ئۈرۈمچى كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆيلەرنىڭ مەنبەسىنى ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25 16:07

8-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي-مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى 35 ئورۇندىكى كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي مەنبەسى ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 جاي ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆي ئورنى، 24 جاي ئەرزان قولايلىق ئۆي ئورنى.

شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيلىرى ئاساسلىقى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى شەرقىي تاغ يولى، مىچۈەن-كۆكتاغ چوڭ يولى، سايباغ رايونى خوڭمياۋزى يولى، جەنۇبىي مۇھىت ئاسراش يولى، بۇلاقتاغ رايونى يەتتە داۋان يولى، مەنزىرە رايونى يولى، سەككىز داۋان يولى قاتارلىق ئورۇنلارغا جايلاشقان. ئەرزان قولايلىق ئۆيلەر ئاساسلىقى مىچۈەن-كۆكتاغ رايونى مىچۈەن-كۆكتاغ ئوتتۇرا رايونى، گۇمۇدى بازىرى، سايباغ رايونى ساڭفاڭگۇ ئوتتۇرا يولى، چيەنتاڭجياڭ يولى، بۇلاقتاغ رايونى يەتتە داۋان يولى، غەربىي نەنخۇ يولى قاتارلىق ئورۇنلارغا جايلاشقان. ئەرزان قولايلىق ئۆيلەرنىڭ ھەر بىر يۈرۈشى 60 كۋادرات مېتر ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر بىر كۋادرات مېتىرىنىڭ باھاسى 2110 يۈەندىن 3200 يۈەنگىچە بولىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، شەھەر ئاھالىلىرىگە تەمىنلىنىدىغان بۇ قېتىملىق ئۆي مەنبەسى ئىنتايىن يېتەرلىك بولۇپ، نۇقتىسى كۆپ بولۇش، دائىرىسى كەڭ بولۇش ھالىتىنى ئىپادىلىگەن.

بۇ يىلدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرى كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆيلەرنى نومۇر تارتىپ تەقسىملەش ئۇسۇلىنى تەڭشىگەن. خۇددىي ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسىنى ئاپتوماتىك تاللىغانغا ئوخشاش، ئەرزان-قولايلىق ئۆيلەردىمۇ «ئۆينى كومپىيۇتېر ئارقىلىق تاللاش شەكلى» قوللىنىلىدۇ، ھەر بىر ئائىلىلىكنىڭ ئىككى قېتىم «بەشتىن بىرنى تاللاش» پۇرسىتى بار بولۇپ، ھېسابتا ئوندىن بىرنى تاللايدۇ.

ئۆي تاللىغان ۋاقىتتا ئۆي تاللىمىغانلار ياكى تاللاپ چىققانغا رازى بولمىغانلار بىۋاسىتە مەيداندىن ئايرىلسا، كېيىنكى قېتىملىق ئۆي تەقسىملەشكە تەسىرى بولمايدۇ. ئەگەر تاللىغاندىن كېيىن سېتىۋېلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئىمزا قويۇپ ئالغاندىن كېيىن، سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچسە، بىر قېتىملىق سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچكەن بولۇپ خاتىرىلىنىدۇ، ئۈچ قېتىم بولسا كاپالەتلىك سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.

كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆيلەرنى تەقسىملەش دەۋرىنى قىسقارتىپ، تەقسىملەش قېتىم سانىنى يۇقىرىلىتىش ئۈچۈن، ئۆيلەرنى تاللىغان ھامان، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. شۇڭا ئۆي تەقسىملەش نەق مەيدانىدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تاللاشنى تاماملاش ئۈچۈن، شەھەر ئاھالىلىرى ئاۋال ئۆي مەنبەلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشىنىۋېلىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيلىرىدە بولسا، ئادەم بىلەن ئۆي ماسلاشتۇرۇلۇپ نومۇر تارتىپ تەقسىملەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، ئۆي كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەرنىڭ نۆۋەت بىلەن ئۆي تاللاش شەكلى ئەمەلدىن قالدۇرىلىدۇ. نومۇر تارتىپ تەقسىملەش نەتىجىسىنى تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئاھالىلەر كومىتېتى، مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتى (كوچا)، رايونلۇق، ناھىيەلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالەت مەركىزىدىن بىۋاسىتە سۈرۈشتۈشكە ۋە ئىجارىگە بېرىش ئۇقتۇرۇش قەغىزىنى باستۇرۇپ، ئۆي مەنبەسىنى باشقۇرۇش ئورنىغا بېرىپ ئۆيگە كىرىش رەسمىيىتىنى بىۋاسىتە بېجىرىشكە بولىدۇ. يېڭى تەقسىملەش ئۇسۇلى نومۇر تارتىپ تەقسىملەش خىزمىدىنى دائىملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولۇپ، ئەسلىدىكى نومۇر تەرتىپ تەقسىملەش دەۋرىنىڭ ئۇزۇن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆيلەرنى ئىلتىماس قىلغاندىكى كىرىم ئۆلچىمىنى كەڭ قويۇپ بېرىش، كاپالەت ئۆيلەرنى تەقسىملەشنىڭ پۈتۈن جەريانى ئاشكارا، ئوچۇق بولۇش، نومۇر تارتىپ تەقسىملەش ئۇسۇلىنى تەڭشەش...... شەھىرىمىزدە 2007-يىلدىن باشلاپ كاپالەت خاراكتېرلىك تۇرالغۇ ئۆي سىياسىتىنى يولغا قويغاندىن باشلاپ، كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئورتاق قوللىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىجارە ئۆيى ئاساسىي گەۋدە، ئىجارە تولۇقلىمىسى، ئەرزان قولايلىق ئۆي قوشۇمچە بولغان كۆپ قاتلاملىق، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولغان تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇپ چىقتى. ھازىرغىچە، 100 مىڭغا يېقىن ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىمدىكى ئائىلىلىك كاپالەت خاراكتېرلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردى.