7-ئايدا ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش يېڭى سىياسەتلىرى يولغا قويۇلىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:بەختىيار غەيرەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-05-27 10:17

نۆۋەتتە يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشتا مەخسۇس بېكىتىلگەن 4s دۇكانلىرىغا بېرىپ سېتىۋېلىشقا توغرا كېلىدۇ، گەرچە ئوخشاش بىر ئاپتوموبىل قوشنا ئۆلكىلەردە نەچچە مىڭ يۈەن ھەتتا نەچچە ئون مىڭ يۈەن ئەرزان بولسىمۇ، بىراق سىرتقا سېتىپ بەرمەيدۇ. بۇ خىل ئەھۋالغا ئەمدى خاتىمە بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشقا دائىر كۆپلىگەن يېڭى سىياسەتلەر يولغا قويۇلىدۇ.

1.ئاپتوموبىل ماركىلىرىنى سېتىشقا يەككە ھوقۇق بېرىش تۈزۈلمىسى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ

بۇندىن بۇرۇن بىر ئاپتوموبىل 4s دۇكىنى پەقەت مەلۇم ئاپتوموبىل كارخانىسى ھوقۇق بەرگەن بىر خىل ماركىدىكى ئاپتوموبىللارنىلا ساتالايتتى، بىراق بۇندىن كېيىن، پەقەت بۇ 4s دۇكىنىنىڭ ئىقتىدارى ۋە مەبلىغى بولسىلا، قانداق ماركىدىكى ئاپتوموبىلنى ساتسا بولۇۋېرىدۇ. يەنى تويوتانىڭ 4s دۇكىنىدا خوندانىڭ ۋە نىسساننىڭ ئاپتوموبىللىرىنى ساتسىمۇ بولۇۋېرىدۇ! خېرىدارلار بىر دۇكاندىكى ئاپتوموبىلنى سېتىۋالمىسا يەنە بىر دۇكانغا بېرىپ سېتىۋالسا بولىدۇ.

2. سېتىش يولى كۆپ خىللىشىپ، توردا ۋە دۇكاندا ماس قەدەمدە سېتىلىدۇ

نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان ياشلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەلۋەتتە بۇندىن كېيىن ئاپتوموبىلنىمۇ شۇنداق سېتىۋېلىشقا بولىدۇ! 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق ئاپتوموبىل تىپلىرىنى توردا سېتىۋېلىشقا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا ۋاقىتنى تېجەپ قالغىلى بولۇپلا قالماي، يەنە دۇكانلارنىڭ ئىجارە ھەققى ۋە زىننەتلەش ھەققىنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ، 4s دۇكانلىرىمۇ توردا ئاپتوموبىل سېتىپ، ئادەم ئىشلىتىش ھەققى ۋە تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، پايدىغا ئېرىشەلەيدۇ.

3. ئاپتوموبىل بىلەن لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بىرلا ۋاقىتتا تاپشۇرۇلىدۇ

بۇندىن بۇرۇن بەزى ئاپتوموبىل ئىگىلىرى ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىلنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى سېتىش سودىگىرى تەرىپىدىن رەنىگە قويۇۋېتىلگەن بولغاچقا، ئاپتوموبىلنى قولغا ئالغاندىن كېيىنمۇ، لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بولمىغانلىقتىن، نومۇر تاختىسى بېكىتەلمەي، يولغا چىقالمايدۇ. بىراق بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىدە، سېتىش سودىگەرلىرى ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چوقۇم لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى، ئۈچكە ھۆددە قىلىش ئىسپاتنامىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئاپتوموبىل ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن. نۇر تورىدىن ئېلىندى.

4. سۇغۇرتا سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلاشقا بولمايدۇ

بۇندىن بۇرۇن، ئاپتوموبىل سېتىۋالغاندا 4s دۇكانلىرى ئۆز دۇكىنىدا نومۇر تاختىسى بېجىرىش، سۇغۇرتا سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلاتتى ھەتتا ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ قانداق سۇغۇرتا سېتىۋېلىشىنى بەلگىلەپ بېرەتتى. بىراق 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئەگەر 4s دۇكانلىرى بۇنداق تەلەپنى قويسا، بىۋاسىتە شىكايەت قىلسىڭىز، 4s دۇكانلىرىغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 30 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. نۇر تورىدىن ئېلىندى.