شىنجاڭدا بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسىنى ئەملەش باشلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25 16:14

تۆنۈگۈن سائەت 11 دە، 25 ياشلىق شياۋ مېي شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ يەتتە داۋان دوختۇرخانىسىدا، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسىنى ئۇرغۇزۇپ، رايونىمىزدىكى بۇ تۈرلۈك ۋاكسېنىنى ئەملىگەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى.

«بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسى توغرىسىدىكى خەۋەرگە دېققەت قىلىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولدى.» شياۋمېي داۋالاش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى جۇڭگودا بازارغا سېلىنغان بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسىنىڭ ئۈنۈمىگە بولغان چۈشەنچىسى ئىنتايىن چوڭقۇر ئىدى، «ئاساسلىقى 16 تىپلىق ئەمچەك توپچىسىمان ئۆسمىسى ۋىرۇسى ۋە 18 تىپلىق ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، يەتمىش پىرسەنتتىن ئارتۇق بالىياتقۇ بوينى راكىنى بۇ ئىككى خىل ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان، بالىياتقۇ بوينى راكى ئاياللار كېسەللىكىدە كۆپ ئۇچرايدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە تۇنجى راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسېنا ھېسابلىنىدۇ، ۋاكسېنا ئەملەش ھېسابتا ئۆزۈمگە سۇغۇرتا ئالغانلىققا باراۋەر» دېدى شياۋمېي.

شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىككىنچى تارماق دوختۇرخانىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ساقلىقنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى شياڭ بېننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسى ئىككىنچى تۈردىكى ۋاكسېنا بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئۆزى پۇل تۆلەپ ئەملەيدىغان ۋاكسېنىغا تەۋە ئىكەن. ھەر بىر تال ۋاكسېنىنىڭ باھاسى 580 يۈەن بولۇپ، ئەملەش مۇلازىمەت ھەققى ۋە سوغۇق ھالەتتە توشۇش ھەققى قوشۇلغاندا %15 ئەتراپىدا باھا ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئاخىرقى باھاسى 660 يۈەنگە توختىغان، پۈتۈن جەرياندىكى ئۈچ تال ۋاكسېنىنىڭ باھاسى 1980 يۈەن بولغان.

مەزكۇر دوختۇرخانا بۇ قېتىم 100 تال بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسى كىرگۈزگەن بولۇپ، ۋاكسېنا سەيشەنبە كۈنى يېتىپ كەلگەن، چارشەنبە ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلگەن، 8-ئاينىڭ 17-كۈنى 11 دە، بىرىنچى ۋاكسېنا ئۇرۇلغان.

شياڭ بېن يەنە مۇنداق دېگەن :« بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسى 9 ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ئاياللارغا ماس كېلىدۇ، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسېنىسىنى ئەملەش ۋاقتىغا ئوخشاشلا، 0، 1، 6 ئاي ئارىلىق بويىچە ئەملىنىدۇ. قايتا-قايتا ئەملەپ كۈچەيتىش ئارقىلىق، ئادەم بەدىنىدە تېخىمۇ مۇستەھكەم بولغان ئېممۇنىتېت سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.»بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسىنى بەلگىلەنگەن كارخانا بەلگىلىك مىقداردا ئىشلەپچىقىرىدىغان بولغانلىقتىن، ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسېنىنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشى تەخمىنەن 10-ئايلاردا تاماملىنىدىكەن. « ۋاكسېنىنىڭ ئۈنۈملۈك ئەملىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ۋاكسېنا بازارغا سېلىنىشتىن بۇرۇن، ۋاكسېنىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، تۇنجى تۈركۈم ئەملىنىدىغان ئادەم سانى 50 نەپەر قىلىپ بەلگىلەندى.»

مۇخبىرلارنىڭ كېيىن ئىگىلىشىچە، بىڭتۈەن دوختۇرخانىسىنىڭ 300 تال بالىياتقۇ بوينى راكى ۋاكسېنىسىمۇ يېتىپ كەلگەن، لېكىن يەنىلا ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش باسقۇچىدا بولۇپ، ئەملەش باسقۇچىغا تېخى كىرمىگەن. مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بەشىنچى تاماق دوختۇرخانىسى قاتارلىق ۋاكسېنا ئەملەش نۇقتىلىرىمۇ ۋاكسېنىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىك ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرىۋالغان بولۇپ، ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان ۋاكسېنا سانى 1500 تال بولغان، كېلەر ھەپتە ئەملەشكە باشلاش مۆلچەرلەنگەن، ۋاكسېنا ئەملەش ئارزۇسى بولغان شەھەر ئاھالىلىرى شۇ نۇقتىلارغا بېرىپ ئالدىن كېلىشسە بولىدۇ.