ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش ئەۋج ئېلىپ كەتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25 16:20

پەقەت 300 يۈەندىن 500 يۈەنگىچە پۇل خەجلەپ، ئۈچ مىنۇتتىن بەش مىنۇتقىچە ساقلاپ تۇرسىڭىز، كوچىدا توختىتىپ قويۇلغان بولكىۋايدىكى ناھايىتى ئاددىي بىر بى تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلىيالايسىز... يېقىندا جايلاردىكى سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت تارماقلىرى ۋە ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلاردىن ئىگىلىنىشىچە، بىر قىسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئاپتوموبىللارغا ئورنىتىلغان بى تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ جىنسىنى قانۇنسىز ئېنىقلاپ بۇنىڭدىن پايدا ئالغان، بۇ خىل بى تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى توردا سېتىۋېلىش ناھايىتى ئاسان بولۇپ رەسمىيەت كەتمەيدىكەن.

ھازىر ئېلىمىزدە ئەر-ئاياللار نىسبىتى ئېغىر تەڭپۇڭسىز ھالەتتە بولۇپ، ئەرلەرنىڭ سانى ئاياللارنىڭكىدىن 30 مىليوندىن ئارتۇق ئىكەن، ئەر-ئاياللار نىسبىتىنىڭ ئېغىر تەڭپۇڭسىز بولۇشى نەچچە ئون مىليون ئەرنىڭ كەلگۈسىدە جۆرە تاپالماسلىق مەسىلىسىنى پەيدا قىلىدىكەن، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قسىىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن: مەسىلەن ئىپپىتىنى سېتىش، پاھىشۋازلىق، باسقۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلار كۆپىيىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىغا ئېغىر خەۋپ پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

ئەر-ئاياللار نسبىتىنىڭ ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب، بىر قىسىم جايلاردا ئەرلەرنى چوڭ كۆرۈپ، قىزلارنى چەتكە قېقىش ئىدىيەسى يەنىلا ناھايىتى ئېغىر. بىر قىسىم ئائىلىلەر پەقەت ئوغۇل تۇغۇشنىلا ئۈمىد قىلىدۇ، تىببىي ئىلىمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلىمۇ تەدرىجىي كۆپىيىشكە باشلىدى، گەرچە دۆلىتىمىز تىببىي ئېھتىياجدىن باشقا سەۋەب بىلەن ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاشنى ئېنىق چەكلىگەن بولسىمۇ، يەنىلا بىر قىسىم ئادەملەر دوختۇرغا قىزىل بولاق بېرىپ بى تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلىماقتا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر قان ئەۋرىشكىسىنى چىگرىدىن قانۇنسىز چىقىرىپ چەتئەلدە ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلىماقتا. يۇقىرىدا بىز تىلغا ئالغان ئاپتوموبىلدىكى بى تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش ھازىرقى يېڭىچە بىر ئۇسۇل بولۇپ قالغان، دېمەك قانۇنسىز يول ئارقىلىق ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ، ئاپتوموبىلدىكى بى تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش ئۇسۇلى ھەرىكەتچان بولۇپ، باشقىلارنىڭ ئۆيىگىچە بېرىپ مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىمۇ تەسكە توختايدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ خىل ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان بى تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى توردا سېتىۋېلىش ناھايىتى ئوڭاي بولۇپ، سېتىۋالغاندا ھېچقانداق رەسمىيەت كەتمەيدىكەن، ساتقۇچى تەرەپ ھەتتا بى تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا مال تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ دەپ يېزىپ تەكشۈرۈشتىن قاچىدىكەن، چۈنكى مال دوختۇرلىرى ئىشلىتىدىغان بى تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى داۋالاش ئەسلىھەلىرى دائىرىسىگە ياتمايدىكەن، بۇنىڭ بىلەن تەكشۈرۈشتىن قاچقىلى بولىدۇ، داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى قاتارلىق ئالاقىدار ھۆججەتلەردىن قارىغاندا، ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان بى تىپلىق ئۇلتىرا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى 2-دەرىجىلىك داۋالاش ئەسلىھەلىرى قاتارىدا باشقۇرۇلىدىكەن، يەنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، ئىشلىتىش جەريانلىرىدا چوقۇم داۋلاش ئەسلىھەلىرى ئىجازەت نومۇرى، داۋلاش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ۋە 2-دەرىجىلىك داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپاتى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللار تەلەپ قىلىنىدىكەن، بۇنىڭدىن باشقا ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش شىركەتلىرىنىڭ داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى ئالاقىدار سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان كارخانا ۋە ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا سېتىپ بېرىشكە بولمايدۇ دەپ ئىنىق بەلگىلەنگەن، شۇڭلاشقا بى تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى ئىشلەپچىقىرىغان شىركەتلەرنىڭ بۇنى سالاھىيىتى يوق ئورۇن ياكى شەخسكە سېتىپ بېرىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ھامىلىنىڭ جىنسىنى قانۇنسىز ئېنىقلاشنى توسقانسېرى ئەۋج ئېلىشى جازالاش سالمىقىنىڭ ئېغىر بولماسلىقى يەنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش بەدىلىنىڭ چوڭ بولمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئورۇنلىرى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى زور بەدەل تۆلەتكۈزۈشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا، مەسىلىنى ئەسلى مەنبىيىدىن تۇتۇپ، ئىشلەپچىقارغۇچى ئورۇنلارنىڭ سالاھىيىتى يوق ئورۇن ۋە شەخسلەرگە داۋالىنىش ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بېرىشىنى چەكلەپ، كارخانىلارنىڭ سېتىش باشقۇرۇش ھالقىلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇشىنى دەۋەت قىلىشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، قانۇنسىز ھالدا ھامىلىنىڭ جىنسىنى ئېنىقلاش ئېھتىياجىنىڭ مۇشۇنداق تېز ئېشىشى يەنىلا ئەرلەرنى ئەزىز، ئاياللارنى خار كۆرۈش ئىدىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، شۇڭلاشقا كىشىلەرنىڭ بۇنداق كونا ئىدىيەسىنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك، ھامىلىنىڭ جىنسىنى قانۇنسىز ئېنىقلاشتىكى ئەڭ قىيىن مەسىلىمۇ دەل مۇشۇ يەردە، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىدىكى ئەرلەرنى چوڭ بىلىپ، ئاياللارنى خار كۆرۈش ئىدىيەسى ئۇزۇن تارىخلاردىن قىلىپ قالغان، كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىگە چوڭقۇر سىڭگەن، بۇنى ئۆزگەرتىشكە يەنىلا ئۇزاق ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭدا تەشۋىقاتنى ئىزچىل كۈچەيتىش ۋە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، مەسىلەن: قىز پەرەنت كۆرگەن ئائىلىلەرنى مۇكاپاتلاش، پەرزەنتلەرنىڭ ئانىسىنىڭ فامىلىسىنى قوللىشىنى رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار، بۇنىڭدىن باشقا ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئورنىدا ئاياللارنى كەمسىتىشنى تۈزەش، ئاياللارنىڭ ھەرخىل قانۇنىي ھوقۇق-مەنئەپەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى قانۇنلۇق ئورنىنى قوغداش قاتارلىقلار. پەقەت مەسىلىنى يىلتىزىدىن تۈزىگەندىلا، ئاندىن بۇنداق خۇراپىي ئىدىيەنىڭ يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ، ئەر-ئاياللارنىڭ ھەققىي باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.