تاماكا تاشلاشنى ئەمدى بالا ۋاقتىدىن تۇتۇش كېرەككەن
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-01 09:22

 

ھەر يىلنىڭ 5-ئاينىڭ 31-كۈنى دۇنيا ئىس-تۈتەكسىز كۈنى بولۇپ، بۇ ھەم جۇڭگونىڭمۇ ئىس-تۈتەكسىز كۈنى. بۈگۈنكى كۈندە تاماكا چېكىش دۇنيادىكى زىيىنى ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، جۇڭگودىكى تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ سانى 300 مىليون، ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ تاماكا چېكىش نىسبىتى ۋە تاماكا چېكىشنى سىناپ بېقىش نىسبىتى يىلدىن-يىلغا ئۆرلەۋېتىپتۇ ۋە تېخىمۇ تۆۋەن ياشلىقلارغا يۈزلىنىۋېتىپتۇ. سۈرەتتە ھىندونېزىيەدىكى مەشھۇر «كىچىك بەڭگى» ، ئۇنىڭ ئوبرازى دائىم جۇڭگونىڭ چىراي ئىپادىلىرىدە كۆرۈلىدۇ، ئۇ ئىككى يېشىدىن باشلاپ تاماكا چەككەن . 
 
 

مېدىتسىنا تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماكا چېكىش يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى، راك ۋە ئاستا خاراكتېرلىك توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسەللىكى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپلىك ئامىلى بولۇپ، يۇقىرى قان بېسىمىدىن قالسىلا 2 - نومۇرلۇق يەر شارى خارەكتېرلىك قاتىلغا ئايلانغان. ئۆسمۈرلەرگە ئۇنىڭ خەۋپى تېخىمۇ زور . سۈرەتتە دۆلىتىمىزدىكى خۇنەنلىك كىچىك «بەڭگى».  

ياش-ئۆسمۈرلەر دەل ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقاچقا، ھەر قايسى فىزىئولوگىيىلىك سىستېمىسى، ئەزالىرى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن بولىدۇ ۋە سىرتقى مۇھىتنىڭ زىيانلىق ئامىللىرىغا بولغان قارشىلىق كۈچى چوڭلارغا قارىغاندا بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، زەھەرلىك ماددىلارنى ئاسان سۈمۈرۈۋالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەدەننىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. سۈرەتتە سۇرىيە ئۆكتىچى قوراللىقلىرى «سۈرىيە ئەركىنلىك ئارمىيەسى» ئەسكىرىنىڭ 7 ياشلىق ئوغلى توساق ئالدىدا مىلتىق يۈدۈپ تۇرۇپ تاماكا چەكمەكتە.  

ئامېرىكىنىڭ 25 ئىشتاتتا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، تاماكا چېكىشنى باشلاش يېشى بىلەن ئۆپكە راكى بىلەن ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ مەنپىي باغلىنىشلىقى بار بولۇپ، تاماكا چېكىشنى قانچە بالدۇر باشلىسا، ئۆپكە راكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن. سۈرەتتە: سەنشى تەييۈەن تورخانىدا تاماكا چېكىۋاتقان ئۆسمۈر .  

تاماكا چېكىش يەنە چوڭ مېڭىگە زىيان يەتكۈزۈپ، تەپەككۇر قىلىش ئىنكاسىنى ئاستىلىتىپ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش ۋە خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزىدۇ. پىسخىكىلىق تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئەقلىي ئۈنۈم نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارغا قارىغاندا %10.6 تۆۋەن ئىكەن. قارىغاندا بۇ «كىچىك بەڭگى» لەر تاماكا تاشلىمىسا بولمىغۇدەك! سۈرەتتە گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ شىياخېدىكى بىر زاڭزۇ بالا ياندىكى ئادەمدىن تاماكا سوراپ ئالغاندىن كېيىن چەكمەكتە.  

سۈرەتتە، پاكىستاننىڭ كەمبەغەللەر كوچىسىدا تاماكا چېكىۋاتقان بالا 

 سۈرەتتە، بىر رادىكال ئەنئەنىچى يەھۇدىي ئوغۇل بالا دوستىنىڭ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ بەرمەكتە.

 بىر يەھۇدىي بالا توي مۇراسىمىدا تاماكا چەكمەكتە.