”بەييىن چېتىلما قاتىللىق دېلوسى“غا 1-سوت ھۆكۈمى چىقىرىلدى
0
2018-04-12 10:54:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، گەنسۇ ئۆلكىسى بەييىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار گاۋ چېڭيۇڭنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش، جەسەتنى خورلاش قوشۇمچە ھەق تەلەپ دەۋاسى دېلوسى ئۈستىدىن 1-سوت ھۆكۈمى چىقاردى. ھۆكۈمگە ئاساسەن، جاۋابكار گاۋ چېڭيۇڭغا بۇلاڭچىلىق قىلىش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، باسقۇنچىلىق قىلىش، جەسەتنى خورلاش جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى ھەمدە بارلىق خۇسۇسىي مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە جاۋابكار گاۋ چېڭيۇڭ دېلونىڭ ھەق تەلەپ دەۋاسى قىسمىدا دەۋاگەرنىڭ ماددىي زىيىنىنى تۆلەپ بېرىشكە ھۆكۈم قىلىندى.

سوتتا گاۋ چېڭيۇڭ ھۆكۈمگە قايىل بولغانلىقىنى، نارازىلىق ئەرزى سۇنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(سۈرەت رەسىم: 2017-يىل 18-ئاينىڭ 19-كۈنى، بەييىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوتى گاۋ چېڭيۇڭ دېلوسىنى يېپىق سوتتا قاراپ چىقتى)

دېلو جەريانى

1988-يىلدىن 2002-يىلغا قەدەر، جىنايەت گۇماندارى گەنسۇ ئۆلكىسى بەييىن شەھىرىدە ۋە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باۋتوۋ شەھىرىدە ئارقا-ئارقىدىن 11 ئايالغا باسقۇنچىلىق قىلىپ پاجىئەلىك تۈردە ئۆلتۈرۈۋەتكەن. جىنايەت گۇماندارىنىڭ دېلو سادىر قىلىش ۋاقتى 14 يىلغا سوزۇلغان، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 8 ياشتا بولۇپ، جىنايەتچى ئۇنسۇرنىڭ دېلو سادىر قىلىش ۋاسىتىسىنىڭ ۋەھشىيلىكىدىن يەرلىك ئامما بىر مەھەل ۋەھىمىگە چۆككەن. بۇ دېلونى رازۋېتىكىلاپ پاش قىلىش خىزمىتى 28 يىل داۋاملاشقان بولۇپ، ”ئەسىر ھالقىغان چىگىش دېلو“ دەپ ئاتالغان. 2001-يىلى، بۇ دېلو جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىغان دېلو قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

2004-يىلى، بەييىن شەھەرلىك ج خ تارمىقى دېلونىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى جامائەتچىلىككە ئېلان قىلغان ھەمدە 200 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە تەسىس قىلىپ، يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلغان. ئەپسۇسكى، ھېچقانداق بۆسۈش خاراكتېرلىك يىپ ئۇچىغا ئېرىشەلمىگەن.

2016-يىل 3-ئايدا، گەنسۇ ئۆلكىلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى رازۋېدكا خىزمىتىنى قايتا قوزغىغان. ئىقتىسادىي جىنايەتكە چېتىلغان گاۋ فامىلىلىك بىر ئەرنىڭ DNA سىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دېلوغا يىپ ئۇچى بولغان. يەنى، ج خ ئورگىنى بۇ ئەرنىڭ بويالغۇچى تەنچە Y-DNAسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، چېڭخې كەنتىدىن گاۋ فامىلىلىك ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېلو سادىر قىلغانلىق گۇمانىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن، ھەممىسىنىڭ بارماق ئىزىنى بىربىرلەپ كىرگۈزۈپ چىققان. گاۋ چېڭيۇڭنىڭ بارماق ئىزى ۋە DNAسىنى تەكشۈرگەندە، ئۇنىڭ بارماق ئىزى دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيداندىكى بارماق ئىزىغا يۇقىرى دەرىجىدە ماس كېلىدىغانلىقى بايقالغان. 2016-يىل 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، 52 ياشلىق جىنايەت گۇماندارى گاۋ چېڭيۇڭ تورغا چۈشكەن. دەسلەپكى قەدەملىك سوراق جەريانىدا، گاۋ چېڭيۇڭ 1988-يىل 5-ئايدىن 2002-يىل 2-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتىكى باسقۇنچىلىق، قاتىللىق جىنايىتىنى تولۇق تاپشۇرغان.

2016-يىل 11-ئاينىڭ 24-كۈنى، گاۋ چېڭيۇڭ ئەيىبلەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

2017-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، بەييىن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى گاۋ چېڭيۇڭ توغرىسىدىكى ئەيىبلەش ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلغان. 2017-يىل 7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە، بەييىن شەھىرىدىكى چېتىلما قاتىللىق دېلوسى بەييىن شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ 1-سوتىدا يېپىق قاراپ چىقىلغان.

