غۇلجىلىقلار كۆك رەڭگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئامراق؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-09 08:57

ئەگەر غۇلجىغا بارسىڭىز، بىلىپ بىلمەي، بۇ يەرنىڭ چوڭ–كىچىك كوچىلىرىدىكى ئۆيلەرنىڭ پەقەت بىرخىللا رەڭنى ئاساس قىلغانلىقىنى بايقايسىز ـــــ كۆك. توغرا، دەل بۇ خىل ساپ كۆك رەڭ بۇ يەردىكى كوچا كويلارغا بىر خىل جىمجىت ئەمما قەدىمىي تۈس ئاتا قىلغان.

 

 

 

مېنىڭچە، غۇلجىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەڭ ئۇسلۇبى شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ كۆك رەڭگە بولغان ھېرىسمەنلىكىدىن بولسا كېرەك. چۈنكى، كۆك رەڭ كۈچلۈك تەسىر كۈچىگە ئىگە رەڭ بولۇپ، تىنىچ ۋە راھەت.

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

كۆك رەڭ، ئەلۋەتتە يەنە ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان رەڭلەرنىڭ بىرى، كۆك رەڭدە سىرلانغان دېرىزە، ئىشىك، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىدە رومانتىزملىق كەيپىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. غۇلجىنىڭ تار كوچىلىرىدىكى مەيلى قايسى بىر بۇلۇڭىدا ماڭغىنىڭىزدا، كۆك رەڭنىڭ باشقىلارغا ئېلىپ كەلگەن بىغەم ۋە ئەركىن تۇيغۇلىرىنى ھېس قىلالايسىز.