بېيجىڭ خەلق سارىيىدىكى تۇنجى ئالىي دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئاشپەز
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-12 19:26

1978-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، مەملىكەتلىك پەن-تېخنىكا يىغىنى بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىن مەيدانى سىرتىدا، يىغىن ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان خىزمەتچى خادىملارمۇ خوشال ھالدا بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى مۇلاھىزە قىلىشاتتى، كۆپچىلىكنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى چىرايلىرىدا ئىپادىلىنەتتى. ئۇيغۇر ئاشپەز ياقۇپ ئىسمايىل كىشىلەر بىلەن ۋەتىنىمىزنىڭ «باھارى» يېتىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا پاراڭلىشىۋاتقاندا، زىيادە خۇشاللىق ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلىنى قوزغاپ، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىدى. بېيجىڭ خەلق سارىيىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئالىي دەرىجىلىك ئاشپەز، يوڭدىڭ دەرياسى بويىدىكى «ۋولۇڭگاڭ» بېيجىڭ خۇيزۇلار قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىندى.

تىرىشىپ مەشق قىلىپ، مۇسۇلمانچە قورۇمىلارنىڭ داڭقىنى چىقارغان

1921-يىلى، ياقۇپ ئىسمايىل شىنجاڭ قەشقەر شەھىرى شامالباغ يېزىسى قىزىلدۆۋە كەنتىدىكى ئاددىي ئۇيغۇر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ياقۇپ 12 يېشىدىن باشلاپلا قەشقەر شەھىرىدە شاگىرتلىققا كىرگەن. ئۇ سەھەر تۇرۇپ، كەچ يېتىپ، تىرىشىپ مەشق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل تاماق ۋە قورۇمىلىرى ھەمدە شىنجاڭ تەمىگە ئىگە داڭلىق تائاملارنى قىلىشنى ئۆگىنىۋالغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ ھەر تۈرلۈك كەسىپلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، خەلقئارادىكى دوستلار ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى ساھەدىكى زاتلار بىلەن بولغان مۇئامىلىمۇ كۆپەيگەن، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچى كۈتۈۋېلىش خىزمىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور مىقداردا ئىختىساسلىق خادىملارغا ئېھتىياجلىق بولغان، بۇمۇ ئارتۇقچىلىقى بار كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت ئىدى. 1956-يىلى، قەشقەر شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەۋسىيىسى ئارقىلىق، ياقۇپ ئۈرۈمچىگە يۆتكۈلۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورگانلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تارمىقىدىكى مېھمانخانىدا (ھازىرقى مۇھاجىرلار مېھمانخانىسى) ئاشپەزلىك قىلغان. ياقۇپ ئۆزىنىڭ ئاشپەزلىك تېخنىكىسىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە باشقا تائاملارنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ھەممە قولىدىن كېلىدىغان ئاشپەز بولۇپ يېتىشىپ چىققان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىنىغا ئون يىل بولغاندا، بېيجىڭ خەلق سارىيى قۇرۇلۇپ، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن، 1960-يىلى 3-ئايدا، ياقۇپ شىجاڭ خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن بېيجىڭ خەلق سارىيىغا يۆتكۈلۈپ ئاشپەز بولغان.
يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلىتىمىز بىلەن دېپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىچىدە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمان دۆلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. دۆلىتىمىز ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ-ئادىتىگە ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدىغان بولغاچقا، كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدىمۇ ئىسلام دىنى ئادىتى بويىچە قورۇمىلارنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان، بۇ جەھەتتە، ياقۇپ ئۆزى مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئوخشىتىپ چىقىرىلغان مۇسۇلمانچە تائاملار، ياقۇپنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئاشپەزلىك ھۈنىرىنىڭ نامايەندىسى بولۇپلا قالماستىن، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو بىلەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. يې جيەنيىڭ، شۈ شياڭچيەن، پېڭ جېن، سەيپىدىن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ ياقۇپ ئەتكەن تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئۇنىڭ ھۈنىرىگە قايىللىقىنى بىلدۈرگەن.

تەلەپپۇزى ئۆزگەرمىگەن، قەشقەر ۋە بېيجىڭنى ئوخشاشلا ئۆز يۇرتى دەپ قارىغان

بېيجىڭ مەملىكىتىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدىنىيەت مەركىزى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر تەلپۈنىدىغان جاي ھېسابلىنىدۇ. لېكىن مەدىنىيەت، ئۆرپ-ئادەت، تىل، دىن قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدا ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلار ئۈچۈن، بېيجىڭدا تۇرمۇش كەچۈرگەندا نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولىدۇ. ياقۇپ بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن، ئەڭ ئاۋال دۇچار بولغان تىل مەسىلىسى بولغان. شۇ ۋاقىتتا، بېيجىڭ خەلق سارىيىغا، ۋەتىمىزنىڭ ھەر قايسى يەرلىرىدىن 50 نەپەرگە يېقىن ئاشپەز يۆتكەپ كېلىنگەن بولۇپ، كۆپچىلىك پاراڭلاشقاندا، ھەر قايسى جايلارنىڭ خەنزۇ تىلىنىڭ يەرلىك تىللىرى، ئەسلىدىنلا خەنزۇ تىلىنى ئانچە بىلىپ كەتمەيدىغان ياقۇپقا نىسبەتەن، چۈشىنىش قىيىن مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.

تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىمۇ، ياقۇپ نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرگە يولۇققان. يۇرتىدىكى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي بايراملىرىنى ئۆتكۈزگەندە، ياقۇپ پەقەت چوڭقۇر يۇرت سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن داۋاملىق خىزمەت قىلاتتى؛ ئىجتىمائىي ئالاقىدا تۇرمۇش ئادىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئوڭايسىزلىق كۆرۈلگەندە، ياقۇپ سەۋرچانلىق بىلەن كىشىلەرگە چۈشەندۈرەتتى. ھەر يىلى قۇربان ھېيتتا ئايالىغا ساڭزا سالدۇراتتى، ئاندىن بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئولتۇرۇپ، بالىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېمەكلىكلىرىنى يېگەچ، دادىسىنىڭ يۇرتتا ھېيت ئۆتكۈزگەندىكى كۆرۈنۈشلىرىنى بايان قىلغانلىقىنى ئاڭلايتتى.

1960-يىلى بېيجىڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىپ تاكى ۋاپات بولغۇچە بولغان ئون نەچچە يىل ۋاقىتتا، ياقۇپ قەشقەرگە بىر قېتىممۇ قايتىپ باقمىغان. 1970-يىلى ياقۇپ ئانىسى سەكراتقا چۈشۈپ قالغان، لېكىن ئۇ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن، يۇرتىغا قايتىپ ئانىسى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن، ئۆز ۋاپادارلىقىنى بىلدۈرەلمەي، ئۆمۈرلۈك ئېچىنىشنى قالدۇرغان ئىدى.

ياقۇپنىڭ ئۈچ ئوغلى بار بولۇپ، ئايالى ئائىلە ئايالى، پۈتۈن ئائىلە ياقۇپنىڭ مائاشىغا قاراشلىق ئىدى. بۇ ئازغىنە مائاشمۇ يەنە بەزى ۋاقىتلاردا دوست-بۇرادەرلەرنى كۈتۈشكە ئىشلىتىلەتتى. تۇرمۇشنىڭ جاپاسى ۋە قىيىنچىلىقىغا قارىتا، ياقۇپ ھەمىشە ئۈمىدۋارلىق بىلەن مۇائمىلە قىلاتتى، ئۇ ئۆيىدە قارا ئاشلىق بىلەن تاماق ئېتەتتى، بالىلارنى ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈشكە، خەلقنى قىزغىن سۆيۈشكە، ئىقتىسادچىل بولۇشقا تەربىيە قىلاتتى. ياقۇپ قىزغىن، خۇشخۇي بولۇپ، چاقچاق قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى، دائىم تازا پىششىق بولمىغان خەنزۇ تىلىدا «جۇڭگو قىزىل قوغدىغۇچىلار ئەترىتى» كىنوسىنى ناخشىنى ئېيتاتتى، ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە خۇشاللىق يەتكۈزەتتى.

ياقۇپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىدىكىلىرى بېيجىڭ يوڭدىڭ دەرياسى بويىدىكى «ۋولۇڭگاڭ» خۇيزۇلار قەبرىستانلىقىغا يەرلىككە قويدى. بۇنى يېڭى جۇڭگودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈم ئادىتىنى ئۆزگەرتىشتىكى ئۆرنەك دېيىشكىمۇ بولاتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسىدە، ۋاپات بولغانلار ۋاپات بولۇپ بىر كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە ئۆزىنىڭ يۇرتىدىكى جەمەت قەبرىستانلىقىدا يەرلىككە قويۇلاتتى. ئەگەر باشقا جايلاردا ۋاپات بولسا، جەسەتنى يۇرتىغا يۆتكەپ يەرلىككە قوياتتى. لېكىن، بىر تەرەپتىن قاتناش قولايسىز، يۆتكەش قىيىن بولۇپ، ياقۇپنىڭ ئائىلىدىكىلىرى جەسەتنى ۋاقتىدا يۇرتىغا يۆتكەپ بېرىپ يەرلىككە قويۇشقا ئىلاجىسىز ئىدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار بېيجىڭنى ئۆزىنىڭ ئىككىنچى يۇرتى دەپ قارىغان ئىدى، شۇڭا ۋاپات بولغۇچىنىڭ بېيجىڭغا دەپنە قىلىشىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىدى.