«ئىككى مەھكىمىنىڭ دوكلاتى»دىكى قىزىق يارقىن نۇقتىلار
0
2018-03-13 17:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

13–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1–يىغىنى 9-مارت 2–ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى، يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە قاراپ چىقىلدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر بولغان بەش يىل، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بەش يىل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 18-، 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەردە زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىدا نەتىجە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن چۈشەندۈرۈلدى، دېلو مىساللىرى ئارقىلىق ئادىللىق نامايان قىلىندى، نەتىجىلەر ئوبيېكتىپ يەكۈنلەندى؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىككە بىۋاسىتە يۈزلىنىلدى، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى گەۋدىلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ شىنجاڭلىق تاجىك ئەزاسى يۈكسەك شىجائەت

 

a02.jpg