2017-يىل 7-ئاينىڭ 20-كۈنى، گەنسۇ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سىرتقا ئاشكارىلىشىچە، دېلو قاراپ چىقىلغان پۈتكۈل جەرياندا، كېڭەشمە سوت سوتلاش مەركەز قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىدە چىڭ تۇرۇپ، جاۋابكارنىڭ ۋە دەۋا قاتناشچىلىرىنىڭ دەۋا ھوقۇقىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلغان. دېلو ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى، مۇرەككەپلىكى، چىگىشلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە ئاساسەن سوتنى ئاياغلاشتۇرۇپ، باشقا بىر كۈنى ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

2018-يىل 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، گەنسۇ ئۆلكىسى بەييىن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2018-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 10دا، ئورگان بىناسىنىڭ 1-قەۋىتىدىكى چوڭ سوت زالىدا گاۋ چېڭيۇڭنىڭ بۇلاڭچىلىق قىلىش، قەستەن قاتىللىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، جەسەتنى خورلاش دېلوسىغا ئوچۇق سوت ئاچىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

28 يىلغا سوزۇلغان قاتىل تۇتۇش جەريانىغا نەزەر

گاۋ چېڭيۇڭنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇش ئىزلىرى:

گاۋ چىڭيۇڭ 1964-يىل 11-ئاينىڭ 10-كۈنى تۇغۇلغان، گەنسۇ ئۆلكىسى لەنجۇ شەھىرى يۈجۇڭ ناھىيەسى چىڭچېڭ بازىرى چېڭخې كەنتىگە نوپۇسقا ئېلىنغان؛

1984-يىلى، گاۋ چېڭيۇڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن، قايتا ئوقۇپمۇ يەنە ئۆتەلمىگەن. كېيىن ئىشلەمچىلىك قىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان. باشقۇرۇلىدىغان تىغلىق ئەسۋابلارنى ئېلىپ سېتىش بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ باققان.

1986-يىلدىن 1987-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، گاۋ چېڭيۇڭ جاڭ فامىلىلىك بىر ئايال بىلەن توي قىلغان، تويدىن كېيىن چىڭخەي ۋە ئىچكى موڭغۇلدا ئىشلەمچىلىك قىلغان؛

1988-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، 24 ياشلىق گاۋ چېڭيۇڭ تۇنجى قېتىم قاتىللىق قىلغان. شۇ يىلى، گاۋ چېڭيۇڭنىڭ چوڭ ئوغلى تۇغۇلغان؛

2002-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، 38 ياشلىق گاۋ چېڭيۇڭ ئاخىرقى قېتىملىق قاتىللىق دېلوسىنى سادىر قىلغان. شۇ يىلى، گاۋ چېڭيۇڭنىڭ ئوغلى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىدى.

بىرىنچى دېلو: 1988-يىل 5-ئاينىڭ 26-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىن ئاشقاندا، 23 ياشلىق بەي فامىلىلىك بىر ئايال خىزمەتچى بەييىن شەھىرى بەييىن رايونىدىكى ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛

ئىككىنچى دېلو: 1994-يىل 7-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، بەييىن شەھەرلىك توك تەمىنلەش ئىدارىسىنىڭ 19 ياشلىق، شى فامىلىلىك بىر خىزمەتچىسى ياتاق ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛

ئۈچىنچى دېلو: 1998-يىل 1-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن ئاشقاندا، بەييىن رايونى غالىبىيەت كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق 29 ياشلىق، ياڭ فامىلىلىك بىر ياش قىز ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛

تۆتىنچى دېلو: 1998-يىل 1-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 5تىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، بەييىن رايونى شۇيچۇەن يولىدا ئولتۇرۇشلۇق 27 ياشلىق، دېڭ فامىلىلىك بىر ياش ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛

بەشىنچى دېلو: 1998-يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 6دىن ئاشقاندا، بەييىن شەھەرلىك توك تەمىنلەش ئىدارىسىنىڭ زېڭ فامىلىلىك خىزمەتچىسىنىڭ 8 ياشلىق قىزى مياۋ مياۋ (يالغان ئىسىم) ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛

ئالتىنچى دېلو: 1998-يىل 11-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا، بەييىن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر شىركەتنىڭ سۈي فامىلىلىك بىر ياش ئايال خىزمەتچىسى بەييىن رايونى دۇڭشەن يولىدىكى ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛

يەتتىنچى دېلو: 2000-يىل 11-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن ئاشقاندا، بەييىن پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ 28 ياشلىق، لو فامىلىلىك بىر ئايال ئىشچىسى ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛

سەككىزىنچى دېلو: 2001-يىل 5-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا، بەييىن رايونى ئاياللار ۋە بالىلار ساقلىق ساقلاش پونكىتىنىڭ 28 ياشلىق، جاڭ فامىلىلىك سېستراسى شۇيچۇەن يولىدىكى ئۆيىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛

توققۇزىنچى دېلو: 2002-يىل 2-ئاينىڭ 9-كۈنى، 25 ياشلىق، جۇ فامىلىلىك بىر ئايال بەييىن رايونىدىكى بىر مېھمانخانىنىڭ ياتىقى ئىچىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.

 

U020180412334812559665.jpg