ئۈندىدار يەنە ئۇقتۇرۇش چىقاردى!بۇ قىلمىشلارغاقاتتىق جازابېرىلىدۇ
0
2018-02-08 00:00:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :بەختىيار غەيرەت

ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىكى كىچىك پىروگراممىلاردا ساقلىنىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلارغا قارىتا، 2-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۈندىدار كوللېكتىۋى قاتتىق ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

يېقىندا، بىز سۇپىمىزدا بىر قىسىم بەلگىلىمىگە خىلاپ كىچىك پىروگراممىلارنى بايقىدۇق. بۇ كىچىك پىروگراممىلار يامان غەرەزدە تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئۈندىدار سۇپىسى بىلەن قارشىلاشتى، بىز بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالمايمىز. بىز ئەزەلدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ كىچىك پىروگراممىلارغا زەربە بېرىپ كەلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۈزلۈكسىز ھالدا بۇ تىپتىكى مەسىلىلەرنى تازىلايمىز. ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، يېقىندا بەلگىلىمىگە خىلاپ كىچىك پىروگراممىلار تۆۋەندىكىدەك بىر تەرەپ قىلىندى:

1. «ساختا مال، يۇقىرى دەرىجە تەقلىد قىلىنغان مال»تۈرىدىكى كىچىك پىروگراممىلار

ھازىرغىچە، بىز«ساختا مال، يۇقىرى دەرىجە تەقلىد قىلىنغان مال» تۈرىدىكى كىچىك پىروگراممىلاردىن 976 نى مەڭگۈلۈك تاقىدۇق، ھەمدە تىزىمغا ئالدۇرۇش، گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش، تەكشۈرۈش ھالقىلىرىدا توسۇپ-چەكلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش بويىچەئېلېكتىرلەشكەن ئەرزىيەت يوللىرى ۋە ماركا ھوقۇقىنى قوغداش ئۈندىدار سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، داۋاملىق بۇ خىل مەسىلىلەرنى بايقايمىز ۋە زەربە بېرىمىز.

2. «سېرىق، پەسكەشلىك»تۈردىكى كىچىك پىروگراممىلار

بىز نەچچە يۈزدىن ئارتۇق«سېرىق، پەسكەشلىك»تۈردىكى كىچىك پىروگراممىلارنى مەڭگۈلۈك تاقىۋەتتۇق،ھەمدە داۋاملىق تۈردە تېخنىكىلىق قائىدە ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاپ، ئابونتلارنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنى ھەل قىلىمىز.

3. بەلگىلىمىگە خىلاپ «نەق پۇل قەرز بېرىش»تۈرىدىكى كىچىك پىروگراممىلار

بىر قىسىم پىروگرامما ئاچقۇچىلار كىچىك پىروگراممىلارنىڭ يېتەكلىشى ياكى سىرتقى يوللار ئارقىلىق «يامان نىيەتتە سېتىش» بىلەن شۇغۇللاندى،نۆۋەتتە بىز بەلگىلىمىگە خىلاپ «نەق پۇل قەرز بېرىش»تۈرىدىكى كىچىك پىروگراممىلاردىن 1000 دىن ئارتۇقىنى مەڭگۈلۈك چەكلىۋەتتۇق، ھەمدە «تورغا چىققاندىن كېيىن نامىنى ئۆزگەرتىش» نىڭ تەكشۈرۈش يوللىرىدا تېخنىكىلىق قائىدە ۋە سۈنئىي ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ ۋە توسۇپ، سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن قاچىدىغان ھالەتكە قاتتىق زەربە بەردۇق.

4. ماگىزىنلارنىڭ قائىدىگە خىلاپ كىچىك پىروگراممىلىرى

بىز بىر قىسىم ساختا ئۇچۇر، قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ تىزىملىتىشقا چېتىلىدىغان ماگىزىن كىچىك پىروگراممىلىرىنىڭ يامان غەرەزدە تەكشۈرۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقىنى بايقاپ، ھازىرغىچە100 دىن ئارتۇق بۇ تۈردىكى پىروگراممىلارنى تاقاپ، ھەمدە ناچار كىچىك پىروگراممىلارنىڭ «يېقىن» ئورۇننى ئاشكارىلاش ئىقتىدارىنى چەكلىۋەتتۇق.

يۇقىرىقى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھادىسىلەر ھەمدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرگە نىسبەتەن، بىز تەكشۈرۈش ۋە چارلاشنى كۈچەيتىپ، داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىپ، بۇنداق قىلمىشلارغا قىلچە يول قويمايمىز. بىز شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، كىچىك پىروگراممىلار كېڭىيىش داۋامىدا، بىر قىسىم ئەنئەنىۋىي «قارا مال»لار كىچىك پىروگراممىلارغا كۆز تىكىپ، بىر قىسىم كىچىك پىروگراممىلار يامان غەرەزدە سېتىش پائالىيەتلىرىگە ئىشلىتىلدى، بىز ئوخشىمىغان تاكتىكا ۋە چارىلەرنى قوللىنىپ، بۇلارغا داۋاملىق قاتتىق زەربە بېرىمىز.

بىز كىچىك پىروگراممىلارنىڭ يامان غەرەزدە ئىشلىتىلىشىنى خالىمايمىز، بۇ پىروگرامما ئاچقۇچىلار، ئابونتلار، سۇپىلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىغا موھتاج،كۆپچىلىكنىڭ تېخىمۇ كۆپ يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، قائىدىگە خىلاپ كېچىپ پىروگراممىلارنى پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، بىزمۇ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ كىچىك پىروگراممىلارغا زەربە بېرىمىز، كۆپچىلىك بىرلىكتە ساغلام، ياخشى بولغان كىچىك پىروگرامما ئېكولوگىيەسىنى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

يانفوندا ئۈندىدار ئارقىلىق پاش قىلىشقا كىرىش ئېغىزى:

كىچىك پىروگرامما چۈشەندۈرۈش بېتىگە كىرىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى بۇلۇڭنى چېكىپ «....»دىن پاش قىلىشنى تاللىسا بولىدۇ.

ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ تور بېتىدە پاش قىلىشقا كىرىش ئېغىزى:

ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى تور بېتىنىڭ ئەڭ ئاستىدىكى ھوقۇققا دەخلى -تەرۇز قىلىشنى پاش قىلىش كۆزنىكىنى تاللىسا بولىدۇ.

企业微信截图_20180209160714.png
企业微信截图_20180209160550.png