ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنى سوقۇپ قويسىڭىز سەۋەنلىك چوقۇملا سىزدىمۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25 16:21

تۆۋەندىكىدەك ئاز ئۇچرايدىغان نەچچە خىل كەينىدىن سوقۇلۇش ئەھۋاللىرىدا، پۈتۈنلەي ئالدىدىكى ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ، سىز بىلەن قىلچىلىكمۇ مۇناسىۋىتى يوق، تۆلەم تۆلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

1-، كەينى تەرەپتىكى ئاپتوموبىل زورلۇق بىلەن يول ئۆزگەرتكەندە

كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا، تۆۋەندىكى ئەھۋالنى كۆپ ئۇچرىتىمىز. نۇرغۇن شوپۇرلار، ھېچنىمىنى ئويلىمايلا، باشقىلارنىڭ قانداق ھەيدىشى بىلەن كارى يوق ھالەتتە، يولنى زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىدۇ، بەزىدە سىزنى مەجبۇرىي سۈرئەت ئۆزگەرتكۈزۋېتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا ئىنكاسسىز ھالەتتە كەينىدىن سوقۇلۇش كېلىپ چىقسا، سىزنىڭ مەسئۇلىيىتىڭىز بولمايدۇ.

2-، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل كەينىگە ياندۇرغاندا، ياكى كەينىگە مېڭىپ كەتكەندە

ئالدىدىكى ئاپتوموبىل كەينىگە ياندۇرۇش جەريانىدا، سىز كەينىدىن سوقۇپ قويسىڭىز، ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. يەنە بىرى، دۆڭلەردە، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل كەينىگە سېرىلىپ كېتىپ سوقۇلۇپ كەتسىمۇ، يەنىلا ئالدىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.

3-، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل يول سىزىقىنى دەسسەپ ماڭغاندا

ئاپتوموبىل يانداشقا ئامراق شوپۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى يانداشقا قولاي بولسۇن ئۈچۈن، كۆپىنچە سىزىق دەسسەپ مېڭىپ سالىدۇ. بۇلار تۇيۇقسىزلا تورمۇز قىلىپ، كەينىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ كەينىدىن سوقۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئالدىدىكى سىزىق دەسسەپ ماڭغان ئاپتوموبىلنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.

4-، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل باشقا ئاپتوموبىللار بىلەن قېيدىشىپ ماشىنا ھەيدىگەندە

يوللاردا بۇنداق شوپۇرلار يەنىلا بار، ئالدىڭىزدا ئاستا ماڭىدۇ، سىز ياندىماقچى بولغاندا تۇيۇقسىزلا سۈرئىتىنى ئاشۇرىدۇ. يول ئۆزگەرتسىڭىز ئۇمۇ يولىنى ئۆزگەرتىدۇ، بەزىدە سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، تۇيۇقسىزلا تورمۇز تۇتىدۇ، ئاپتوموبىلدا يول يۈرۈشنى خاتىرىلەش ئەسۋابى بولسىلا، بۇ خىل ئەھۋالدا كېلىپ چىققان كەينىدىن سوقۇلۇشتا، شۇ ئاپتوموبىلنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.

5-، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتكەندە

قىزىل چىراقنى بېسىپ ئۆتكەندە 6 نومۇر تارتىلىدۇ، لېكىن بىر قىسىم شوپۇرلار يەنىلا دىققەت قىلمايدۇ. باشقىلارنىڭ قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈشى تۈپەيلىدىن كەينىدىن سوقۇپ قويسىڭىز، مەسئۇلىيەت يەنىلا شۇلارنىڭ بولىدۇ.

6-، ئالدىدىكى ئاپتوموبىل نورمال مېڭىۋاتقان يۈرۈش يولىدا سەۋەبسىز توختىغان بولسا

بىر قىسىم شوپۇرلار، نېمە مەقسەتتىكىن، ئاپتوموبىللارنى يۈرۈش يولىدا توختىتىۋالىدۇ، ئەگەر ئەگمە يول قاتارلىق كۆرۈش دائىرىڭىزنىڭ سىرتىدىكى يۈرۈش يوللىرىدا توختىغان بولسا، بۇ خىل ئەھۋاللاردا ئاسانلا ھادىسە يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ھالەتتە شۇ توختىۋالغان ئاپتوموبىلنىڭ مەسئۇلىيىتى ھېسابلىنىدۇ.