دۇنيادا ئالما ئۆستۈرۈش شىنجاڭدىن باشلانغان – تەتقىقات ئىسپاتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25 16:10

گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش ئارقىلىق دۇنيادا ئالما ئۆستۈرۈشنىڭ شىنجاڭدىن باشلانغانلىقى ئىسپاتلاندى

بەش يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە ئامېرىكا تەتقىقاتچى خادىملىرى، گېن تەرتىپىنى ئۆلچەش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئالما ئۇرۇقى پىلازمىسى جەھەتتە زور بۆسۈشكە ئېرىشىپ، دۇنيادا ئالما ئۆستۈرۈشنىڭ جۇڭگو شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

15-ئاۋغۇست، خەلقئارادىكى داڭلىق «تەبىئەت ئالاقە» ئىلمىي ژورنىلى « گېن گۇرۇپپىسىنى قايتا ئۆلچەش ئارقىلىق ئالمىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى ۋە مېۋىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنىڭ ئىككى قەدەملىك ئۆزلەشتۈرۈش مودىلىنى چۈشەندۈرۈش» تېمىسىدا، شەندۇڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى چېن شۆسېن تەتقىقات گۇرۇپپىسى بىلەن ئامېرىكا كوننېل ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى فېي جاڭجۈن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلغان.

16-ئاۋغۇست، شەندوڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى باغۋەنچىلىك ئىنىستېتۇتى پروفېسسورلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چېن شۆسېن مۇخبىرغا تېلېفوندا مۇنداق دېدى : «يۇقىرى ئېقىملىق ئۆلچەش ۋە جانلىقلار ئۇچۇرشۇناسلىق تېخنىكىسى ئارقىلىق، ئىككى تەتقىقات گۇرۇپپىسى شىنجاڭنىڭ كۈنەس ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسىدىن يىغقان 15 تال ياۋا ئالما بىلەن ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق دۇنيا دائىرىسىدىن يىغىۋالغان 24 خىل، 117 پارچە ئۇرۇق پىلازمىسىغا پۈتۈن گېن گۇرۇپپىسىنى قايتا ئۆلچەش ئېلىپ باردۇق، جەمئىي 7 مىليون 200 مىڭ دانە يۇقىرى سۈپەتلىك ئەڭ كىچىك گېن بىرلىكى (SNPs)نى تەكشۈرۈپ، ئالما بايلىقى تەتقىقاتى ۋە مولىكولىلىق سورت يېتىشتۈرۈشكە زور مىقداردا قىممەتلىك ئاساسىي سانلىق قىممەتلەر بىلەن تەمىنلىدۇق.»

چېن شۆسېن يەنە مۇنداق دېدى: «تەتقىقات جەريانىدا، بۇ قېتىم شىنجاڭدىن يىغىپ كەلگەن سىۋېش ئالمىسىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى بولغان مەنبەداشلىقنى ساقلىغانلىقىنى، ئەڭ ئىپتىدائىي ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئوخشاشلا ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا تەۋە بولغان قازاقىستاندىن يىغىۋېلىنغان سىۋىش ئالمىسى گېنىنىڭ گېتېروزىگوتلۇقىنىڭ نىسبەتەن يۇقىرىلىقىنى بايقىدۇق، بۇ دۇنيادا ئالما ئۆستۈرۈشنىڭ شىنجاڭدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى يېتەرلىك ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.»
مەزكۇر تەتقىقات 2012-يىلى باشلانغان بولۇپ، بەش يىل داۋاملاشقان. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، شىنجاڭ سىۋىش ئالمىسىنىڭ ياۋا سورتى قەدىمىي يىپەك يولىنى بويلاپ غەربكە تارقىلىپ، ھازىرقى دۇنيادىكى ئالما ئۆستۈرۈشنى (غەرب ئالمىسى)نى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ مىللەتلەر ئارىلىشىشىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ سىۋىش ئالمىسى شەرققە تارقىلىپ، سىبىرىيە تاشئالمىسى قاتارلىق ياۋا ئالما سورتلىرى بىلەن شالغۇتلىشىش، ئۆزلىشىش ئارقىلىق، جۇڭگونىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى پاختىسىمان ئالما شەكىللەنگەن، بۇ پاختىسىمان ئالمىنىڭ جۇڭگودا قانداق بارلىققا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بولغا، غەرب ئالمىسى ئۆزگىرىش جەريانىدا، مېۋە سۈپىتى ئېشىپ، كىسلاتالىقى تۆۋەنلىگەن؛ مېۋىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى جەھەتتىكى ئۆزگىرىشتە، مەزكۇر تەتقىقات ئىككى قەدەملىك ئۆزلەشتۈرۈش مودىلىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئېرسىيەت جەھەتتە، ئالمىنىڭ ئۆزىنى چېتىشتۇرغاندا شالغۇتلاشماسلىق ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن، ياۋروپا ئورمانلىق ئالمىسى قاتارلىق كۆپ خىل سورت گېنىنىڭ كەڭ كۆلەمدە سىڭىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن، ئۆستۈرۈلگەن ئالمىنىڭ بىر قەدەر ياخشى بولغان ئېرسىيەت كۆپ خىللىقىغا ئىگە بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئالما دۇنيادىكى ئىللىق بەلباغ رايونلىرىدا ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مېۋە دەرەخلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ بارلىققا كېلىپ ئۆزگۈرۈش جەريانى، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىدىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ، خەلقئارادىكى ئالما تەتقىقات ساھەسىنىڭ دىققەت-نەزىرىنى قوزغاپ كەلگەن. مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسى ئالما ئۇرۇق پىلازمىسىنى قوغداش ۋە ئىشلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، شۇنداقلا ئېرسىيەتلىك سورت يېتىشتۈرۈشنى مۇھىم بولغان نەزىرىيەۋى ۋە تېخنىكا ئاساسى بىلەن تەمىنلىگەن.

ئىگىلىنىشچە، چېن شۆسىن ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى يېقىندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ياۋا ئالما بايلىقىنى قوغداش، بايقاش، يېڭىلىق يارىتىش ۋە پايدىلىنىش جەھەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، «يۇقىرى فلاۋونلۇق ئالما سورتى يېتىشتۈرۈش»نى يادرو قىلىپ، شىنجاڭدىكى قىزىل ئەتلىك ئالما بىلەن ئالما سورتىدىكى بىرىنچى ئەۋلاد شالغۇت سورت، ئىككىنچى ئەۋلاد ئايرىلغان توپنى قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭ ياۋا ئالما ئېرسىيىتىنىڭ كۆپ خىللىق ئالاھىدىلىكى ۋە شەكىللەرنىڭ ئېرسىيەت ئۆزگىرىش ئالاھىدىلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان.