2018-يىلى شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىدا 30 تۈرلۈك پۇل كۆپىيىدىكەن
0
2018-02-08 00:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

2018-يىلى، شىنجاڭلىقلارنىڭ تۇرمۇشىدا يەنە قايسى تۈرلەردىن ھەق ئېلىنمايدۇ؟

بەھرىمەن بولىدىغان قانداق پاراۋانلىقلىرى بار؟

بىز تولىمۇ خۇرسەنلىك بىلەن بۇلارنى رەتلەپ چىقتۇق. تارتىنمىغايسىلەر!

تولۇقسىز ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى شىنجاڭلىقلار بەھرىمەن بولىدىغان پۇللار دۆلەت ياردىمى، ئۆلچەمنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، مۇكاپات، ھەقنى كۆتۈرۈۋېتىش بويىچە 30 تۈرگە يېتىدىكەن.

كىرىمنى ئاشۇرۇش جەھەتتە

1. كۈتۈنۈش پۇلى يەنە ئۆستۈرۈلىدۇ.

2018-يىلى كۈتۈنۈش پۇلى ئۇدا ئۆسكەن 14-يىل بولىدىكەن. ئۆسۈش نىسبىتى %5 ئەتراپىدا بولىدىكەن. قولىغا تېگىدىغان كۈتۈنۈش پۇلى يەنە ئۆسسە، ياشانغانلىرىمىزنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدىغىنى ئېنىق.

2. كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ پېنسىيە كىرىمى كۆپىيىدۇ.

2018-يىل 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «كارخانا يىللىق پۇلى چارىسى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. بۇ «چارە» بويىچە، كارخانا يىللىق پۇلىنى كارخانا ۋە شەخس ئورتاق تاپشۇرىدۇ، كارخانا تاپشۇرىدىغان يىللىق پۇل شۇ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى مائاش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %8دىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇنىڭ پايدىلىق يىرى شۇكى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىدا يەنە كۈتۈنۈش جۇغلانمىسى قوشۇلۇپ، شەخسنىڭ يەنە بىر تۈرلۈك پېنسىيە كىرىمى كۆپىيىدۇ.

3. 2018-يىلى ھېيت-بايرام مەزگىلىدىكى”ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشى“ ئۆسىدۇ

ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىمۇ تەبىئىي ئۆسىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، 2018-يىلى سىزنىڭ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىڭىز 2017-يىلدىكىدىن كۆپ بولىدۇ.

4. ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن بېرىلىدىغان پاراۋانلىق يەنە ئۆسىدۇ!

مەملىكەتلىك ئىشچىلار باش ئۇيۇشمىسى ئىشچىلارغا پاراۋانلىق تارقىتىش توغرىسىدا يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم ئىشلىرىدا ئۇلارغا بەلگىلىك سوممىدا ھال سوراش پۇلى بېرىشكە، پېنسىيەگە چىقسا، خىزمەتتىن ئايرىلسا بەلگىلىك سوممىدا خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىپ بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

5. دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقانلارغا بېرىلىدىغان ياردەم ئۆستۈرۈلىدۇ

مەملىكەتلىك ئاسپىرانت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئىچىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى دوكتور ئاسپىرانتلىرى (تۇراقلىق مائاش كىرىمى بارلىرى بۇنىڭ سىرتىدا) غا بېرىلىدىغان دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنىڭ ئۆلچىمى ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەزگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىكى دوكتور ئاسپىرانتلىرىغا بېرىلىدىغان يىللىق ياردەم پۇل 12000 يۈەندىن 15000 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ. يەنى ھەر بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر ئايلىق ياردەم پۇلى 250 يۈەن ئۆسىدىكەن.

6. بۇ يەتتە تۈردىكىلەرنىڭ مائاشى ئۆستۈرۈلىدۇ

يەنى ماھارەت ئىختىساسلىقلىرى، يېڭىچە كەسىپلەشكەن دېھقانلار، پەن تەتقىقات خادىملىرى، كىچىك-مىكرو كارخانا قۇرغۇچىلىرى، كارخانىلارنىڭ تىجارەت باشقۇرۇش خادىملىرى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قوشۇنى، ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە ئېغىر قىيىنچىلىقتا قالغانلار.

دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون ياردىمى

7. ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش تولۇقلىمىسى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش دائىرىسى: تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەن بويىچە دۆلەت دەرىجىلىك چوڭ-چوڭ مۇكاپات تۈرىگە ئېرىشكەن كەسپىي تېخنىكا خادىمى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە ياردىمىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسسىس قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن كىرگۈزگەن مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارغا، ئۈرۈمچى شەھىرى ماگىستىرلارغا 25 مىڭ يۈەن، دوكتۇرلارغا 35 مىڭ يۈەنلىك ئۆلچەم بويىچە تۇرمۇش ياردىمى تارقىتىپ بېرىدىكەن ھەمدە ”سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ تۇرسىلا بولىدىغان“ ئىختىساسلىقلار ياتاق ئۆيى تەمىنلەپ بېرىدىكەن.

8. ئىشسىزلارغا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش يولغا قويۇلماقچى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى نىزامى (تۈزىتىش لايىھەسىگە پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» توغرىسىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارا پىكىر ئالغان. «نىزام»نىڭ بۇ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىغا، ئىشسىزلارغا ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇپ بېرىش، كەسپىي ماھارەت دەرىجىسىنى بېكىتىش ياردىمى ۋە ئىگىلىك تىكلەش ياردىمى بېرىش قاتارلىق تۈرلەر يېڭىدىن قوشۇلغان بولۇپ، داۋالىنىش ياردىمى بېرىش ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ۋاكالىتەن تاپشۇرۇش بېرىشكە تەڭشەلگەن.

بۇنداق بولغاندا، شىنجاڭلىقلارنىڭ خېلى كۆپ پۇلى تېجىلىپ قالىدۇ-دە، ئىشسىزلار ”قېرىغاندا كۈتۈنۈش“ غېمىدىن خالاس بولىدۇ.

9. قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلىدۇ

ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، 2018-يىلى مەركەز مالىيەسىنىڭ 2018-يىللىق قىيىنچىلىقتا قالغان ئاممىغا بېرىلىدىغان قۇتقۇزۇش ياردىمى خامچوت كۆرسەتكۈچى 92 مىليارد 864 مىليون 70 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا 3 مىليارد 843 مىليون 670 مىڭ يۈەن تەقسىملەپ بېرىلگەن.

 

بۇ پۇل ئاساسلىقى تۆۋەن كاپالەت، ئالاھىدە قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى قۇتقۇزۇش ۋە بېقىش، يېتىم بالىلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش كاپالىتى قاتارلىقلارغا، شۇنىڭدەك سەرگەردان ۋە تىلەمچىلەرنى قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش چىقىمى، تۆۋەن كاپالەت پۇلى، تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنى قۇتقۇزۇش، بېقىش پۇلى قاتارلىقلارغا سەرپ قىلىنىدىكەن.

10. داۋالىنىش مالىيە ياردىمى

2018-يىلى مەركەز مالىيەسىدىن داۋالاپ قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىلىدۇ. بۇ قۇتقۇزۇش ياردىمى بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار: جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە كۆرۈلگەن جىددىي ئېغىر، خەتەرلىك كېسەللەر، جىددىي قۇتقۇزۇشقا تېگىشلىك ئەمما سالاھىيىتى ئېنىق ئەمەس، ياكى مۇناسىپ چىقىملارنى تاپشۇرۇشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان بىمارلار.

مەركەز مالىيەسىنىڭ 2018-يىللىق داۋالىنىش قۇتقۇزۇشىغا بېرىلىدىغان ياردەم خامچوت كۆرسەتكۈچى 10 مىليارد 789 مىليون 320 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭدىن شىنجاڭغا 445 مىليون 780 مىڭ يۈەن تەقسىملەپ بېرىلگەن.

11. مېيىپلار ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ياردىمى

ئادەتتىكى جامائەت خامچوت مەبلىغى مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقتا قالغان مېيىپلارنى ئەمەلىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش، مېيىپلارنىڭ موتورلۇق ھارۋىسىغا يېقىلغۇ ياردىمى بېرىش، شۇنىڭدەك ئىللىق ئائىلە پىلانى بويىچە ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەر، روھىي كېسەللەر ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى جىسمانىي مېيىپلارنى ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى قاتارلىق چىقىملارغا سەرپ قىلىنىدۇ.

12. چوڭ ياشلىقلارغا ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ

شىنجاڭدىكى چوڭ ياشلىقلارغا ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتىنىڭ كونكرېت بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، ياردەم پۇل ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ، مەھەللىدە نوپۇسى بار، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى 80 ياشتىن ئاشىدىغان (80 ياشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ياشانغانلار ئالسا بولىدۇ.

80 ياشتىن 89 ياشقىچە ئارىلىقتىكى ياشانغانلارغا ھەر ئايدا 50 يۈەن، يېرىم يىلدا جەمئىي 300 يۈەن بېرىلىدۇ؛ 90 ياشتىن 99 ياشقىچە ئارىلىقتىكى ياشانغانلارغا ھەر ئايدا 120 يۈەن، يېرىم يىلدا جەمئىي 720 يۈەن بېرىلىدۇ؛ 100 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلارغا ھەر ئايدا 200 يۈەن، يېرىم يىلدا جەمئىي 1200 يۈەن بېرىلىدۇ.

13. يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردىمى

ياز كىرىپ تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ كەتسە، سىز يەنە يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياردىمىگە ئېرىشىسىز. بۇ ياردەم ھەر بىر ئادەمگە ھەر كۈنى 10 يۈەندىن 20 يۈەنگىچە.

14. يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردىمى

مەركەز مالىيەسىنىڭ 2018-يىللىق يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش ياردىمى خامچوت كۆرسەتكۈچى 18 مىليارد 591 مىليون 620 مىڭ يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭغا 2 مىليارد 289 مىليون 590 مىڭ يۈەن تەقسىملەپ بېرىلگەن.

15. ئىش ئىزدەش-ئىگىلىك تىكلەش ياردىمى

2016-يىلدىن باشلاپ، ئىش ئىزدەش ياردىمى ئىش ئىزدەش-ئىگىلىك تىكلەش ياردىمىگە تەڭشىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەر، مېيىپلار، دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردىمى قەرزىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقان ھەم ئوقۇش پۈتتۈرۈش يىلىدا تۇرۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىش ئىزدەش-ئىگىلىك تىكلەش ياردىمى بېرىلىدۇ. بۇ ياردەم ھەر بىر ئادەمگە 800 يۈەن بويىچە بىر قېتىمدىلا تارقىتىپ بېرىلىدۇ.

16. ئەسكەرلىككە كىرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مۇكاپاتلىنىدۇ

ئالىي مەكتەپكە يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن ئوقۇغۇچى دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئۈچۈن ئەسكەرلىككە كىرسە، دۆلەت ئۇنىڭ مەكتەپتىكى چېغىدا تاپشۇرغان ئوقۇش پۇلىنى بىر قېتىمدا تۆلەپ بېرىدۇ ياكى ئالغان دۆلەت ئوقۇش ياردىمى قەرزىنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ چاقىرىققا بىنائەن ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئۈچۈن ئەسكەرلىككە كىرىشتىن بۇرۇن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان (يېڭى ئوقۇشقا كىرگەن) ئوقۇغۇچى ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەۋاتقان مەزگىلىدە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ئۇنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ياكى ئوقۇش سالاھىيىتى ساقلاپ قىلىنىدۇ. ئەسكەرلىكتىن قايتقاندىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ياكى ئوقۇشقا كىرىشنى خالىسا، دۆلەت ئۇنىڭ ئۇقۇش پۇلىنى كېمەيتىپ بېرىدۇ.

17. ئىشسىزلىق تولۇقلىمىسى

شىنجاڭدا ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچى ھەر ئايدا ئۆزى تۇرۇشلۇق جاينىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاش ئۆلچىمىنىڭ %75 ياكى %85 بويىچە ئىشسىزلىق پۇلىغا ئېرىشىدۇ. كونكرېت ئەھۋالنى ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جايدىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

18. شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئائىلىلىرى

2017-يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، يېزىلارنىڭ ھەر ئايلىق تۆۋەن كاپالەت ياردىمى ئەسلىدىكى 161 يۈەندىن 176 يۈەنگە، شەھەرلەرنىڭ ھەر ئايلىق تۆۋەن كاپالەت ياردىمى ئەسلىدىكى 300 يۈەندىن 310 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى. شىنجاڭدا 2 مىليۇن 550 مىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسى تۆۋەن كاپالەت ياردىمىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ.

19. ئوتلاق ئېكولوگىيەسى تولۇقلىمىسى

يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق كۆپ تارماق بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان سىياسەت ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، 2018-يىلى يېزا ئىگىلىكىگە بېرىلىدىغان تولۇقلىما تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. چىڭخەي، شىنجاڭ، شىزاڭ، ئىچكى موڭغۇل، سىچۈەن، گەنسۇ، يۈننەن، نىڭشيا، خېبېي قاتارلىق توققۇز ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونغا ئوتلاق ئېكولوگىيەسى تولۇقلىمىسى بېرىلىدۇ، ئۆلچىمى ھەر يىلى ھەر موسىغا 7.5 يۈەن؛ ئوتلاق-مال تەڭپۇڭلۇقىغا مۇكاپات بېرىلىدۇ، ئۆلچىمى ھەر يىلى ھەر موسىغا 2.5 يۈەن.

ئاتچوت تۈرى

20. چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت نىسبىتى ئۆستۈرۈلىدۇ

نامراتلار بالنىتستا ياتسا، بىر قېتىملىق دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىشقا چەك سىزىق قويۇلمايدۇ؛ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىش، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ھەققىنى ئاتچوت قىلىش نىسبىتى %5 ئۆستۈرۈلىدۇ؛ چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ دەسلەپكى تۆلەش ئۆلچىمى %60كە تۆۋەنلىتىلىپ، ھەر قايسى باسقۇچلۇق ئاتچوت نىسبىتى %5 تىن كۆپرەك ئۆستۈرۈلىدۇ.

21. 36 تۈرلۈك يۇقىرى باھالىق، چوقۇم ئېھتىياجلىق دورا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

دۆلەتنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى بويىچە دورا كاتالوگىنىڭ B تۈرى دائىرىسىگە 36 تۈرلۈك دورا كىرگۈزۈلىدۇ. بۇ 36 تۈرلۈك دورىنىڭ كۆپىنچىسى يۇقىرى باھالىق، چوقۇم ئېھتىياجلىق دورا. دېمەك بۇنىڭدىنمۇ خېلى كۆپ چىقىم تېجىلىپ قالىدۇ.

22. ئۆلكە ئاتلاپ داۋالانسا بىۋاسىتە ئاتچوت قىلىنىدۇ

شىنجاڭدىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان سۇغۇرتىلانغۇچى باشقا جايدىمۇ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى كارتىسىنى ئىشلىتەلەيدۇ. داۋالىنىۋاتقان جاينىڭ چىقىم دائىرىسى ۋە سۇغۇرتىلىغان جاينىڭ ئاتچوت تەمىناتىغا ئاساسەن، شەخس ھەقنى ئاۋۋال ئۆزى تۆلەپ ئاندىن ئۆز جايىغا قايتىپ ئاتچوت قىلدۇرىمەن دەپ يۈرمىسىمۇ بولىدۇ.

ھەقسىز قىلىنغان تۈرلەر

23. ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى بىمارلىرى ھەقسىز داۋالىنىدۇ

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئۆپكە تۇبېركۇليۇزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئاپپاراتى (نۇقتىلىق دوختۇرخانا) بىردەك تەسىس قىلىنىپ، دەسلەپكى دېئاگنۇزدا ئۆپكە تۇبېركۇليۇزنىڭ گۇمانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەن بىمارلار ھەقسىز تەكشۈرۈلىدۇ ۋە داۋالىنىدۇ.

24. ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى كاپالىتى

دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۈرلۈك قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشقان دېھقان ئىشلەمچىلەر ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.

25. ئاھالىلەر چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىدىن شەخس تاپشۇرىدىغان ھەق ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلار چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى ئۈچۈن ھەق تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەق قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ يىلىغا 25 يۈەن، بالىلارنىڭ 8 يۈەن ئىدى. كۆپچىلىك ئەمدى بۇ پۇلغا تۇز سېتىۋالساڭلار، بىر يىلغا يېتىپ قالىدۇ جۇمۇ!

26. پۇل ئامانەت قويۇش-ئېلىش ۋە يۆتكەش رەسمىيەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

ئىلگىرى باشقا جايدىكى ئوخشاش بىر بانكىدا پۇل ئامانەت قويۇش-ئېلىش ۋە يۆتكەشكە رەسمىيەت ھەققى ئېلىناتتى. ئەمما ھازىر بۇ رەسمىيەت ھەققى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئەمما، بانكا ئاتلىغان كەسىپكە يەنە داۋاملىق رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ.

27. 2018-يىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار 20 كۈن ھەقسىز قىلىنىدۇ.

2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلى ئېلان قىلىندى. جەدۋەلدىن قارىغاندا، ھەقسىز قىلىنغان ۋاقتى 20 كۈنگە يېتىدىكەن.

كونكرېت ئەھۋال مۇنداق:

چاغان مەزگىلىدە 7 كۈن، چوكانتال بايرىمىدا 3 كۈن، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا 3 كۈن، دۆلەت بايرىمىدا 7 كۈن

چاغان مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى:

2018-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (ھارپا كۈنى)دىن سائەت 0 دىن، 2018-يىل 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سائەت 24 گېچە.

چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى:

2018-يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 0دىن، 2018-يىل 4-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24 كېچە.

ئەمگەكچىلەر بايرىمى مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى:

2018-يىل 5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن، 2018-يىل 5-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 24 كېچە.

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى:

2018-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن، 2018-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 24 كېچە.

باجنى كېمەيتىش-سېلىقنى ئازايتىش

28. ئىمپورت تاۋار تاموژنا بېجىنى ئازايتىش

دۆلىتىمىز 187 تۈرلۈك تاۋارنىڭ ئىمپورت تاموژنا بېجىنى ئازايتتى. ئوتتۇرىچە باج نىسبىتى ئەسلىدىكى %17.3 تىن %7.7 كە چۈشتى. بۇ تاۋارلار يېمەكلىك، ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى، دورا، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم، ئائىلە سايمانلىرى، مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىقلاردىن تاكى تۈرلۈك ماللارغىچە بولغان ھەر خىل ئىستېمال بۇيۇملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەتتا قىسمەن بوۋاقلار سۈت پاراشوكى ئىمپورتىنىڭ 0 گە چۈشۈرۈلدى. كەلگۈسىدە يەنە تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارنىڭ تاموژنا بېجى ئازىيىشتىن ئۈمىدۋارمىز.

29. 3 يىل ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلدىن سېتىۋېلىش بېجى ئېلىنمايدۇ

2018-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 2020-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، سېتىۋېلىنغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللاردىن سېتىۋېلىش بېجى كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ. مەسىلەن، سېتىۋالغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلىڭىز 120 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولسا، 10 مىڭ يۈەندەك سېتىۋېلىش بېجىنى تېجەپ قالالايسىز. بۇمۇ خېلى راۋرۇس كۆپ پۇل جۇمۇ.

30. قىسمەن باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى ئېلىنمايدۇ

«كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا دائىر قوشۇلما قىممەت بېجى سىياسىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسەن، 2018-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2020-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئايلىق سېتىش سوممىسى 20 مىڭ يۈەن (بۇ ساننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن 30 مىڭ يۈەنگىچە بولغان كىچىك كۆلەملىك قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى كۆتۈرۈۋېتىلىدۇ.

يۇقىرىقىلارنى كۆرۈپ بولۇپ بەلكىم خۇشاللىق ھېس قىلغانسىز. خوش بولغان بولسىڭىز، ئۆز خوشلۇقىڭىز بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، باشقىلارغىمۇ يوللاپ قويۇڭ. ھەممەيلەن بىلىۋالسۇن.

ئەسكەرتىش: ماقالە سوخۇ ئىقتىساد سەھىپىسىدىن تاللانغان. نائېنىق تەرەپلىرى بولسا ئالاقىدار تارماقلارنى ئىزدەپ ياكى ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆرۈپ تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

企业微信截图_20180209160714.png
企业微信截图_20180209160550.png