كىچىك بۈركۈت كۆندۈرگۈچى ۋارىسى ــ مۇرادىل
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-14 10:38

ھەممىمىزگە مەلۇم، بالىلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بۇ دۇنياغا، ئانا تەبىئەتكە بولغان قىزىقىشى، ھېس تۇيغۇسى ھەمدە ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ ، پەقەت تىلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، خالاس .

مۇرادىل كىچىكىدىن باشلاپلا شەھەر ۋە يېزا تۇرمۇشى ئارىسىدا چوڭ بولغان بۇلۇپ، سەھرالاردىكى ئاق كۆڭۈل، ساددا دېھقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگەكلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈشتىن سىرت يەنە قول سېلىپ بىرلىكتە قىلغان ئىشلىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.

مۇشۇ جەرياندا تەبىئەتتىكى ھەر خىل مەۋجۇداتلارغا بولغان قىزىقىشى ھەم چۈشەنچىسى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشقا باشلىغان.

دەرەخلەر ئارا سايراۋاتقان قۇشلار، كۆلچەكلەردە ئۈزۈپ يۈرگەن بېلىجانلار، ھەتتا بىر پارچە خام خىش ئاستىدا ئۆمىلەپ يۈرگەن قۇرت-قوڭغۇزلارمۇ ئۇنىڭ كۆزىتىش ئوبيېكتى بولغان. مۇشۇ سەۋەبلەر بولغاچقىمىكىن ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۇنىۋېرسال پەنلەرنىڭ ئىچىدىكى بىيولوگىيەدە 89 نومۇر ئالغان(تولۇق نومۇر 90)

ئۇ چوڭ بولغانسېرى ئىنسانلار تەبىئەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەن. ئۇنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان ئالاقسىنىڭ تا ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كېلىشىگە يەنە بىر مۇھىم نەرسىمۇ سەۋەبچى بولغان، ئۇ بولسىمۇ گۆشخور قۇشلار، ئۇ گۆشخور قۇشلارنى قۇشلارنىڭ ئىچىدىكى «مۆتىۋەرلىرى» دەپ ئويلايدىكەن، چۈنكى ئېكولوگىيە سىستېمىسىدىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرىدە گۆشخور قۇشلار ئاساسەن دېگۈدەك ئۈستۈن ئورۇننى ئىگىلەيدۇ، ئۇلار ئوتتۇرا-كىچىك تىپتىكى سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنى، باشقا تۈردىكى ھەر خىل قۇشلارنى ئۆزىنىڭ ئوزۇقى ئورنىدا ئوۋلايدۇ، شۇڭا ئۇلار تەبىئەتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئۇ 12 يېشىدىن باشلاپ ئۇلارنى كۆزىتىشكە باشلىغان، مۇشۇ جەرياندا تەبىئەت ئىلىمىگە ئائىت ھەر خىل ماتېرىياللارنى كۆرۈپ گۆشخور قۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆگەنگەن. شۇنىڭ بىلەن كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىككى چوڭ خاتا قارىشىنى تېپىپ چىققان. بىرىنچىسى، باشقىلاردىن «دۇنيا بويىچە سائەتلىك سۈرىتى ئەڭ تېز ھايۋان نېمە؟» دەپ سورىغىنىمىزدا، %99 ئادەم « ئافرىقا چوڭ يايلىقىدىكى يىلپىز» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن، ئەپسۇس يىلپىز ئەمەس.

بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى لاچىن بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 360 كىلومېتىر ( km/h 360)

ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى قارلىغاچ بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 352.5 كىلومېتىر .(km/h 352.5)

ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى يىلپىز بولۇپ، سائەتلىك سۈرئىتى 110 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ.( 110km/h )

يەنە بىر خاتا قاراش، كىشىلەرنىڭ روھىغا مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقان «بۈركۈتنىڭ قايتا تىرىلىشى» ناملىق ئەسەردە بولۇپ، ئۇنىڭدا بۈركۈتنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 70 يىل ياشىيالايدۇ، ئەمما 40 يىل بولغاندا گاللىشىپ كەتكەن تۇمشۇقى، ئۇزىراپ كەتكەن تىرنىقى، ئېغىرلاپ كەتكەن قانىتى سەۋەبلىك ئوۋ ئوۋلىيالمىغاچقا، ئۆزىنىڭ تۇمشۇقىنى تاشقا ئۇرۇپ چۈشۈرۈۋېتىپ نەچچە ئاي ئوزۇق يېمەي تۇمشۇقىنىڭ قايتىدىن ئۆسۈشىنى ساقلايدۇ، دېگەن. بۇ خاتا، چۈنكى ئۇنىڭ تۇمشۇقى باش سۆڭىكى بىلەن تۇتاش بولغاچقا، تۇمشۇقىنى تاشقى ئۇرۇشى خۇددى بىز ئۆزىمىزنىڭ بېشىنى تاشقا ئۇرغان بىلەن ئوخشاش.

مۇرادىلنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، يېزىدىكى بىللە ئويناپ چوڭ بولغان دوستلىرى ئۇنىڭغا «لاچىن» دەپ لەقەم قويۇپ قويغان. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بۇ «لاچىن» ئۇنىڭغا مەدەت بولدى. يېزىلاردىكى كىشىلەر گۆشخور قۇشلارنىڭ ئىشلىرى بولسا ئۇنى ئىزدەيدىغان بولدى. ئۇ يەنە ئۆگىنىش جەريانىدا ئىنسانلار بىلەن گۆشخور قۇشلار بىرلەشكەندىن كېيىن بىر خىل مەدەنىيەت ھاسىل بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى، ئۇ بولسىمۇ ئوۋ قۇشى ئارقىلىق ئوۋ ئوۋلاش مەدەنىيىتى. (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئوۋقۇشى مەدەنىيىتى دېيىلىدۇ). ئوۋ قۇشى مەدەنىيىتى دېگىنىمىز ئىنسانلار ئۆزىنىڭ پەم-پاراسىتى بىلەن گۆشخور قۇشلارنى ئۆزىگە، يەنى ئۆزىنىڭ قولىغا كۆندۈرۈش ئارقىلىق ياۋايى تەبىئەتتىكى ھايۋانلارنى ئوۋلاش جەريانىدا ئېلىپ بارغان بارلىق مەشغۇلاتلارنى كۆرسىتىدۇ.

 

ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋقۇشى مەدەنىيىتىمۇ ناھايىتى تەرەققىي قىلغان، ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپ بۈركۈت، قارچىغا، لاچىن، شۇڭقار قاتارلىق ئوۋ قۇشلىرىنى قولغا كۆندۈرۈپ توشقان قىرغاۋۇل، ياۋا ئۆردەك، تۈلكە قاتارلىق ھايۋانلارنى ئوۋلىغان. بۇرۇنقى كىشىلەر ئۇنى ئىجتىمائىي ئىشلەپ چىقىرىش ئۇسۇلى قىلغان بولسا، ھازىر بىر خىل ئارزۇ ھەۋەس، مەدەنىيەت شەكلى سۈپىتىدە بىر قىسىم رايونلاردا ساقلىنىپ كەلگەن. مەسىلەن: شىمالىي شىنجاڭدىن ئىلى رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭدىن قەشقەر، خوتەن قاتارلىق رايونلاردا.

 

 

 

مۇرادىل دوستلارغا «بۈركۈت يولى» ناملىق كىنونى تەۋسىيە قىلدى، قېنى سىزمۇ كۆرۈپ بېقىڭ!

http://m.v.qq.com/play/play.html?coverid=&vid=k0344szm8hp&ptag=2_5.5.2.11955_copy

ئۆگىنىش جەريانىدا، مۇرادىل يەنە ئوۋقۇشى مەدەنىيىتىگە ئائىت ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساپ باققان مەسىلەن: تۇمۇغا دېگەندەك.

مۇرادىل بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن ئوۋقۇشى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئېرىشكەن. سۈرەتتە بېيجىڭدىكى بىر ئوۋ قۇشى كۆندۈرگۈچىنىڭ ئۆيىدە زىيارەتتە.

 

 

سۈرەتتە: مۇرادىل ساۋاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ئالىي مەكتەپلەر ئارا ئۆتكۈزۈلگەن «مىللىي مەدەنىيەت ھەپتىلىكى» پائالىيتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي مەدەنيتىنى نامايان قىلغان.

مۇرادىل يەنە جۇڭخۇا بۈركۈتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ئەڭ ياش ھەمدە بىردىنبىر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى بولۇپ تاللانغان. 

 

مۇرادىل تور دەرسىدىن گۆشخور قۇشلارنى قانداق قۇتقۇزۇش ۋە بېقىش، قانداق مەشىقلەندۈرۈش، ئاخىرىدا تەبىئەتكە قانداق قۇيۇپ بېرىش توغرىسىدا ھەر خىل بىلىملەرگە ئېرىشكەن. مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى لۇ مۇئەللىم، تەيۋەن گۆشخور قۇشلارنى قوغداش ئۇيۇشمىسىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇپ، 30 يىلدىن ئارتۇق تەجرىبىگە ئىگە، ئۇ تەيۋەن ئايروپورتتا قۇشلارنى ھەيدەش پىلانىنىڭ دەسلەپكى رىياسەتچىسى.

بۇ لۇ مۇئەللىم تۇرۇشلۇق گۆشخور قۇشلار دوختۇرخانىسىدىكى بىر مۈشۈك ياپىلاقنىڭ قۇتقۇزۇشتىن بۇرۇن ۋە قۇتقۇزغاندىن كېيىنكى سۈرىتى.

بۇ يىل خەلقئارا ئوۋقۇشى مەدەنىيىتىنى قوغداش جەمئىيىتى جۇڭخۇا بۈركۈتچىلەر بىرلەشمىسىگە يىل ئاخىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئابۇزابى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «خەلقئارالىق ئوۋقۇشى مەدەنىيىتى بايرىمى»غا دۆلەت ۋەكىلى سالاھىيىتى بىلەن 25 ياشتىن تۆۋەن ياشلارنى ھەقسىز ئاپىرىپ كېلىدىغان بىر نامزات بەرگەن، بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەت تىرىشچان مۇرادىلغا نائىل بولۇپتۇ.  

 

ئوۋقۇشى مەدەنىيىتى2010-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.  

 

بايرامدا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كۆرگەزمە رايونى بار، سۈرەتتە ئالدىنقى نۆۋەتلىك بايرامدىكى جۇڭگونىڭ جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى ئوۋقۇشى مەدەنىيىتى كۆرگەزمە رايونى. 

 

ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كېلىشىنىڭ سەۋەبىنى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. تەبىئەتنى سۆيۈشتىن مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقىچە ئىزچىللىقنى ساقلاش ھەم داۋاملىق تىرىشىش كېرەك. ئاخىرىدا ئۇكىمىز مۇرادىلنىڭ تېخىمۇ ياخشى مەدەنىيەت ۋارىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىمنى ئۈمىد قىلىمىز. 

 

 

مۇرادىل تېيەنجىن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتى تەييارلىق سىنىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى.
يۇرتى: ئاتۇش شەھىرى