بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى نېمە ئۈچۈن دائىم ئوغلىنى بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-26 10:47

پېڭ لىيۈەن ئانىغا سوۋغات ئېلىپ كەلدى، رەئىس شى جىنپىڭ ئۇنى «بويىڭىز ئۆسۈپ كېتىپتۇ» دەپ ماختىدى.

بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكونىڭ «سېرىق چاچلىق شاھزادىسى» نىكولاي ئالدىنقى قېتىم 2015-يىلى 9-ئايدا جۇڭگو ئۆتكۈزگەن دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى ۋە جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى ھەربىي پارات مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. شۇ چاغدا، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى جۇڭگولۇقلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ئىدى.

ئىككى يىلدىن كېيىن، بۇ «سېرىق چاچلىق شاھزادە»نىڭ بويى ئۆسۈپ، كېلىشكەن يىگىت بولۇپ قالدى.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىم بىر بەلباغ، بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، بۇ «ئالتۇن چاچلىق شاھزادە» بىلەن كۆرۈشكەندە دەسلەپتە سەل ھەيران قېلىپ، «بويىڭىز ئۆسۈپ كېتىپتۇ» دېدى، شى جىنپىڭ نىكولاي بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندە سول قولى بىلەن ئۇنىڭ مۈرىسىگە يېنىك ئۇرۇپ قويدى، ھەمدە ئۇنىڭ بويىنى ئۆزىگە سېلىشتۇرۇپ، «مەندىن ئېگىز بولۇپ كېتىپسىز» دېدى.

مۇنبەرگە قاتناشقىلى كەلگەن نۇرغۇن مېھمانلار ئىچىدە، بۇ «سېرىق چاچلىق شاھزادە»لا سوۋغات كۆتۈرۈپ كەلگەن بىردىنبىر مېھمان بولۇپ قالدى. ئۇ بىر يېشىل قۇتىنى كۆتۈرگەن ھالدا ماشىنىدىن چۈشتى.

بۇ قۇتا ناھايىتى نەپس ئىدى، «سېرىق چاچلىق شاھزادە» شى جىنپىڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولۇپلا، بۇ سوۋغاتنى پېڭ لىيۈەن ئانىغا تەقدىم قىلىشقا ئالدىرىدى. ئۇ قۇتىنى ئېچىپ، سوۋغاتنى ئۆزى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، ئاندىن پېڭ لىيۈەن ئانىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى.

ئۇنداقتا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى نېمە ئۈچۈن دائىم ئوغلىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدۇ؟

چۈنكى زۇڭتۇڭ لۇكاشېنكو ئوغلى نىكولاينى ئۆزىنىڭ «تىلتۇمارى» دەپ قارايدۇ، لۇكاشېنكو «نىكولاي سايەمدەك ھەممە يەردە ماڭا ئەگىشىپ يۈرىدۇ، مەن تىكئۇچارغا چىقسام، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە چىقىدۇ، مانا مۇشۇنداق ئاددىي» دەيدۇ. ئۇنداقتا بىز بۇ كىچىك سايىنىڭ دادىسىغا ئەگىشىپ نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقىغا قاراپ باقايلى.

نىكولاي ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بىلورۇسىيەدىكى تەسىر كۈچى ئەڭ كۈچلۈك يۈز كىشى قاتارىغا تىزىلغان. ھازىرغىچە، نىكولاي رىم پاپىسى ۋە بىر نەچچە زۇڭتۇڭ بىلەن كۆرۈشۈپ بولدى، ئۇنىڭ يەنە رۇسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مېدۋىدىۋ سوۋغا قىلغان بىر ئالتۇن تاپانچىسى بار.

ئۇ ھەربىي مانېۋىر، پارات، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ مۇنازىرىسىدە سۆز قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان....

نىكولاي يەتتە يېشىدىن تارتىپ دادىسى لۇكاشېنكوغا ئەگىشىپ نۇرغۇن پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.

پۇتىن، لۇكاشېنكو، نىكولاي

 

نىكولاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا

بۇ كىچىك شاھزادىنىڭ ئانىسى بىر سىر، نىكولاينىڭ تېگى تەكتى سىياسىيغا تەۋە ئىش بولۇپ قالغان.

2008-يىلى نىكولاي دادىسىغا ئەگىشىپ پاراتنى كۆردى، بۇ-ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئامما ئالدىدا كۆرۈنۈشى ئىدى.

ئۇزۇن ئۆتمەيلا، لۇكاشېنكو بىلەن ئوغلىنىڭ بىللە تۇرغان سۈرىتى بېلارۇسىيەنىڭ چوڭ تاراتقۇلىرىنىڭ باش بېتىگە چىقتى، بۇ خەۋەرلەرنىڭ ماۋزۇسى-«بۇ ئوغۇل بالا كىم» ئىدى. ئەينى چاغدا تېخى ھېچكىم نىكولاينىڭ كىملىكىنى بىلمەيتتى، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىمۇ ھەر قانداق ئۇچۇرنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلغان. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، نىكولاي بىر تېلېۋىزىيە ھۆججەتلىك فىلىمىدە يەنە بىر قېتىم پەيدا بولدى، ئۇ لۇكاشېنكونى «دادا» دەپ چاقىردى. شۇندىن تارتىپ، بىلارۇسىيەلىكلەر كىچىك نىكولاينىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نىكولاي 2004-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، لۇكاشېنكونىڭ 3-ئوغلى ئىكەن، ئۇنىڭ يەنە دادا بىر، ئانا باشقا ئىككى ئاكىسى بار ئىكەن. نىكولاينىڭ ئىككى ئاكىسى ئاللىقاچان قورامىغا يېتىپ، بېلارۇسىيە ھۆكۈمىتىدە ئەمەلدار بولغان، چوڭ ئاكىسى ۋېكتور زۇڭتۇڭ مەسلىھەتچىسى، 2-ئاكىسى بولسا زۇڭتۇڭنىڭ تەنتەربىيە كۇلۇبىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىكەن.

لۇكاشېنكو سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى تۇرۇپ، جۇڭگونىڭ تۇتقان يولىغا ھەۋەس قىلىدۇ.

لۇكاشېنكو-بېلارۇسىيەنىڭ تۇنجى، شۇنداقلا بىردىنبىر زۇڭتۇڭى، ھازىرغىچە ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىدا 20 يىل تۇردى. چۈنكى بېلارۇسىيە ئاساسىي قانۇنىدا زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىگە چەكلىمە قويۇلمىغان، لۇكاشېنكو ھەر قېتىم سايلامدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن غەلىبە قازانغان. ئۇنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىچە، يۈرەكلىك ئىش قىلىدۇ.

1990-يىللارنىڭ دەسلىپىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن ساقلانغىلى بولمىغان چاغدا، لۇكاشېنكو پارلامېنتتا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا قارشى ئاۋاز بەرگەن بىردىنبىر ئادەم ئىدى. 20 يىلدىن بۇيان، لۇكاشېنكو رەھبەرلىكىدىكى بېلارۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تۈزۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ساقلاپ كەلگەن بىردىنبىر دۆلەت بولدى.

لۇكاشېنكو نەچچە قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان، ئۇ جۇڭگو-بېلارۇسىيەنىڭ ئەڭ ياخشى دوستى، بىلارۇسىيەمۇ جۇڭگونىڭ يۈكسەك دەرىجىدە ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان شېرىكى، دېگەن.

لۇكاشېنكو بۇرۇن زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: مەن جۇڭگودا تۇنجى زىيارەتتە بولغاندىكى تەسىراتىمنى خۇشاللىق بىلەن ئەسلەيمەن. مەن تەخمىنەن 20 يىل بۇرۇن جۇڭگودا تۇنجى زىيارەتتە بولغان، ئەينى چاغدا، مەن تېخى پارلامېنت ئەزاسى ئىدىم، شۇ يىلى پارلامېنتىمىزدا، ئەزالار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىنى مۇزاكىرە قىلىپ، دۆلىتىمىز قانداق تەرەققىيات يولىنى تاللىشى كېرەك دېيىشكەن ئىدى، مەن جۇڭگونىڭ يولى دەل بىز ئېھتىياجلىق يول دەپ كەسكىن تەكلىپ بەرگەن ئىدىم.

لۇكاشېنكو مۇنداق دېگەن: مەن ھازىرغىچە جۇڭگونىڭ بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلىرىگە بېرىپ، جۇڭگودىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بېلارۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق ساھەسى ئىنتايىن كەڭ، كالىيلىق ئوغۇت سېتىشتىن سۈنئىي ھەمراھ ياساشقىچە بولغان ھەممە ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2015-يىلى رەئىس شى جىنپىڭ بىلارۇسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، ئەزىز مېھمان سۈپىتىدە بولكىغا تۇز سەپمەكتە.

بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى بولۇپ، دەل بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسى كۈچلۈك قارشى ئېلىنغان مەزگىلگە توغرا كەلدى، بۇندىن كېيىن كېيىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈسى!