شىنجاڭدىكى تۇنجى ئايروپورت باج كەچۈرۈم دۇكىنى تىجارەت باشلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25 16:09

 

شىنجاڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا تۇنجى ئايروپورت باج كەچۈرۈم دۇكىنى رەسمىي تىجارەت باشلىغان، بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى ئايروپورت باج كەچۈرۈم دۇكىنى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ ئايروپورت ئايروپورت باج كەچۈرۈم دۇكىنىنى جۇڭگو باج كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلار (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى T3 ئاۋىئاتسىيە بىناسىنىڭ يېتىپ كېلىش زالىغا تەسىس قىلغان. ئايروپورت باج كەچۈرۈم دۇكىنىغا 300 گە يېقىن خەلقئارالىق داڭلىق ماركا، ئون مىڭدىن ئارتۇق مودا بۇيۇملار سېلىنغان بولۇپ، تاماكا، ھاراق، ئەتىر، گىرىم بۇيۇملىرى، قول سائىتى، كۆزئەينەك، زىبۇ-زىننەت، تېرىدىن ياسالغان كىچىك بۇيۇملار، يېمەكلىكلەر، تۈرلۈك ماللار قاتارلىق يىگىرمە نەچچە خىل تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۈرۈمچى تاموژنىسى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئايروپورت تاموژنىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: چېگرىدىن كىرگەن ياكى چىققان ساياھەتچىلەر ئايروپورت باج كەچۈرۈم دۇكىنىدا باج كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغاندا، چوقۇم پاسپورتى ۋە ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك، ساياھەتچىلەر چېگرا ۋە ئايروپورت باج كەچۈرۈم دۇكىنىدىن سېتىۋالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 5000 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى (5000 مىڭ يۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كېرەك، چېگرىدىن كىرگەن ساياھەتچىلەر سېتىۋالغان مەھسۇلاتلار يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىدە بەلگىلەندىن ئېشىپ كەتكەندە، تاموژنىغا ئىلتىماس قىلىشى ۋە ئاشقان قىسمىغا باج تاپشۇرۇشى كېرەك.

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى چېگرىدىن كىرگۈزۈلگەن ئايروپورت باج كەچۈرۈم دۇكىنىنىڭ ئېچىلىشى، ھەر قايسى دۆلەت ئىستېمالچىلىرىنىڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك باج كەچۈرۈم قىلىنغان مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشى ئۈچۈن يېڭى سۇپا ھازىرلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە چەتئەللەردىكى ئىستېمالنىڭ قايتىلىنىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.