سوغۇق زوراۋانلىق ھازىرقى ئاجرىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبىگە ئايلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-08-25 17:15

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلاپ بېرىشى بارغانسېرى جەمئىيەتنىڭ دېققىتىنى تارتىشقا باشلىدى، ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم جەمئىيەتشۇناسلار بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ، خېلى كۆپ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلدى. بۇ تەتقىقاتلاردا ئازاتلىقتىن تاكى 1980-يىللارغىچە بولغان نىكاھتىن ئاجرىشىش سەۋەبلىرىنى ئاساسلىقى ئىقتىساد، مەدەنىيەت سەۋىيەسىنىڭ تۆۋەنلىكى، كىچىك نىكاھلىنىش، ئائىلە زوراۋانلىقى، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىنى مونوپول قىلىۋېلىشى قاتارلىق تەرەپلەرگە باغلىغان بولسا، 1980-يىللاردىن كېيىنكىسىنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىپ بېرىشى، چاقماق تېزلىكىدە توي قىلىش، تالاغا قاراش، بىر تەرەپنىڭ قىمار، چېكىملىك، ئىچىملىككە بېرىلىشى، ئەرنىڭ زوراۋانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرگە باغلىدى. دېمىسىمۇ، ئاجرىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يۇقارقى نۇقتىلار ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. ئۇنداقتا نۆۋەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا ئاجرىشىش نىسبىتىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلەپ كېتىشىدىكى تۈپ سەۋەب زادى نېمە؟ بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى ئابىدە ئىبراھىمنىڭ شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «سوغۇق زوراۋانلىق ۋە ئۇنىڭ نىكاھ تۇرمۇشىمىزدىكى ئىپادىلىرى» ماۋزۇلۇق ماقالىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمىز، ياقتۇرۇپ ئاڭلىغايسىلەر!

 

نەشر ھوقۇقى جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىغا تەۋە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.