1-ئىيۇندىن باشلاپ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-02 09:26

1-ئىيۇندىن باشلاپ، يەنە بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلدى. بۇ قانۇن بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز سېتىشقا بولمايدۇ؛ پۇقرالارنىڭ 50 تال شەخسىي ئۇچۇرىنى سېتىش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ؛ پۇقراۋىي ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىشتە ھەقىقىي ئىسىم تىزىملاش يولغا قويۇلىدۇ؛ دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ؛ ئۈندىدار سالونى، مىكرو بىلوگلاردا ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىك قانۇنى»2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ تور ساھەسىدىكى ئۇل خاراكتېرلىك قانۇن ھېسابلىنىدۇ. بۇ قانۇندا، ھەرقانداق شەخس ۋە تەشكىلاتنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئوغرىلىشىغا ياكى باشقا قانۇنسىز ئۇسۇل ئارقىلىق ئېرىشىشىگە بولمايدۇ، شەخسىي ئۇچۇرلارنى قانۇنسىز سېتىشقا ياكى باشقىلارغا قانۇنسىز تەمىنلەشكە بولمايدۇ دەپ مەخسۇس بەلگىلەنگەن. قانۇندا يەنە تور ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىش، مەملىكىتىمىزنىڭ ھالقىلىق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ بۇزغۇنچىلىق قىلغان چەتئەل تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنى جازالاش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇر جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. بۇ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىلەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش جىنايىتى توغرىسىدا ئەدلىيەلىك ئىزاھات ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.

جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز يەتكۈزۈش جىنايىتىنىڭ جىنايەت ھېسابلىنىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى «قىلمىشى ئېغىر» بولۇشى كېرەك. ئىزاھاتتا يۈرۈش-تۇرۇش ئۇچۇرى، ئالاقە مەزمۇنى، ئىناۋەت ئۇچۇرى، مال-مۈلۈك ئۇچۇرى قاتارلىقلارغا قانۇنسىز ئېرىشىش، سېتىش ياكى 50 تالدىن ئارتۇق شەخسىي ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنىڭ «قىلمىشى ئېغىر» ھېسابلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

ئىزاھاتتا يەنە، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ياكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا ئېرىشكەن پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ساتقان ياكى باشقا كىشىلەرگە تەمىنلەپ بەرگەن، سانى ياكى مىقدارى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا بېكىتىلگەن مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەمنىڭ يېرىمىدىن ئاشقان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىدا بەلگىلەنگەن «قىلمىشى ئېغىر»ھېسابلىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى بېكىتىلگەن.

مىكروبىلوگ، ئۈندىدار سالونلىرىنىڭ ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشىگە بولمايدۇ

«ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمەت ئىجازىتىنى باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى. «قائىدە»دە، تور بېكەت، ئەپ پىروگراممىسى، مۇنبەر، بىلوگ، مىكروبىلوگ، ئۈندىدارسالونى، خەۋەرلىشىش قورالى، توردا بىۋاسىتە تارقىتىش قاتارلىقلار جەمئىيەتكەئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى تەمىنلەشتە، ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئىجازىتىگە ئېرىشىشى كېرەكلىكى، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ ياكى ئىجازەت دائىرىسىدىن ھالقىپ ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ چەكلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

ئالاقە تورى ئاخبارات ئۇچۇر مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگۈچى ئاخبارات ئۇچۇرلارنى يۆتكەپ ئىشلەتكەندە، ئاخبارات ئۇچۇرنىڭ ئەسلى مەنبەسى، ئەسلى ئاپتورى، ئەسلى ماۋزۇسى، تەھرىرنىڭ ھەقىقىي ئىسمى قاتارلىقلارنى ئەسكەرتىشى لازىم، بۇرمىلاشقا، ماۋزۇنىڭ ئەسلى مەنىسى،ئاخبارات ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىۋېتىشكە بولمايدۇ ھەمدە ئاخبارات ئۇچۇرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى تاپقىلى بولۇشى كېرەك.

دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تور مەھسۇلاتلىرى تور بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى كېرەك

«تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش چارىسى (سىناق نۇسخىسى)» 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلدى، بۇ تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كونترول قىلىش سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تور بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان. «چارە»دە، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تور ۋە ئۇچۇر سىستېمىلىرىغا سېتىۋېلىنىدىغان تور مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ تور بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.

تور ئۇچۇر قانۇن ئىجرا قىلىش دەلىل-ئىسپات ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلىدۇ

«ئالاقە تورى ئۇچۇر مەزمۇنىنى باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تەرتىپى بەلگىلىمىسى» 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. بەلگىلىمە ئالاقە تورى ئۇچۇر مەزمۇنىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي جازانى توغرا يولغا قويۇش، پۇقرالار، قانۇنى ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، ئالاقە تورى ئۇچۇر مۇلازىمىتىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنى مەقسەت قىلغان.

پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاش يولغا قويۇلىدۇ

خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان «پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ھەقىقىي ئىسىم بىلەن تىزىملاشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە،جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇش ئېغىرلىقى 250 گىرامدىن يۇقىرى بولغان پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ھەقىقىي ئىسىمدا تىزىملىتىلىشى لازىملىقى بېكىتىلدى.

دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش پىلانىنى يولغا قويۇشقا ئىلھام بېرىلىدۇ

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «دېھقانچىلىق دورىلىرىنى باشقۇرۇش نىزامى» 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلدى. دېھقانچىلىق تارماقلىرى دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، دېھقانچىلىق دورىلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى ئىشلىتىشكە قارىتا بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ. «نىزام»دا ئۆتكۈر زەھەرلىك، كۈچلۈك زەھەرلىك دېھقانچىلىق دورىلىرىنى كۆكتات، مېۋە، چاي، زەمبۇرۇغ تۈرىدىكىلەر، جۇڭگو تېبابىتى ئۆسۈملۈك ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىشكە بولمايدىغانلىقى بېكىتىلدى. «نىزام»دا يەنە ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەردىن دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش پىلانىنى بېكىتىش ۋە تەشكىللەپ يولغا قويۇش، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش پىلانىنى يولغا قويغان، دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ ئىشلىتىش مىقدارىنى ئۆزى خالاپ ئازايتىقانلارغا ئىلھام بېرىش ۋە يۆلەش تەلەپ قىلىندى.