمىي ماقالە ۋە ئوقۇش پۈتتۈرۈش لايىھەنى زاپاس ساقلاش.

بۇندىن باشقا، دۆلىتىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى بىر قىسىم جۇڭگو نېفىتچىلىكى تارمىقىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتىدا بۈگۈن سائەت 0 ئەتراپىدا تۇيۇقسىز تور ئۈزۈلدى، ھازىر چىقىمدان،ئۈندىدار ۋە بانكا كارتا قاتارلىق توردىكى چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى توختالدى، پەقەت نەخ پۇل ئىشلىتىپ ماي قاچىلىغىلى بولىدۇ.

99 دۆلەت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئەنگلىيەدىكى نۇرغۇن ئوپېراتسىيەلەر بىكار قىلىندى

ھازىرغىچە ئەنگلىيە، ئامېرىكا، جۇڭگو، رۇسىيە، ئىسپانىيە ۋە ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 99 دۆلەت بۇ خىل ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. ۋىرۇسقا قارشى دېتال زاۋۇتى Avast نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلاردا كۆرۈلگەن قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى دېلو مىسالى 7.5 تۈمەنگە كۆپەيگەن، ھەمدە تېز سۈرەتتە تارقالماقتا.

ئامېرىكا، جۇڭگو، ياپون، رۇسىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق مۇھىم دۆلەتلەردە ئاساسەن ھۇجۇم قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولغان. ئەنگلىيە دۆلەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى سىستېمىسى (NHS) قارمىقىدىكى 25 كە يېقىن دوختۇرخانىنىڭ كومپيۇتېرى «قاقتى-سوقتى قىلىش ۋىرۇسى»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پالەچ ھالەت چۈشۈپ قالغان.

بۇ قېتىمقى ھۇجۇمنى كىم قوزغىغان؟

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇخىل ھۇجۇم مىكروسوفت سىستېمىسىدىكى بىر يوچۇقتىن پايدىلانغان. بۇ خىل يوچۇق ئەڭ ئاۋۋال ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن بايقالغان. دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەتقىق قىلىپ چىققان ئالاقىدار ئەسۋابلار «سايە ۋاسىتىچى» دەپ ئاتالغان بىر خايكېر گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن ئوغرىلانغان. خاككېرلار يەنە بۇ ئەسۋابلارنى توردا سېتىشقا ئۇرۇنغان. ئاخىردا ئۇلار بۇ ئەسۋابلارنىڭ بىكارغا تەمىنلەشنى قارار قىلغان، ھەمدە 8-ئاپرېل شىفىرلاشتۇرۇش كودىنى ئېلان قىلغان، سەۋەبى «ترامپقا قارشى تۇرۇش» ئىكەن.

مىكروسوفت تۈنۈگۈن كەچ بىلدۈرۈشىچە، شىركەتتىكى ئىنژېنېرلار بۇ خىل ۋىرۇسقا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە قوغدىنىشنى كۆپەيتكەن. مىكروسوفت يەنە، شىركەتنىڭ ھازىر خېرىدارلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خىل ۋىرۇستىن قوغدىنىدىغان 5 خىل ئۇسۇل

1.ھۆججەتلەرنى زاپاس ساقلاش: ئەڭ كۆڭۈلدىكى ساقلاش ئورنى يان دىسكا.

2.ئېلخەت، تور ۋە ئەمەلىي قوللىنىشلارغا بولغان ھوشيارلىقنى ساقلاش: كېلىش مەنبەسى نامەلۇم بولغان ئۇلىنىشلارنى ئىچىشتىن ساقلىنىش.

3. كومپيۇتېرغا ۋىرۇستىن ساقلىنىش دېتالى قاچىلاش ھەمدە توختىماي دېتالنى يېڭىلاپ تۇرۇش.

4. ھەرگىز سورالغان پۇلنى تۆلىمەسلىك: خايكېرغا سورالغان پۇلنى تۆلىگەندە، خايكېر تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشىدۇ، يۇقۇملانغان ھۆججەتلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئېھتىمالىمۇ ئىنتايىن كېچىك.

5. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەمىنلىگەن ساقلىنىش تەدبىرلىرى: كومپيۇتېرغا مىكروسوفتنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان سىستېما يامىقىنى قاچىلاش، تور ئادرېسى:

https://technet.microsoft.com/zh-cn/library/security/MS17-010

445،135،137،138،139 ئېغىزلارنى يېپىش، توردىكى ئورتاق بەھرىلىنىشنى يېپىش.

تېخىچە windows xp, windows 2003 سىستېمىسى ئىشلىتىۋاتقان ئابۇنىچىلارغا تەكلىپ، دەرھال كومپيۇتېرنى window 7/windows 10 ياكى windows 2008/2012/2016 سىستېمىلارغا كۆتۈرۈش.