بۇ بەش يىلدىكى ئۆزگىرىشلەر (26) –قورغاس شەھىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئوسمانجان يۈسۈپ|     يوللانغان ۋاقىت: 2017-10-09 15:03

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەت يېڭى بىر نۆۋەتلىك تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىگە كىردى. قورغاس شەھىرىمۇ بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى، تەرەققىياتنى يىتەكلىگۈچى ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، جۇغراپىيلىك ئورۇن جەھەتتىكى خاسلىقى، قاتناش قولايلىقى، بازارغا يېقىنلىقى، بوشلۇقنىڭ كەڭلىكى، يوشورۇن كۈچىنىڭ زور بولۇشى قاتارلىق ئەۋزەللىكلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر ساھە ھەر كەسپلەردە ئوخشىمىغان تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈردى.

بۈگۈنكى يۈرۈشلۈك سۆھبەت خاتىرىمىز "بۇ بەش يىلدىكى ئۆزگىرىشلەر"دە مۇخبىرىمىز گۈلبەھرەم مۇختارنىڭ قورغاس شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى غۇلام غىياسىدىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ؛

«بۇ بەش يىلدىكى ئۆزگىرىشلەر» ناملىق يۈرۈشلۈك سۆھبەت خاتىرىمىز رادىيودا ھەر كۈنى كەچ ئۈرۈمچى ۋاقتى 8:30 دا تۇنجى قېتىم، ئەتىسى ئەتتىگەن 7:00 دە تەكرار ئاڭلىتىلىدىغان «جۇڭگوغا نەزەر» پروگراممىسىدا ئاڭلىتىلىدۇ، دەل ۋاقتىدا ئاڭلاشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسلەر.