رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرىگە نەزەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-06-14 11:52

 

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى نەزەربايېفنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 7-ئىيۇندىن 10-ئىيۇنغىچە قازاقىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەمدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلار كېڭىشىنىڭ 17-قېتىملىق يىغىنى ۋە ئاستانىدىكى مەخسۇس تۈردىكى دۇنيا كۆرگەزمىسىنىڭ ئىچىلىش مۇراسىمىگە قاتنىشىدۇ. بۇ «بىر بەلباغ ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تۇنجى قېتىم زىيارەتكە چىقىشى ھەم شۇنداقلا قازاقىستاندا ئۈچىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى بولۇپ، ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

« بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش بولسا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسىگە سىڭدۈرۈلگەن. تۆت يىل ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دەل قازاقىستاندا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» مۇھىم تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ قېتىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان جايغا قايتا بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور، بۇ جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە « بىر بەلباغ ، بىر يول» ھەمكارلىقىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

بۇ يىل «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نىزامنامىسى» ئىمزالانغانلىقىنىڭ 15 يىللىقى ھەم شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تۇرۇشلۇق رايون «بىر بەلباغ ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق رايون. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ ، بىر يول» جەھەتتە ھەمكارلىشىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ نۇرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تەرەققىياتىدىكى يېڭى مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىدۇ.

ئومۇمەن، بۇ « بىر بەلباغ ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق ئۈلگە كۆرسىتىش سەپىرى، ئەتراپ تەقدىرداشلار ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى ئەمەلىي سەپەر بولىدۇ.

شىنخۇا تورىدىن ئېلىندى