ماررىئوت مېھمانخانىسى شياڭگاڭ، شىزاڭنى «دۆلەت» قاتارىغا تىزغانلىقى سەۋەبىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2018-01-12 09:51

يېقىندا ماررىئوت مېھمانخانىسى گۇرۇھى (Marriott International) جۇڭگولۇق ئەزالىرىغا يوللىغان مەلۇم پائالىيەت ھەققىدىكى ئېلخەتتە، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونى ۋە شىزاڭنى «دۆلەت» قاتارىغا تىزغانلىقى سەۋەبىدىن، جۇڭگولۇق ئەزالىرى ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

تۈنۈگۈن (10-يانۋار) كەچ سائەت 20 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مىكروبىلوگىدا بۇ ھەقتە ئەڭ يېڭى ئۇچۇر ئېلان قىلىندى.

مەزكۇر ئۇچۇردا ماررىئوت مېھمانخانىسىنى باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ شاڭخەيدىكى مەسئۇلى ۋە ماررىئوت خەلقئارا گۇرۇھىنىڭ بۈيۈك جۇڭخۇا رايونى مەسئۇلىنى چاقىرتىپ سۆھبەتلەشكەنلىكى، ماررىئوت مېھمانخانىسىدىن بۇ ئىشقا چېتىشلىق مەزمۇنلارنى دەرھال ئۆچۈرۈشنى ھەم تور بېكىتى ۋە ئەپ دېتالىدا ئېلان قىلغان بارلىق ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، مۇشۇنداق مەزمۇنلارنىڭ قايتا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ماررىئوت خەلقئارا مېھمانخانىسىدىن يەنە ئاممىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىش، تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق تۈزىتىش باياناتى ئېلان قىلىش، ناچار تەسىرنى ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن تۈگىتىشىنى تەلەپ قىلىنغان.

دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ماررىئوت خەلقئارا مېھمانخانىسىنىڭ قىلمىشى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ بولغاچقا، خۇاڭپۇ رايونلۇق بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.